1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ مال پاراخوتى ئېقىپ كەتكەن. 100 مىڭ گاللون نېفىت فرانسىيە دېڭىزىنى بۇلغىغان. بۇ تارىختىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئېقىش ھادىسىسى بولۇپ قالغان.
1966-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا 20-ئەسىر فوكس شىركىتى ئىشلىگەن فىلىم «مۇزىكا ساداسى» 38-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى فىلىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى روبېرت ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە قۇرۇلغان. 1951-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئورگىنىغا ئايلانغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى:ھاۋارايى پونكىتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ھاۋارايى تەكشۈرۈشىنى تېخىمۇ ئېنىق، ئىنچىكە قىلىش.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى نەنجىڭدا قۇرۇلغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، جياڭ جېشى ئامېرىكىدىن ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ ئۆمەك 1000 دىن ئارتۇق كىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن 750 كىشى، دېڭىز ئارمىيىسىدىن 250 كىشى بار، باش ئورگىنى نەنجىڭدە بولۇپ، شاڭخەيدە ئىش بېجىرىش ئورنى بار.
(تارىختىكى بۇگۇن 19-مارتنى دىمەكچى)