ئەجەپ سوغۇق 19-مارت
مەن ئۈمرۈمدە مۇنچە تۇڭلاپ باقمىغان
يۈرەك ئاغرىپ كۆزۈمدىن ياش ئاقمىغان
كۆرۈشمەيلى ،خوش! دىگەندە دىلدارىم
ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەپ چىقتى دەرت-پىغان
گۈر-گۈر شامال،ئاچچىق تۇپا ،ۋە تۇمان
مىڭەم ئىچرە نۇرغۇن سۇئال ھەم گۇمان
ئېغىر تىندىم ،بۇسۇغاڭدىن قوغلاندىم
ئىشىك ياپتىڭ ،جاڭىلدىتىپ خىرامان
نىمە بولدۇم توۋا،دىر-دىر تىترەيمەن
كاللام قۇرۇق، مەن نېمىنى ئىزلەيمەن؟!
باھار كەلگەن بىلەن ماڭا زىمىستان،
يېرىم كېچە ئۇخلىيالماي« ئاھ !» دەيمەن...
بىز شۇنچىلىك ئامراق ئىدۇقكى...
بىز شۇنچىلىك ئامراق ئىدۇقكى...
چىدالمايىتتۇق كۆرۈشمەي بىر كۈن
تۇيۇلاتتى گۈزەل ئاۋازىڭ
گۈل بەرگىدىن چىقىۋاتقان ئۈن
بىز شۇنچىلىك ئامراق ئىدۇقكى...
يايرىتاتتى بىر ئوتلۇق بېقىش
ئوتتۇز بەشتە بۇ ئوت تۇتاشتى
يۈرەكلەردە بىخلاپ ئىنتىلىش
بىز شۇنچىلىك ئامراق ئىدۇقكى...
كۆز تەگمىسۇن بۇ ھالىمىزغا
ئۇنتۇپ تامام گاھى ھەممىنى
ئەپ قويمىدۇق پەرۋايىمىزغا....
ساراڭ بولسام بولدۇم سەن ئۈچۈن
ساراڭ دىدىڭ جىلمىيىپ كۈلۈپ
بۇ گەپ ماڭا ئاڭلاندى يۈچۈن
ئاشىق دىمەك ساراڭلىق دىمەك
ساراڭ بولسام بولدۇم سەن ئۈچۈن
ئاڭلىغۇم يوق ،‹خوش ›دىگىنىڭنى
‹خوش › دېسەڭ يۈرۈكۈم تىترىدى ئەنسىز
مەڭگۈلۈك جۇدالىق كەلگەندەك يېتىپ
ئوتلۇق كۆزلېرىڭگە تەلمۈردۇم مەيۈس
تۇراتتىڭ پەرۋاسىز بۇت كەبى قېتىپ
خوش دىدىم،كۆزۈم ياش ،ماڭدىم ئارانلا
پىچىرلاپ ئىسمىڭنى ،كۆكسۈمنى مۇجۇپ
ئۆيۈمدە ئۇيقۇسىز ياتتىم بەك ھالسىز
كىلەرمۇ ئۇچۇر دەپ تېلفۇننى تۇتۇپ
بۇ كېچە تويۇلدى شۇنچىلىك ئۇزۇن
ئەسلىدىم ھاياتىم مۇساپىسىنى
بىرلىكتە قالدۇرغان تاتلىق ئەسلىمە
پەپىلەپ تۇرماقتا دىل يارىسىنى