نوركا پاجىئەسى
بۇ چوڭ قورۇ ئۇلارغا ئاتا مېراس ، بىر جەمەتتىن ئاكا -ئۇكا ، ھەمشېرىلەر بولۇپ تۆت قېرىنداش بىرگەياشايدۇ .
ئەركەكلەر سەھەر بىلەن تىرىكچىلىك غېمىدا شەھەرنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارايدۇ ، ئاياللار بولسا تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بەنىت بۇلۇپ كۈننىڭ قانداق كەچ بولغانلىقىنى بىلمەي ئۆتىشىدۇ ،
قوياش نۇرى ئاپپاق قارلارنى جۇلالاندۇرۇپ ،ھاياتلىق قايتا باشلانغان بىر سەھەر بۇ قورۇدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈن -تۈنسىز بۇزۇلدى ، بۇنىڭغا ھىچ كىم دىققەت قىلمىدى ، ئىنسان قېنىدىكى لەنىتى شەيتان قۇتراپ ھەسەتتىن ئىبارەت جەڭچىلىرىنى مودا ناملىق ئىلغار قورال بىلەن قورالاندۇرۇپ بۇ ئىناق قورۇغا مەككارلارچە ئاياق باستى ، ھەسەتنىڭ پىلتىسى 3-كېلىننىڭ ئۇچىسىغا بىھۇدە چىقىپ قالغان قىممەت باھالىق قولدا بېقىلغان سۇغۇرنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن تۇم قارا تىزىدىن چۈشكەن نوركا بولدى ،
شۇ كۈنى بۇ تولغان، ئاق پىشماق ،سېرىق بۇدۇرە چاچلىق چوكان ، سەھەردىلا ئالدىنقى كۈنى يولدىشى بىلەن چىقىپ 47 مىڭغا سېتىۋالغان نوركىسىنى كىيىپ ئانىسىنىڭ ئۇيىگە ئازنىلاپ ماڭغاچ ئالدىغا چىقىپ قالغان كىچىك كېلىنگەن سالام -سائەتتىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئانىسنىڭ ئۇيىگە ماڭغانلىقىنى ، ئىشىك ئالدىغا خەۋەردارلىق قىلىپ قۇيۇشنى مۇنداقلا رەسمىيەت يۈزسىدىن تاپىلشىدىن ئۆز خىيالىدا ئۆزىنى بىر سانايدىغان كىچىك كېلىننىڭ يۈرەكلىرىگە ئۆت يىقىلىپ كەتتى ،
ئۇ ئەزەلدىن ھىچ نىمىدىن غىمى يوق ، خىيالى ئويناپ يۈردىغان ،ئېرى ھەددىدىن زىيادە كۆزىگە قاراپ ئەركىلىتىپ كۆندۈرۈپ قويغان بۇ يەڭگىسى بىلەن خىيالى ئۆزەڭگە سوقۇشتۇراتتى ،
ئۆزىنى ھەر جەھەتتە ئۇنىڭغا سېلىشتۇراتتى . كىيىم ئىشكاۋىنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ يەڭگىسىنىڭ ئايدا بىر يىڭى كىيىم قوشۇلۇپ تۇردىغان ئىشكاۋىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئېغىر ئۇھسىرايتتى ، نىمە ئۈچۈندۇر ئېرىنىڭ ئاكىسى بىلەن ئوخشاش تېرمىشىپمۇ جىق پۇل تاپالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قىينىلاتتى ، پۇچلىناتتى .
شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق تەستە كەچ بولدى ، ئىشىكتىن ھارغىن كىرىپ كەلگەن ئېرىنى كۆرۈپ سەپىرايى ئۆرلەپ كەتتى ، بىراق بارلىق بىساتىنى يىغسىمۇ ئېرىشەلمەيدىغان نوركا كۆز ئالدىغا كىلىپ ئامالسىز بوغۇزىدىكى گەپلەرنى يۇتىۋەتتى ،
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتۇپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى ، جاپاكەش ئەر نەچچە كۈندىن ئايالىنىڭ چوغ ئۆستىدىكى قىلدەك تولغۇنۇشلىرىنى يەڭگىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى نوركىغا باغلاپ چۈشەنگەندەك بولغان ئىدى ،
شۇ كۈنى سەھەردە ئۇ دوكانغا مېڭىش ئالدىدا ئايالىغا 2000 سومنى بەردى ، تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلاپ ، خالىغان نەرسىسىنى سېتىۋىلىشنى تاپىلاپ ئويدىن چىقتى ، ئايال ئۆي ئىچىنى بىرەر قۇر بېسىقتۇرۇپ بولۇپ ، ئالدىراش بازارغا جابدۇندى ، چۈشلۇك تاماققا كىلىدىغان بالىلىرىنى ھورۇنلۇق بىلەن ئۇخلاپ ياتقان يەڭگىسىگە تاپشۇرۇپ بازارغا چاپتى ،
ئۇ مۇشۇ تۇرقىدا ھىچ بولمىسا كۆنا بازاردىن بولسىمۇ بىرە نوركا سېتىۋىلىپ ئەپلەپ پەردازلاپ يەڭگىسىنىڭ ئالدىدا چانمىغۇدەك قىلماقچى ، بۇ ئارقىلىق گويا نەچچە مىڭ قۇرۇت غاجاۋاتقاندەك بىئارام بولىۋاتقان كۆڭلىگە كىچىكىنە تەسەللىي تاپماقچى ئىدى ،
بىراق ئويدىكى ھېساۋات بازارغا توغرا كەلمەي قالدى ، خوددى قېرىشقانداق كۆنا ماللار بازىرىدا ئۇنداق سۈپەتلىك نوركا ئۇچىرمايلا قويدى ، ئۇ نەچچە سائەت بازار ئارلاپمۇ دىتىغا ياققىدەق بىرە كۆنا چاپان ئۇچۇرتالماي بەكلا رەلە بولدى ،
تۇيۇقسىز بىر دۇكاندىن نەق خىيالىدىكىدەك بىرسىنى كۆرۈپ قالدى ، كۆزلىرى چاقناپ ھارغىن چىرايىغا تەبەسسۇم ياماشتتى ،ئەپسۇس ئۇنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى ، كونا چاپان نۇمۇسسىزلارچە ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى نەق پۇلنىڭ بىر ھەسىسىنى چاپلاپ غادىيىپ تۇراتتى ،
دۇكاندار مۇغەببەرلەرچە ئۇنىڭ چىرايلىق قوي كۈزلىرىگە تېشىۋىتىدىغاندەك بىزەڭلىك بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:
-خېنىم 2000 سومغا كەم بولا ، ھىچ بولمىسا 1000 سوم قوشسىلا ئاندىن ئويلىشىپ باقاي. دىدى ،
1000 سوم ، ئاھ خۇدا ، ئۇنىڭ ئەھۋالى ئۆزىگە ئايان ، ھىلىمۇ مۇشۇ 2000 سوم نوركىنىڭ ئېھتىياجىدىن چېكىنسىلا ئۇيدە ئۇ پۇلنىڭ بېشىدا ئوت كۈيىدۇ ، يەنە 1000 سوم قوشۇش تولىمۇ مۇشكۇل ،
ئۇ ئۇمۇدسىزلىك ئىچىدە چاپانغا يەنە بىر قېتىم نەزەر سالدى ، تۇيۇقسىز .ئالالمىسىمۇ بىر كىيىپ سىناپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى ،
-ئاكا ، قېنى مەن بىر سىناپ باقاي ، ئاندىن بىر نەرسە دىيىشەرمىز ، بولامدۇ دىدى ئۇ ئېختىيارسىز ، شەھۋەت ئوتلىرى شالۋاقلىرىدىن چاچىراپ تۇرغان دۇكاندارغا ،
-ماقۇل ئاپپاق خېنىم ، ماقۇل ،
