بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى anjura نىڭ 2011-03-23 21:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 17-قەۋەت (ھەمزە) نىڭ يازمىسىغا :
ۋەئەلەيكۈم ئەسسىلام:
ئاللا سىزگە كۆپ سەۋىر ئاتا قىلسۇن قېرىندىشىم!!! بەلكىم قېرىندىشىمىزمۇ بىلمەي چاقچاق ئورنىدا بۇ تىمىنى يوللاپ سالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىنشائاللا سىز بۇ چاقچاقنى قوبۇل قىلمىغاندىكى بۇ قېرىندىشىمىزمۇ ۋاقتىدا چاقچىقىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىۋىتەر.
مەنمۇ <غەيۋەت> دىگەن كىتاپنىڭ <غەيۋەتكە ئۈندەيدىغان ئامىللار ۋە ئۇنىڭ دورىسى> دىگەن مەزمۇندا ئويۇن-چاقچاق قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنى مىسال قىلىش ۋە ياكى شۇنى مەخسۇس كەسىپ قىلۋالغانلارمۇ غەيۋەت يولىغا ماڭغانلىق بولىدۇ. دىگەن مەزمۇنى كۆرگەن ئىدىم. بۇنداق دىسەم بۇ قېرىندىشىمىزنى غەيۋەتچىگە چىقاردى دەپ قالماڭلا. مەخسىتىم ئۇنداق دىيىۋىلىش ئەمەس بەلكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىپ يۈرۈشىمىزنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى. ھەمزە قېرىندىشىمىزمۇ ئاۋۇ ھەدىسنى ئوتتۇرغا قويدى. دەرۋەقە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلارنى خۇشال قىلىش نىيىتىدە مانا مۇشۇنداق چاقچاق ۋە كۈلكە-پاراڭلاردىن مۇستەسنا بولۇپ كىتەلمەيمۇ قالىمىز لىكىن ئامال بار ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىپ شەيتانغا قۇل بولۇشتىن ئاۋۋال شەيتاننى ئۆزىمىزگە قۇل قىلىۋالايلى!!!
ئاللا ھەممىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ۋە كۆپ سەۋىرلەرنى ئاتا قىلسۇن ئامىن!!!