باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1031 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شەيتاننىڭ ئىنسانلار ئارسىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5861
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 13:26

شەيتاننىڭ ئىنسانلار ئارسىدىكى خۇپىيانە زىيارىتى

                                         فېليەتون

شەيتان ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە دوڭگەپ قويىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئارسىغا بېرىپ ، خۇپىيانە تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ كۆرمەكچى بۇپتۇ ۋە مەلۇم بىر شەھەرگە كەپتۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل –ھەر ياڭزا ئىش-ھەركەتلىرى شەيتاننى بەكمۇ قىزىقتۇرۇپتۇ. شەيتان كېتىۋېتىپ شۇنداق قارىسا، 12ياشلار چاممىسىدىكى بىر بالىنىڭ:
-ئاكا، مەن ئۆيۈمگە قايتالمىدىم، ئاچ قالدىم، ماڭا ئازراق يول خىراجىتى بەرگەن بولسىڭىز، ئۆيۈمگە كېتىۋالغان بولسام دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ قاپتۇ.
يۇغان بىر ئەر:
-نېمە دەپ سىرتقا چىققان ؟ مۇشۇ تۇرقۇڭ بىلەن سىرتقا چىققۇچە ئاتا- ئاناڭغا ياردەملىشىپ ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ رەھمىتىنى ئالساڭ بولمامدۇ؟
بالا:
-ئۇقماي چىقىپ قاپتىمەن ئاكا. بىر ئۈبدان ئوينى تاشلاپ چىقىپتىمەن، نۇرغۇن جاپالارنى تارتتىم. بۇنى ئۇقسام ھەرگىز بۇنداق قىلمايتىم. مېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. ئۆتۈنۈپ قالاي ئاكا! ماڭا ياردەم قىلسىڭىز.
ھېلىقى ئەر :
-بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق ئاتا-ئاناڭنى قاقشىتىدىغان ئىشلارنى قىلمىغىن، دەپ ئازراق پۇل بىرىپ كېتىپ قاپتۇ.
شەيتان كىچىك بالىنىڭ قىلغان ئىشنى ئۆزىگە دوڭگەپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ ، بىر ئاز ئاچچىقلانغان بولسىمۇ، بالىنىڭ كىچىكلىكگە قاراپ بولدى قىلىپ باشقا تەرەپلەرگە مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نېرىدا بىر ئايالنىڭ :
-سەن مېنىڭ خېتىمنى بەر ، سەن بىلەن بۈگۈنلا ئاجىرشىمەن.
ئەر:
-خوتۈن ، سەن مېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈرۋەتكىن، بۇلامدۇ؟
خوتۇن:
-سەن ھايۋان بولمىساڭ ، ئاڭسىز ھالدا بۇنداق ئىش قىلغىلى . سەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر زىيالى. سېنىڭ قىلغانلىرىڭ چىكىدىن ئېشىپ كەتتى. سەن ئويدە بار پۇلنىڭ ھەممىسىنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتتىڭ. بۇنى قۇيۇپ تۇرايلى . تېخى سىرتتا باشقا بىر كۆرۈمسىز نايناق بىلەن ئاشنا ئويناپ يۈرۈپسەن. سەن قايسى يۇزۇڭ بىلەن ماڭا ، ئىككى بالىغا يۈز كېلەلەيسەن.
ئەر:
-ئۆتۈنۈپ قالاي خوتۈن، مېنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. مۇشۇ قېتىم كەچۈرۋەتكىن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق ئىشلارنى قىلمايمەن، دەپ يېلىنىپتۇ. ئايال ئېرىنىڭ يېلىنغىنىغا قارىماي ئېرنى سۆرەپ مېڭىپتۇ.
شەيتان ئەرنىڭ گوناھىنى ئۆزىگە دوڭگەپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ ، قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزنى تۇتۇۋېلىپ، ئىنسانلار يەنە قانداق يامان ئىشلارنى ماڭا دوڭگەپ قۇيىدۇ قېنى، كۆرۈپ باقاي دەپ يەنە سەپىرنى داۋاملاشتۈرۈپتۇ. شەيتان ئارىدىن خېلى يول يۇرگەندىن كېيىن يېشى 45-50لەردىن ھالقىغان ئىككى كىشىنىڭ ھەدەپ زۇكۈنلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ گېپىگە قۇلاق ساپتۇ. ئىگىزرەك كەلگەن كىشى:
-قارىكا، مېنى كەچۈرسىلە ، ئامال بار سىلىنى رازى قىلىمەن. ئۆتكەندە سىلىگە يالغان گەپ قىلىپ سېلىنى ئالداپتىمەن.
پاكارراق كەلگەن كىشى:
-سىلىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ ساقال نەدىن چىقتى؟ سودىدىمۇ مۇشۇنداق يالغان گەپ قىلغان بارمۇ؟ مۇشۇنداق قىلسىلا سىلىگە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشىنىمەن؟
ئىگىزرەك كەلگەن كىشى:
-بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق قىلمايمەن. مېنى بۇ قېتىم شەيتان ئازدۇرۇپتۇ. ئىككىنچى بۇنداق ساختىپەزلىك قىلىپ ، سىلنى ئالدىمايمەن. بۇ قېتىم مېنى كەچۈرۋەتسىلە.
شەيتان بگوناھ ھالدا قارلىنىپ ئىنسانلار ئارىسىدا لەنەتكە ئۇچرغانلىقىغا چىداپ تۇرالماي ، قاتتىق ئاچىچىقلاپ سۆزلەپ كېتىپتۇ.
- ھەي ئىنسانلار، مەن سىلەرگە نېمە قىلدىم؟ سىلەرنى ئاتا-ئاناڭلارغا ۋاپاسىزلىق قىلىڭلار دىدىممۇ؟ سىلەرنى قىمار ئوينىغىلى باشلاپ ئاپاردىممۇ؟ بۇزۇقچىلىق قىلىڭلار، بىر –بىرىڭلارنى ئالداڭلار، بىر-بىرىڭلارغا خىيانەت قىلىڭلار دەپ ئۆگەتتىممۇ؟ ئۆزەڭلار ھاياتلىق يولۇڭلارنى توغرا باسالماي، خاتا يولغا كىرىپ قالغاندا ، نېمە دەپ بارچە گوناھنى ماڭا يۈكلەپ قويىسلەر ، مۇشۇنداق دىيشتىن نۇمۇس قىلمامسىلەر؟ نىمىشقا بۇ ھەقتە ئويلانمايسىلەر؟سىلەر ئۆزەڭلارنى ئەقىللىق چاغلايتىڭلارغۇ. ئۇتۇق قازانغاندا ئۆزەڭلارنى ئاتتۇرۇپ مېنىڭ پىلانىم بولغاچقا مۇشۇنداق بولدى دەپ، كۆرەڭلەپ ئۆزەڭلارنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىڭلار. نېمىشقا ئەنە شۇ ماختاشقا، تۆھپىگە مېنى شىرىك قىلمايسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنسىلەر. بۇنىڭدىن كېيىن كاللاڭلارنى ئىشلىتىپ ، ھالال ياشاپ، توغرا يولدا مېڭىڭلار، جەمىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقلاردىن ئۆزەڭلارنى تارتىڭلار. مېنى گوناھىڭلارغا شىرىك قىلىۋالماڭلار دەپ كايىغانچە ماكانىغا قايتىپ كېتىپتۇ.
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 215
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە215دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2011-12-21