دۇكاندار چاققانلىق بىلەن كونا چاپاننى مودىل ئۇستىدىن سالدۇرۇپ بەردى ، ئۇ تۆپىدىكى مامۇق چاپىنىنى سېلىپ نوركىنى ئۇستىگە ئارتتى ، ئەينەكتىكى سالاپىتىگە قاراپ ئۆزىنى باسالمايلا قالدى ، چاپان خوددى شۇنىڭدەكلا ئۇنىڭغا بەك ياراشقان ئىدى ، ھوسنىگە ھوسۈن قوشۇلۇپ باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرىنىپ كەتتى ، دۇكاندار ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بۇلۇپ دىگۇدەك ئالدى ئارقىنى تارتىشتۇرۇپ ، مورىلىرىنى ئوڭشاپ تۇگمىسىنى ئەتكىلى تۇردى ، ئارلىقتا چاندۇرماي .ئەپچىللىك بىلەن ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆكسىنى مۇجۇپمۇ ئۇلگۈردى ، بۇ قىلىقتىن قاتتىق ئەندىككەن ئايال دەرھال چاپاننى سېلىپ تاشلىدى ،
بىراق دۇكاندار ئۇنىڭغا كانىدەكلا چاپلاشتى ،
-خېنىم ، سىلىدەك چىرايلىق ، خام يىگۇدەك چوكاننىڭ ئالدىدا بىرەر مىڭ سوم دىگەن ھىچ گەپ ئەمەس ، بارنى بېرىپ كىيىۋەسلە ، ماقۇل دىسلە ،
ئالدىراش دوكاندىن چىققىلى تەمشەلگەن ئايال بۇ گەپتىن جايىدا توختىدى ،
ئۇ ئىختىيارسىزلا سوراپ سالدى ،
-راستما ؟
-راست بولماي ، قېنى كىيىۋەسلە ،
دۇكاندار بىزەڭلىك بىلەن ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ قولىدىن تارتىپ دۇكانغا ياندۇرۇپ كىرىدى ،
چاپاننى قايتا كىيگۈزدى ، ھەم قولىقىغا ئاستا پىچىرلىدى ،
-جىنىم پەققەت بىر ۋاق تاماققتا بىللە بوپ بەسلىلا بولدى ،
ئاللىقاچان شەيتاننىڭ ئىشخالىيىتىگە ئۆتۇپ بولغان ئايال گاراڭ بىر خىل تاتلىق سىزىمنى غۇۋا ھېس قىلدى ، ئەينەكتىن كەينىدىكى ئەرنىڭ ھىلىقى ھاياسىز قولىنىڭ كۆكسىنى ئاچكۆزلەرچە سىلاپ سىپاۋاتقانلىقىنى كۆردى ،
ئاۋات رەستىدىن بادىر چۆپ لەغمەننى يىيىشىپ چىققاندىن كىيىن ئەر يەنە ھىلىقى مەككار تەبەسسۇمدا چوكانغا ئىلتىجا قىلدى ،
-خېنىم يىقىندىلا بىر ئامبار ئۇيۇم بار ، باشلاپ باراي ، خالىغانلىرىنى تالىۋالماملا !
ئۇ كىيىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى ، بىراق قارشىلىق قىلىشقا رەت قىلىپ كەينىگە يېنىشقا مادارى يەتمىدى ، ئەرنىڭ كەينىدىن پايتىمىدەك سۆرۈلۈپ ئاتالمىش ئامبارغا بىللە كەلدى ، كۆنا مال پۇراپ تۇرغان ئۈچ ئېغىزلىق بۇ ئۆيدە ، بىر ئۆيدە پەۋەس كۆنا ماللار بېسىقلىق ئىدى ، ئىشكتىن كىرىپ بىر ئاز دىلغۇلا بولغاندىن كىيىن ئاستا چاپىنىنى سېلىپ ھەر خىل كونا كىيىملەر ئارىسىدىن ئۆزىگە ماس كەلگۈدەكنى تاللاشقا باشلىدى ،
بىراق كەينىدىن كىلىپ قوچاقلىغان كۆچلۇك بېلەكلەر دىن قۇتۇلالمىدى ، باشتا نارازىلىق قىلىپ تىپچەكلىدى ، كىيىن بارا بارا جىمىقىپ قالدى ، كونا كىيىملەر دۆۋىسىدىن ئېغىر پۇشۇلدىغان ، سەت ھالسىرىغان ئاۋازلار كېلىشكە باشلىدى ،
ئىشىك ئالدىدىكى بىر يالتىراق خالتىدا يېرگىنىچلىك نافتالىن پۇراپ تۇرغان ، ئالاكىملەر كىيىپ ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن بەدبۇي كونا نوركا سالپىيىپ تۇراتتى .
مەنبە :مېھرىئاي دۇنياسى شەخلا يازمىسى