ئۇيغۇر بۇلسىڭىز ھەرگىزمۇ بۇنداق دىمەڭ بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئەلىشىر نەۋەئىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئۈتۈنۈپ بېرىشكە قەتئىي- قەتئىي بۇلمايدۇ، بۇ ئالىمنى ئۇيغۇر دەيدىغانغا دەلىل- ئىسپاتلار يىتەرلىك، تۈركىيە،رۇسىيە ۋە باشقا چەئەللىك ئالىملار ئالىقاچان ئۇيغۇر دەپ ھۈكۈم چىقارغان شۇڭا ھەربىر ئۇيغۇر پۇخراسى بۇ ئالىملارنى ئۇيغۇر دىيىشتە چەڭ تۇرىشى، كەڭ قۇرساقلىق قىلىپ باشقىلارغا ئۈتۈنۈپ بېرىشكە ھەرگىزمۇ بۇلمايدۇ، بالاساغۇن قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىكىنچى ئاستانىسى بۇ ۋاقىتتا بالاساغۇندىكى ئاساسلىق مىللەتمۇ ئۇيغۇرلار، قىرغىزلارنىڭ كۈپ قىسمى بۇۋاقىتتا يېنسەي دەرياسىدا ياشايتى، تەڭرىتاغ ئەتراپىغا كىيىنكى مەزگىلدە كۈچۈپ كەلگەن، ئۇنۇڭ ئۈستىگە<< قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ تىلىمۇ بۈگۈكى قىرىغىز تىلىغا ئەمەس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدلىكى مۇجەسسەملەنگەن ، يۈسۈپ بۇۋىمىزمۇ ئۈز ئەسرىدە ئۈزىنى ھەرگىزمۇ قىرغىزچە جۈسۈپ دەپ ئاتاپ باققىنى يۇق، قىرغىزلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى چىنگىز ئايتماتۇۋمۇ يۈسۈپ خفس ھاجىپنى دۇمبىرا، قۇمۇز چالدىغان خەلىقلەرگە ئەمەس ،ئەڭ ئاۋال دۇتتار، تەمبۇر چالدىغان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ بۇلىشى كېرەك دەپ ئېيتقان ، ئەمدى ئەلىشىرغا كەلسەك بۇبۇۋىمىز ئىدىقۇت خانلىقىدىن چىنگىزخانغا ئەگىشىپ ئافغانىستانغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان ئۇيغۇر مەنساپدارلىرىنىڭ بىرىنىڭ بالىسى، يەنى << ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى ئافغانىستانىڭ ھىرات شەھرىدىكى غىياسىدىن كىچىك باخشى ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىدى>> دىگەن تارىخى ئاساسلار بار بۇلسىمۇ لىكىن ئۈزبېكلەر نۇمۇس قىلماي بىزدىن تارتىۋالدى ،ئۇنى ئۇيغۇر دىگەن ئادەم ئۈزبېكىستاندا ياخشى كۈن كۈرەلمەيدۇ، تاشكەندە ئۇنى ئۇيغۇر دەپ قۇيدىغان بۇلسىڭىز ئۈزبېكلەرنىڭ تىل ئاھانىتىگە ئۇچرايسىز، ئەلىشىر بۇۋىمىز ئۈزنىڭ ئەسرىدە ئىشلەتكەن تىلمۇ ئۇيغۇرچە دەيدىغانغا ئىسپات بار يەنى<<ئۇ ئو>> ھەرىپلەر بىلەنلا ئىپادىلىندىغان ئۈزبىك تىلى بىلەن ئەمەس <<ئۇ ئو ئۈ ۆ>> ھەرىپلىرى بىلەن ئىپادىلىندىغان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان، دىمەك ئۇنۇڭ ئەسرىدە تۈرت ھەرىپ ئۈز ئىپادىسىنى تاپقارن، شۇڭا بىز بۇ ئىشلاردا دىققەت قىلمىساق بۇلمايدۇ ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيىشتە چەڭ تۇرىشىمىز كىرەك چۇنكى بىزدە دەلىل - ئىسپاتلار يىتەرلىك.