ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-03-24 16:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 27-قەۋەت (dellyar571) نىڭ يازمىسىغا :
يېشىم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، دىمىسىڭىزمۇ ئانامنىڭ يېنىغا بارساملا مۇرىسىنى تۇتۇپ قويىمەن .....
ئىنكاسنى جاۋابىنى بىرەلەيمەن دەپ قارىغاچقا يېزىۋاتىمەن .... سىلىگە ئوخشاش قارىسىغا ئىنكاس يازمايمەن .... ئەۋۋەل ئۆزىڭىزنىڭ ئاۋۇ ئىنكاسىنى ئويلۇشۇڭ جاۋابىنى قانداق بىرەمەن دەپ ......
باشقىلارنىڭ نەدە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تارتىپ چىقىرىشتىن ۋە ئۆز كالسىدىكى قىياسلار بىلەن پىكىر قۇراشتۇرۇپ زەربە بىرىشتىن ئۇيالمايسسز لىكىن يىشىڭىزنى سورىغانلارغا مىنىڭ يىشىم بىلەن كارىڭىز بولمۇسۇن دىيەلەيسىز ؟!بۇ كارامەت لوگىيكىكەن!
بەك خوش بولدۇم ئانىڭىزنىڭ مۇرىسىنى تۇتۇپ قويىۋىتىپىسز ،يۇركىدە سۆيگۇ ۋە ۋاپا بولمىغان ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىمان تۇرمايدۇ . شۇ تەرىقىدە ئاتا ئانىڭىزغا كۆيىنسىڭىز سىزنى ۋاپادار دەيمىز ،يەنە شۇ تەقىدە مىلىتىڭىزنى سۆيسىڭىز سىزنى مىلەتپەرۋەر دەيمىز بۇنىڭدىن ھالقىپ مۇسۇلمان ئۆممەتكە كۆڭىل بۆلىپ يۇرىسڭىز تەقۋادار دەيمىز . بىر قسىملار بار ئۆز ئائىلىسگىلا كۆڭىل بۆلىپ تۇختاپ قالىدۇ ،بۇلارنى شەخسىيەتچى ،ئۆزىمچى دەيمىز .يەنى بىرلىرى مىللىتىگىلا كۆڭىل بۆلىپ توختاپ قالىدۇ بۇلارنى ئىرىقچى ،فاشىس دەيمىز. بىزنىڭ دىنىمىز ئۆزىمچىلىكە ، ئىرىقچىلىق ۋە فاشىزىمغا قارشى ئەمما ئاتا ئانا سۆيگىسىگە ۋە مىللەت سۆيگىسىدىن ئىبارەت ئىنسانى پەزىيلەتلەرگە قارشى ئەمەس .
مەن دائىم ئۆزىنىڭ ئائىيلىسىنىڭ قوسىقىنى باقالماي تۇرۇپ مىللەت دەپ كىتىدىغان مىللىتىگە خىزمەت قىلىشقا ماغدۇرى ۋە كۈچى يوق ئۇممەت دەپ كىتىدىغان ئادەملەرنى ئۇچۇرتىپ تۇرىمەن ،بۇلار مىلەتتپەرۋەر ياكى تەقۋادارلىق چاپانلىرىنى كىيىۋىلىپ مودا قىزلاردەك ئۇ يەر بۇ يەردە ئىسل ئادەملىگىنى ھەر پۇرسەتتە كۆرسىتىۋىلىدۇ . بۇ ماھىيەتتە باشقا نەرسە ئەمەس كىبىرلىك ۋە چوڭچىلىقتىن بولىدىغان ئەخمىقانىلىق بولۇپ مىللەت سۆيەرلىكى ۋە تەقۋادارلىق بىلەن ئالاقىسى يوق .
سىز تاھىر ئەپەندى ،ئاپىڭىزنىڭ مورىسىنى سىقىپ قويىش بىلەنلا قالماي بولسا ھالال ئەمگەك قىلىپ پۇل تىپىپ ئاتىڭىزنىڭ يۇكىنى يەنگىلىتىشكە تىرشىڭ .ئاتىڭىزنى قان تەر بەدىلىگە سىزگە بەرگەن نانلارغا باشقىلارنى چۆرۇپ ،پىپەن قىلىپ مەيدانغا سۆرەش ئارقىلىق زايا قىلىۋەتمەڭ . ئاتىڭىزنىڭ رازىلىق دۇئاسىنى ئالغاندىن كىيىن ئاندىن سىز تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخىغا ۋە دەردىگە، ئىھتىياجىغا قۇلاق سىلىپ ئىسلام ئۇمىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مىللىتىزگە بىر ھەسسە كۆچ قوشىيالىسڭىز بۇ مۇسۇلمان مىللىتى بولغان ئويغۇرلار مۇسۇلمان ئۆممىتى ئۇچۇن خىزمەت قىلالىدىدەك قۇۋەتكە ئىرىشەلەيتى ۋە تەقۋادار بولۇشقا لايىق بولىتىڭىز .
ئاللاھ بۇ دۇنيانى ئىنساننى ئىلغىۋەتكىلى ياراتقان سىزگە ئائىلىڭىز بەردى ۋاپادار بولالامدۇ يۇق دەپ مىللەتنى بەردى خەلىقىنى سۆيەلەمدۇ يوق دەپ يەنە ساڭا ئۇممەتنى بەردى تەقۋادار بولالامدۇ يوق دەپ ... بۇ بالداق بالداق ئىمتاھانلاردىن ئۆتىش ئۆتەلمەسلىك ھەر بىرىمىنىڭ قولىدا !!
[ بۇ يازمىنىdellyar571 2011-03-24 16:53قايتا تەھرىرل ]