باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7358 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇنبەر دېگەن!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5102 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 22:18

مۇنبەر دېگەن!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24)
    

مۇنبەر دېگەن!
ئۆمەر

مۇنبەر دېگەن مەۋھۇم بىر دۇنيا،
نېقاب تارتقان تانسا مەيدانى؛
دىلخەستلەرگە دىلكەش ئۇ گويا،
تاپالايسەن سىرداش ھەمرانى!

بۇندا تولا شائىر، ئەدىبلەر،
قەلەم بىلەن ئاتلانغان جەڭگە.
قەلەم ھەققى، موكاپاتىغا
مۇنبەرلەردىن تارقىتار تەڭگە.

بۇ تەڭگە ھەم مەۋھۇم تەڭگىدۇر،
مىڭ تەڭگىگە كەلمەيدۇ بىر نان.
مۇنبەرلەرگە خۇمار بەڭگىدۇرـ
مەيلى كونا يا يېڭى مېھمان!

مۇنبەرنىڭمۇ بولغىنى ياخشى،
ئۇ ئەمەسمۇ تېمى يوق مەكتەب.
ئەزانىڭمۇ تولغىنى ياخشى،
خېرىدارسىز قالغاندىن ئەسنەپ!

باشقۇرغۇچى ــ جاپاكەش ئىنسان،
ھەق، سىتاژسىز بىكارلىق كادىر.
لايىق ئەمەس ئاڭا دۆت، نادان،
مەلۇم ساپا قىلمىسا ھازىر!

ۋالاقلىما چاچرىتىپ كۆپۈك،
بولمىساڭلا تولمىغان چېلەك؛
ئىنكاس قوپال، قاپاقلار تۈرۈك،
شۇنچە كېبرى قىلماق نە كېرەك؟

ئەزا ئۈچۈن ئىللىق ھەم سىلىق -
بولماق كېرەك، چىقارماي پۇتاق؛
سەن گويا سۇ، ئەزالار بېلىق -
بوپ ئۆز-ئارا ئۆتەيلى ئېناق!...
  
مۇنبەر دېگەن دەۋەت سورۇنى،
ئېمان-ئىسلام بىزنىڭ غايىمىز!
قورققانغا كۆرۈنىدۇ قوش،
خەتەرلىكتۇر ھەتتا سايىمىز!...
  
توشقانچىلىك يۈرەككە ئېگەـ
ئەمەس توۋا، لېكىن گاھىمىز.
قورققانغا ئۆلمىسەك ئىدۇق،
پەقەت قەبرە بارار جايىمىز!...



مەنبە: ئۆزۈم
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5102 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-31 14:11

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى taranqi217 نىڭ 2011-03-31 00:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئۆمەركامنى تۇنجى قىتىم كۆرىشىم!
ئەسسالام ئەلەيكۇم .............
شىئىرنىڭ قاتىلىكەنسىز-ھە.........

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم! سىز دېگەندەك مەن شېئىرنىڭ قاتىلى بولسام يازغانلىرىم ئۆلۈك، جېنى يوق شېئىر ئوخشىمامدۇ؟(چاقچاق)
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5102 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-04-11 23:59

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2011-04-11 13:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
سىز ئەسلى شائىرمۇ يا!؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     بۇ سوئالىڭىزغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم قېرىندىشىم. ئىش قىلىپ ئىلھامىم كەلسە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قويىمەن، بۇنىڭلىق بىلەن شائىر بولۇپ كېتىشىممۇ ناتايىنغۇ دەيمەن، ئەڭ ياخشىسى ماڭا ھەم مەندەكلەرگە خەلقىمىز باھا بەرسۇن!...
   تۆۋەندە مەرھۇم شائىرىمىز نۇرمۇھەممەد ئېركىنىڭ <<داغدا مەن!>>دېگەن شېئىرىدىن بىر كوپلېت ئارىيە كەلتۈرۈپ قويۇشنى توغرا تاپتىم:

يازسام يازغۇدەك ماغدۇرۇممۇ بار،
پۇتۇم پاتمايدۇ يولۇم شۇنچە تار،
بۇلبۇل سايرىماس يوق ئىكەن باھار،
يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ!...
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!