         ھەي بۇ يەردىكى شەيتان ئەجەپ ئاڭكۆڭۈل ئىكەنيا؟؟بۇ  شەيتان ئادەم ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان ئاشۇ دوۋزاخ ئوتىدا ئۈزۈملا قالماي دەپ پۈتكۇل ئشلارنى ،پۈتكۈل يامانلىقلارنى ئۆزىگە چاقىراتتىغۇ؟؟ ...اللە سۇبھانە ۋە تااللە ھەربىر ئىنسانغا ئختىيارىي تەغدىر ھەم مەجبۇرىي تەغدىر بەرگەن،مەجبۇرىي تەغدىردە بىزنىڭ تۇغۇلىشىمىز،قېرىشىمىز،دۇنيادا ھەرخىل سىناقلار بىلەن سىنىلىشىىمىز،ئەرزىيەت (اللە تەرەپتىن كەلگەن)تارتىشلىرىمىز ۋە ئۇچىرغان مالەمەتلىرىمىز بۇ مەجبۇرىي تەغدىردۇر.ئككى خىل يول بېرىلگەن ،ھەم تاللاش پۇرسىتى بېرىلگەن قايسى خىل يولنى تاللاش ھۇقۇقى ئۈزىمىزگە بېرىلگەن تەغىردۇر.ئەمىليەتتە يۇقىرقى ئادەملەر ئۇچىرغان تەغدىرلەر ئۇزىنىڭ شۇ تاللاش يولىدىكى ئازغۇنلىقى خالاس.
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
Just believe in allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 270
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە270دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3029 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 21:12

