نەچچە يىل دىگۈدەك پايپاسلاپ يۈرۈپ،ئاران دىگەندە يېزا باشلىقلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغان مۇئاۋىن يېزا باشلىقى قاسىم كۆڭلىدە:<<قانداق قىلسام بىرەر يېڭىلىق يارىتىپ،ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ،ئۆستۈرگىنىمىز توغرا بوپتۇ،ھەقىقەتەن قابىلىيىتى بار ئىكەن ماختىشىغا ئېرىشىپ،ئاز-تولا نەپكە ئىرىشەرمەن>>دېگەنلەرنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلىرىدە ،بىردىنلا ئۇنىڭ كاللىسىغا بۇزۇلۇپ كەتكەن يېزا يولىنى قايتىدىن ئاسفالىتلاشتۇرۇش خىيالى كېلىپ قالدى -دە.ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى.ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ كاتىپىغا دوكلات يازدۇرۇپ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىر ئاي دىگۈدەك قاتراپ يۈرۈپ،ئاران دىگەندە پۇلنى ھەل قىلدى.ئەمما بۇ ئىشنى قايسى ھۆددىگەرگە بېرىش توغرىسىدا يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى.بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن،ئالدى بىلەن بۇ خەۋەرنى سىرتقا تارقىتىپ باشقىلارنىڭ تومۇرىنى بىر تۇتۇپ بېقىپ،كىمدىن نەپ كۆپرەك تېگىدىغان بولسا شۇنىڭغا بېرەي دىگەنلەرنى جەزىملەشتۈرۈپ،مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر ئارقىلىق بۇ خەۋەرنى سىرتقا تارقىتىۋەتتى.ئويلىغىنىدەك ئەتىسىدىن باشلاپ قۇرۇلۇش ھۆددىگرلىرى ئۇنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئىزدەپ،قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىشىپ،بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ،ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا سورۇنلارنى ھازىرلاشتى.
بىر -نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ <<بولدى باشنى تولا قاتۇرماي بۇ ئىشنى سەمەتكىلا بېرەي،ئۇنىڭ گەپلىرىگە قارىغاندا تېگىدىغان نەپمۇ يامان ئەمەستەك تۇرىدۇ>>دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،ئۆزىنى سافاغا تاشلىغىنىچەشېرىن خىياللارغا غەرق بولدى.
يانفوننىڭ سايرىشى بىلەن خىيالى بۇزۇلغان قاسىم خوشياقمىغاندەك يانفونىنىڭ ئېكرانىغا قاراپ،<<ۋەي>>دېگىنىچە تېلېفوننى ئالدى:-------ئۆزلىرى دىلشات ھاكىممۇ ،قانداق سالامەت تۇرىۋاتاملا،ياق ئانچە ئالدىراشمۇ ئەمەس،شۇ يىلىقى يېزا ئاسفالالىتلاشتۇرۇش ئىشى بولمامدۇ.
ئۇ دىلشات ھاكىم بىلەن بىر دەم پاراڭلىشىپ:<<بولىدۇ ،بولىدۇ،ئۆزلىرى دىگەن ئىشنى بېجىرمىسەك قاندا بولىدۇ،خاتىرجەم بولسىلا،مەن ئۇ ئادەمنى ئىشخانىدا ساقلاي،-دىدى-دە يانفونىنى سافاغا زەردە بىلەن تاشلاپ،چىرايى تاتارغىنىچە ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
ئەسلى دىلشات ھاكىم ئۇنىڭغا يولنىڭ ئىشىنى قەيىم ئىسىملىك بىر ئادەمگە بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن ئىكەن.
مەنبە:ئۆرۈمچى كەچلىك گېزىتى