باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1540 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىخوتلاشقان مۇسۇلمانلەرگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5159
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-20 20:01

بىخوتلاشقان مۇسۇلمانلەرگە

بىخۇتلاشقان مۇسۇلمانلارغا

(بىر قىسىم ئىناقسىز كىشىلېرىمىزگە بېغىشلاندى)



بىز ئەلدە كۆپتۇر مۇنداق مۇسۇلمان

قەلبى ئۇخلاغلىق،تىلىدا ئىمان

قۇلىدا تەسۋى،ئاغزىدا زىكىر

كۆڭلىدە قۇترار شەيتانى پىكىر

تەقۋا مۇسۇلمان ئۇنىڭ زاھىرى

بەكمۇ مۇرەككەپ،ئەمما باتىنى

جامائەت بىرلە ئوقۇيدۇ ناماز

<سەت بولمىسۇن>دەپ دائىم قىشۇ-ياز

ئىگىلگەن بىلەن تېنى سەجدىگە

قاتقان دىللېرى ئىگىلمەيدىكە

مەسچىتتە دائىم قوزغاپ ئىختىلاپ

ئىلىپ بارغاندەك گويا ئىنقىلاب

قېنى بۆك ؟كاپىر!...سەپتە چىڭ تۇرما!

<ئامىن!>دىمە ھەم راببىيەت قىلما!

ساقال قويۇپ ، سەن ۋاھابىمۇ يا؟

مۇسۇلمان بولساڭ بىزنىلا دورا .......

كىم يوق بولسا دەر، شۇنىڭ گېپىنى

بىلەر غەيۋەتنىڭ پۇرسەت ئېپىنى

بىلمەيلا چالار شەيتان دېپىنى

غۇرۇر ئىگىسى يۇرتار گېپىنى

چىن نەزەر سالساڭ،يوق بۇندا ئەخلاق

بىخۇت روھىدا بىر سېسىق پۇراق

تاپالمايسەن ھىچ ئىسلام روھىنى

خۇنۇكلەشتۇرگەن ئىسلام نۇرىنى

جان باقتىلارنىڭ قۇرالى گويا

نادان خەلىقنى ئالدار دائما

ئەقىيقە، خەتنە ، مىيىت ،توي-تۈكۈن،  

ھەممىگە  بىدئەت تولغاندۇر بۇ كۈن

سۆزلىسەڭ قايناپ ،قالپىقىڭ تەييار

بىدئەتچى مۇللام ئاچچىق چەكچىيار

خەتمە قىلدۇق دەپ ،كېلىدۇ دەۋرەپ

ئالىدۇ ئاقچا، پولۇ-گۆشنى يەپ

پۇلسىز بولمايدۇ،مىيىت نامىزى

دىيىلمەس <باردۇر مىيىتنىڭ قەرزى>

بەرسىغۇ مەيلى ،ئۇغۇ ئىختىيار

بەرمىسە، پىتنە بىلەن سېسىتار

ئالمىسا بارماس،ئېلىپ ئۈگەنگەن

نادان خەلقنى چېلىپ ئۈگەنگەن

مىھراپتا ھەيۋەت ئولتۇرغان ئىمام

بىر تالمۇ نان يوق داستىخان  تامام!

ئەلگە كۆيگۈدەك يۈرەك بولمىغاچ

دىننى سۆيگۈدەك ئىمان بولمىغاچ

ئىلىم يوققۇدەك تەبلىغ بولۇنماس

<ئىستىنجا، بۆك >تىن بىرگەز ئاشالماس

دىننىڭ مېغىزى يەتكۈزۈلمىگەچ

(ھارامخورلارنىڭ تىللېرى كىكەچ)

تىللاشتىن يانماس ئايەت- ھەدىسنى

كۆرمىگەن ئالەم مۇنداق ئىبلىسنى

جاھالەت بىلەن يۈرۈيدە كۆپلەر

< مۇسۇلمانمەن> دەپ ئاغزىدا گەپلەر

"ئىسلام-ئۇ نىمە ؟ مۇسۇلمان نىمە؟

ۋەزىپە ، قۇرئان ۋە ئىمان نىمە؟"

ھەقنى يەتكۈزگەن قاتتىق  يەكلىنەر

مىھراپ ،مۇنبەردىن تامام چەكلىنەر

شۇنداق بولغاچقا ،قوللاشمىغاچقا،

مۇناپىق چېقىپ، جىم ياتمىغاچقا

ئىسلامدىن چىقىپ ،كۆپەيدى مۇرتەد

ھەر بىر قەدەمدە ئۇچرايدۇ بىدئەت

ھاراقۇ،قىمار ،زىنا-زالالەت

دىللاردا سۇلتان ئاچچىق جاھالەت

.......................................

رەببىمىز، بىزنى قىلغىن مەغپىرەت

ئىلىمسىزلىكنى تېزدىن كۆتۈرۋەت

نۇرنى،ئۆملۈكنى سالغىن دىللارغا

يۈرەكنى مايىل قىلما گۇناغا

سەن ئازدۇرغاننى،ھىچكىم تۈزەلمەس

سەن تۈزىگەننى ھىچكىم بۇزالماس

بىزنى تۈزىگىن،ھەق يولدا قىلغىن

قەلبىمىزدىكى بىخۇتنى ئالغىن

ئېسىلىپ ئۆتسەك ئارغامچاڭغا چىڭ

بىزگە ئاخىرى نېسىپ جەننىتىڭ.....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-15

بەك ياخشى يىزىپسىز. تىخىمۇ تىرىشىڭ.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 921
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە921دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 5491 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-04-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 14:19

مۇسۇلمانلەرگە ئەمەس مۇسۇلمانلارغا!ئەمگىكىڭىزگە كۆپ رەخمەت.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 100
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1056 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-17
ئاخىرقى: 2012-02-28
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 17:03

ئىسلام يولى ماڭسا چوڭقۇرلاپ ماڭىدىغان يولكى ، يېنىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ . سىزنىڭ دەل شۇ يېنىۋېلىپ يامان ئىشلارغا ماڭغان ۋاختىڭىز سىزنىڭ ئۇ دۇنيالىقىڭىزنىڭ بىكىتىلىپ بولۇنغان ۋاختى .
mkkarlek okini dosluk yaci bilan atsa dal tigidu
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6220
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-23
ئاخىرقى: 2011-10-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-21 17:27

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،
مەككارلىق ئوقىنى دوستلۇق ياسى بىلەن ئاتسا دەل تىگىدۇ.