ئاللاھ سۇبھانە ۋە تەئالە قۇرئان كەرىمدە <شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر > دىگەن.
مانا بۇ شەيتان قىيامەت كۈندىلا ئەمەس مۇشۇ تېمىدىمۇ ئۈزىنىڭ ئازدۇرغۇچىلىقىدىن تېنىۋاپتۇ. لىكىن ھەقىقەت بەزى ئىنسانلار شەيتانغا مۇھتاج ئەمەس ھەم شەيتاننىڭمۇ  بەزى ئىنسانلار بىلەن ئشى يوق،چۈنكى بەزى كىشىلەر ئازغۇنلۇقتا ھەتتا شەيتاننىمۇ ھەيران قالدۇردىغاندۇ.
ئىككى شەيتان ئۇچۇرشۇپ قاپتۇ،بىرى باك سىمىز يەنە بىر بەك ئۇرۇق ھالسىزلىنپ كىتىپتۇ.
سىمىزى ئۇرۇقتىن :-نىمانچە ئۇرۇقلاپ كەتتىڭ قارىغىنە ھالىڭغا دەپتۇ؛
ئۇرۇق شەيتان:-بولدى دىمەيلا قوي مەن ئازدۇرۇشقا ئەسئۇل كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا چۈشمەيدۇ،نىمىلا ئىش قىسا (بىسمىللەھى راھمەنۇ راھىم) دەيدۇ.شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھىچغاندق ئىشىغا شىرىك بۇلالمايمەن، شۇڭا ئاجىزلاپ،ھاسىرپ كەتتىم .سەن نىمانچە سەمىرىپ كەتتىڭ ئەھۋالىڭ بەك ياخشىكەندە- دەپسوراپتۇ ،سىمىز شەيتاندىن.
سىمىز شەيتان:-مەن ئازدۇرۇشقا مەسئۇل بولغان كىشى بىر ئاللاھنى ئۇنۇتقۇچى ئۇ ھىچ ۋاقىت ئاللاھغا شۈكۈر ھەمدە ئېتمايدۇ،ئەلۋەتتە ھەر ئىشىدا ھەم ئاللاھنى ئىسىگە ئالمايدۇ،ئۇ نىمە ئىش قىلسا مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ،تاماق يىسە تامىقىنى يەيمەن، ھەر گۇنەھلارنى قىلغاندا مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە ئولتۇرمەن ،مەن قەياياققا باشلىسام شۇياققا ماڭىدۇ، ھا ھا مەن بەك ياخشى قىلقۋاتىمەن خىزمىتىمنى ،لىكىن قىززىق يېرى بەزىدە مىنىڭ ئىسىمگە كەلمىگەن ئەسكىلىكلەر ئۇنىڭ ئىسىگە كىلىدۇ ،غۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ شۇ خىيالىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرسىتىمەن -دەپتۇ.
مۇشۇ ھىكايەتتىن بىلىش مۇمكىنكى شەيتان ھەممە كىشىنى ئازدۇرالمايدۇ.
ئاللاھنى كۆپ يات ئەتسەك ئاللاھتىن شۇ شەيتاننىڭ ۋەسىۋەسسىسىدىن پاناھ تىلىسەك .ئىنشا ئاللاھ بىزنىڭ شەيتانىلرمىزمۇ شۇنداق ھالسىرايدۇ ،بىزگە كۈچى يەتمەيدۇ.
ئەكىسچە بولسا..................
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.
INSAN HAYATIDIKI AJALLIK ILLAT TAKABBURLUK
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 133
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1370 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-12
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-19 23:18

inxa alla  kirindaxlirim nahayti akmiyatlikwa tarbiyiwi akmiyiti mol bolgan timilarni yollapsilar silarga kop taxakkur