سەن خەيىر-ساخاۋەت قىلغاندا ، ئوڭ قولۇڭ قىلغان ئىشىنى سول قولۇڭ بىلمىسۇن. بۇ ئىشلارنى كىشىگە كىشىلەرگە بىلدۈرمە؛ خۇدا ھەممىنى ئۆزى ئاسسىرتتىن كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ سېنى ئۆزى تارتۇقلايدۇ.
جاھان ساڭا شۇنداق كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇكى، سېنى قارىتىپ قويۇپ < ئىسىت! ، ئىسىت ! > دېگىزىۋىتىدۇ. لېكىن بۇنى نۇرغۇن ئادەملەر جاھاندىن، ئۆزىنىڭ پىشانسىدىن كۆرىدۇ. مانا بۇ سېنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭ. چۈنكى جاھان ئىنسانغا باقمايدۇ، بۇنىڭغا سەن بىزنىڭ ئامالىمىز يوق، ھەم ئاللاھ سېنى تەلەيسز قىپمۇ ياراتمىغان، ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەل ئۆزۈڭ. چۈنكى < ئىسىت! ، ئىسىت ! > دېگەن مۇشۇ جەريانغا باشتىن ئاخىر قاتناشقۇچى_ ئۆزۈڭدۇرسەن.
مەن سەندىن بىر سوئال سوراي:
_ سەن جاھانغا نېمىشقا تۆرەلدىڭ؟ نېمە ئىش قىلماقچى؟
سەندە ھودۇقۇش بولدىغۇ دەيمەن. كاللاڭدا بۇ سوئالغا نىسبەتەن بىرەر ئېنىق قاراش يوق، شۇنداقمۇ؟ ئېسىڭدە بولسۇن ، مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن كىشى بۇ جاھاندا ياشايمەن دەپ ئاۋارە بولمىسمۇ بولىدۇ. نىشانى يوق ئادەم، دۇنيادىكى ئەڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم.
جاھان ئادەمگە باقمايدۇ دېيىشىدۇ، توغرا ، جاھان ئەلۋەتتە ئادەمگە باقمايدۇ. ئادەملەر جاھاننى يارىتىپ قويغان ئەمەس، سەن بىزلەر بۇ جاھاننىڭ ئۆتكۈنچى مېھنىتىدۇرمىز ، سەن ، بىزلەر كېتىمىز. يەنە شۇ جاھان قالىدۇ. بۇنىڭغا ھېچ بىر ئىنساننىڭ ئامالى يوق، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمىشقا جاھاندىن قاقشايمىز ، زارلىنىمىز. بىلگىنكى ، شۇڭا سەن جاھانغا بېقىپ ئىش تۇت، بىردىن بىر توغرا يول شۇ.