باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1442 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جياڭ جيېشىنىڭ سىياقدىشىنىڭ ئۆلۈمى
زالىم بولغىچە ئالىم بول، ئالىم بولغىچە ئادەم بول ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1637
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 450 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-02-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-23 12:00

جياڭ جيېشىنىڭ سىياقدىشىنىڭ ئۆلۈمى

جياڭ جيېشىنىڭ سىياقدىشىنىڭ ئۆلۈمى 
  

             خې يۈن

          1880- يىلى تۇغۇلغان خې يۈن جياڭ جيېشىدىن يەتتە ياش چوڭ بۇلۇپ، جېجياڭلىق ئىدى. خې يۈن شاڭخەيگە بېرىپ ئەسكەر بولغان مەزگىللەردە، بىر كۈنى گۇرۇپپا باشلىقى بىلەن بازار ئايلانغىلى چىقىپ، گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ خەقنىڭ يايمىسىدىكى تاماكىسىنى ئېلىپ ئىگىسىگە پۇل بەرمەستىن، تېخى ئۇنى ئۇرغانلىقىنى كۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ. بۇ ئىشنى دەل شۇ چاغدا بۇ يەردىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان جياڭ جيېشى كۈرۈپ قالىدۇ. جياڭ جيېشى خې يۈننىڭ ئۆزىگە بەك ئوخشايدىغانلىقى، شۇنداقلا چىرىك چىڭ ھاكىمىيىتىگە بۇنداق ئۆچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى كارغا كىلىدىغان ئادەم ئىكەن دەپ ھىس قىلىدۇ. جياڭ جيېشىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن خې يۈن توڭ مىڭخۇيغا ئەزا بۇلۇپ كىرىپ، كىيىن جياڭ جيېشىنىڭ ئاديۇتانتى بۇلۇپ قالىدۇ.
          1935- يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار كومىتىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن جياڭ جيېشى يۈننەن، گۈيجۇ، سىچۇەنگە بېرىپ «كومۇنىستلارنى يۇقۇتىش» نى قارار قىلغان. چىن لىفۇ نەسھەت قىلىپ توسىغان بولسىمۇ، جياڭ جيېشى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان. شۇنىڭ بىلەن چىن لىفۇ سىياقدىشىدىن بىرنى ئېلىۋېلىپ، خەتەرلىك سورۇنلارغا شۇ ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چارىنى ئويلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن جياڭ جيېشى خې يۈننى ئەسكە ئالغان.
          دەسلەپتە گۈيجۇغا بارغاندا، خې يۈن جياڭ جيېشىنىڭ ئورنىدا بەزى زىياپەتلەرگە قاتناشقان. ھەممە ئىش نورمال بولغان. ۋەقە جياڭ جيېشى ئايرۇپىلان بىلەن مەخپى ھالدا كۈنمىڭغا بارغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن. گۈيجۇدا تۇرۇۋاتقان خې يۈن ئۆز ئالدىغا ئەسكەر يۆتكەپ، غەرەزسىز ھالدا قىزىل ئارمىيىنىڭ توسىۋېلىنغان بىر يولىنى ئېچىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن قىزىل ئارمىيە ئوڭۇشلۇق ھالدا جياڭ جيېشىنىڭ مۇھاسىرىسىدىن بۆسۈپ چىققان. بۇ جاي جيېشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.
          نەنجىڭغا قايتقاندىن كىيىن خې يۈن چىن لىفۇ تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، شۇ ھامان تاڭشەن تېغى باغرىدىكى بىر داچىغا نەزەربەنت قىلىنغان.
خې يۈن داچىدا كۈنلىرىنى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزگەن. ئۇ خاڭجۇدىكى خوتۇن – بالىلىرىنى ناھايىتى سېغىنغان. بۇ چاغدا جياڭ جيېشى يەنىلا «كومۇنىستلارنى يوقۇتۇش» بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۈمەنلىگەن قۇشۇنغا قۇماندانلىق قىلغان بۇ دوستىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويغان. 1935- يىلى 11- ئايدا ئېچىلغان گومىنداڭنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدا ۋاڭ جىڭۋېي جياڭ جيېشىنىڭ ئورنىدا بىر پاي ئوق يىگەن. مۇشۇ قېتىم قورقۇپ كەتكەن جياڭ جيېشى يەنە خې يۈننى ئەسكە ئالغان. ئۇ خې يۈننى يېڭىباشتىن ئۆزىنىڭ سىياىدىشى قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان. ئەمما سوڭ مېيلىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرغان. ئۇ خې يۈننىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۈۋەن، ساپاسى ناچار، يەرلىك شىۋىسى بەك ئېغىر، لاياقەتلىك سىياقداش بولالمايدۇ دېگەن. ىې يۈندىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن، جياڭ جيېشى ئۇنى سىياقداش بۇلۇش جەريانىدىكى ئىشلارنى قەتئىي ئاشكارلىماسلىققا قەسەم قىلدۇرغاندىن كىيىن ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
          1937 - يىلى 5- ئايدا جياڭ جيېشى خې يۈننگە گېنرال مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىنى بىرىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىشلار كېڭەش پالاتاسىنىڭ كېڭەش ئەزاسىلىقىغا تەيىنلىگەن. خې يۈن نەنجىڭغا بېرىپ ئىشلىمىسىمۇ خاڭجۇدا يۇقىرى مائاش ئېلىپ تۇراتتى. ھەممە ئىشنى چىن لىفۇ بىجىرىدىغان بۇلۇپ، خې يۈن ناھايىتى ئازادە كۈن ئۆتكۈزەتتى.
          كۆپ ئۆتمەي ياپونىيە جۇڭگۇغا ئومۇيۈزلۈك تاجاۋۇز قىلغان. نەنجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇلار ئارقا – ئارقىدىن ئىشغال قىلىنغان. گومىداڭ ھۆكۈمىتى چوڭچىڭغا كۆچكەن. خې يۈننىڭ ئۇ يەردە زادىلا تۇرغۇسى كەلمەي جياڭ جيېشىدىن ئۆزىنى ئالدىنقى سەپكە ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.
          چوڭچىڭغا بارغاندىن كېيىن، خې يۈن جياڭ جيېشى بىلەن كۈرۈشكەن. جياڭ جيېشى ئۇنىڭغا ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماي، ئۇنى يەنىلا ھەربىي ئىشلار كېڭەش پالاتاسىدا كېڭەش ئەزاسى بۇلۇشقا بۇيرىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ھەرۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈشنى، خالىغانچە ھەركەت قىلماسلىقنى جىكىلىگەن. خې يۈن ئارتۇق گەپ قىلىشقا پېتىنالماي بۇيرۇق كۈتكەن. ئەمما ئۇنىڭغا ھېچقانداق بۇيرۇق كەلمىگەن.
          ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلىپ، خې يۈن خاڭجۇدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. بۇ چاغدا جياڭ جيېشى ئىچكى ئۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەن. ئۇرۇش بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان مىللىتارستلارنىمۇ بىر بىرلەپ بويسۇندۇرغان. سىياقداشقىمۇ ئىھتىياجى قالمىغان. ئەمما ئاغىندارچىلىق يۈزسىدىن خياڭ جيېشى يەنىلا خې يۈنگە ھەربىي ئىشلار كېڭەش پالاتاسىدىن بىر كىشىلىك مائاش بەرگەن.
          خې يۈن يەنىلا جياڭ جيېشى ئۈچۈن داۋاملىق بىر ئاز كۈچ چىقىرىشنى ئويلاپ توختىماي ئۇنىڭغا خەت يازغان. ئەمما جاۋاپ خەت كەلمىگەن. كىيىن زەربە ئۇنىڭغا ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ قىزى خې لىنلىڭ مۇئەللىمى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۇنىڭغا تىگىمەن دەپ تۇرۇۋالغان. خې يۈننىڭ خوتۇنى قەتئىي قارشى تۇرغان. بۇنى دەماللىققا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن خې لىنلىڭ ئۆيىدىكىلىرى يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خې يۈن ۋە خوتۇنى ئاغرىپ يېتىپ قالغان.
           ئىككەيلەننىڭ داۋالىنىشى مال باھاسىنىڭ ئۈسۈپ كىتىشى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خاراپلاشقان. شۇنداق قىلىپ خې ئائىلىسىنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلىرى ئارقا ئارقىدىن گۆرۆخانىنىڭ پەشتاختىلىرىدا پەيدا بولغان.
          كىسەل كارۋىتىدا ياتقان خې يۈن توختىماستىن جياڭ جيېشىغا خەت يېزىپ، بۇ دوستنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشىشنى ئۈمۈد قىلغان. ئەمما تاكى 1947- يىلى 6- ئايغا كەلگەندە جياڭ جيېشى ئۆزىگە جان تىكىپ ساداقەت كۆرساتكەن ئەتىۋارلىق گېنىراللىرىغا ھەربىي ئۇنۋان بىرىدىغان چاغدا، ئاندىن توساتتىنلا خې يۈننى ئېسىگە ئالغان. جياڭ جيېشى ھەربىي ئىشلار كومىتىتىغا تاپىلاپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم گېنرال مايورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. خې يۈن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئاللىقاچان گەپتىن قالغان بۇلۇپ، پەقەت ناھايىتى تەستە كۈلۈمسىرەپ قويغان. ئۇزاق ئۆتمەي 67 يېشىدا دۇنيادىن ئۆتكەن.
          مەنبە: http://siyaset.blogbus.com/logs/110613250.html
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30

رەھمەت ياخشى تىما ئىكەن ،،مەن مۇشۇنداق تارىخي تىمىلارنى بەك ياقتۇرمەن ،،،،بەلكىم باشقىلارمۇ ياقتۇرىدۇ،،،،!
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1133
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1133دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 12233 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 20:51

بولسا مۇشۇنداق تارىخى تىمىلىرىڭىزنىڭ ئايىغى  ئۈزۈلمىگەي قېرېىندىشىم
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى