«ئاللا خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ». «ئاللا خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ».
بۇ، كىتابتا ئېنىق ئېيتىلغان. لېكىن بۇ يەردىكى «خالاش» تىن مەقسەت مۇتلەق ئىختىيارلىقمۇ؟
ئاللانىڭ ئىختىيار قىلىش جەھەتتە باشقىلارنىڭ چەكلىشى ئۈنۈم بەرمەيدىغان يۇقىرى نوپۇز ئىگىسى ئىكەنلىكى شەك-شۈبھىسىز. ئاللا ھەقىقەتەن ئۆز ئىرادىسى بويىچە جەمئىيەت ۋە تەبىئەتنى تىزگىنلەش ئىختىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭغا باشقىلار ھەر قاچان توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
لېكىن، ئاللا كىملەرنى ھىدايەت قىلىشنى خالايدۇ؟ كىملەرنى ئازدۇرۇشنى خالايدۇ؟
مانا بۇ، يۇقارقى ئايەتلەرگە يۇشۇرۇنغان، بىزنىڭ ئىچكىرلەپ ئىزدىنىشىمىزنى كۈتكەن سۇئال. ئەگەر ئاللانىڭ خالىشىنى ھېچقانداق پرىنسىپ ۋە قائىدىدىن مۇستەسنا دەپ ئويلايدىغان بولساق، ئاللانىڭ بىز ئۈچۈن بىكىتىپ بەرگەن بارلىق پرىنسىپلىرى ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ھالدا ئاللا ئۆزى كىشىلەرنى پرىنسىپ بويىچە ياشاشقا ئۈندەپ، ئۆزى بولسا ئاستىرتتىن پرىنسىپنى بۇزغۇچى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئاللا بىزگە تۈزۈم تۈزۈپ بەردى، ئاندىن ئاشۇ تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئارقىدىنلا يەنە ئۆزى «خالىغان»، ئەمما تۈزۈمگە بويسۇنمىغان بەزى ئادەملەرنى (تۈزۈمگە بويسۇنغانلارنى ھىدايەت قىلىش ھاجەتسىز) ھىدايىتى ئارقىلىق تۈزۈمگە ئاكتىپ بويسۇنغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، ئاللا يەنە بەزى تۈزۈمگە بويسۇنغانلارنى (تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلارنى ئازدۇرۇش ھاجەتسىز) «خالىمىغان» لىقى تۈپەيلىدىن، تۈزۈمنى ئىنكار قىلغۇچىلار قاتارىغا چىقىرىپ قويدى. دېمەك، ئاللانىڭ ئۆز ئالدىغا ھوقۇق يۈرگۈزۈشى بەزىلەرنىڭ تۈزۈمگە تەبىئىي بولمىغان ھالدا بويسۇنۇشىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ تۈزۈمدىن تەبىئىي بولمىغان ھالدا چىقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئاللا چەكسىز ھوقۇق ئىگىسى، ئەمما ئاللا ئىنسانلار مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئۆز ھوقۇقىنى ئۆزى بىلگەنچە ئىشلىتىدىغان ئۆز بېشىمچى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنداق قىلىش ئاللانىڭ ياراتقۇچىلىق سۈپىتى بىلەن ئادىللىق پەزلىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللا بىزگە بىكىتىپ بەرگەن تۈزۈمنى ئۆزى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بولسا، نېمىدەپ بىزگە تۈزۈم بىكىتىپ بەرسۇن؟
يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىساقمۇ، ئەگەر ئاللا ئۆزى خالىغانلارنى ھىدايەت قىلىپ، خالىغانلارنى گۇمراھلىق يولىغا سېلىپ يۈرگۈچى بولغىنىدا، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ كىملەرنى خالايدىغانلىقى ھېچقانداق قائىدە-مىزانغا ئاساسلانمىسا، بۇ نۇقتىدا ئاللانىڭ خالىشى تامامەن ئىدراكسىز، تاسادىپىيلىق خاراكتىرىنى ئالغان بولىدۇ، خۇددى ياشلار ھېسىيات ئىشىغا كەلگەندە، ئۆزى سەۋەبىنى بىلمىگەن ھالدا ئاللىكىملەرگە كۆيۈپ قالغاندەك ۋە بەزىدە ئاللىكىملەرگە ئۆچ بولۇپ كەتكەندەك.
ئەمەلىيەتتە، لوگىكىلىق تەپەككۇرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كىتابقا مۇراجەت قىلىشنى بىرلەشتۈرسەك، قاراڭغۇ نۇقتا ۋاللىدە يورۇيدۇ. يەنى ئاللانىڭ خالىشىغا دائىر مەزمۇنلارغا يانداش ھالدا، ئاللانىڭ «مۇنداق- مۇنداق» سۈپەتكە ئىگە كىشىلەرنى ھىدايەتكە خالايدىغانلىقى، ئەكسىچە سۈپەتتىكىلەرنى بولسا، ئازغۇنلۇققا خالايدىغانلىقى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. ئاللانىڭ، «مېڭىپ كەلگەنلەر ئالدىغا يۈگۈرەپ بارىمەن، ھەقنى سۆيگەنلەر قەلبىنى ھەقىقەتكە كەڭ ئاچىمەن...» دېگەنلىرى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مۇشۇنداق بولغاندا، ئاللانىڭ خالىشى شەرىتكە بىقىنىدۇ، شەرىت ئىنسانلار تەرىپىدە بولىدۇ، يەنى بىر ئازغۇن ئىنسان مەلۇم ياخشى سۈپەتلەرنى ھازىرلىسا، ئۇ ھىدايەتكە ئېرىشىدۇ، بىر سالىھ ئىنساندا مەلۇم غەيرى سۈپەتلەر كۆرۈلسە، ئۇ ھىدايەتتىن مەھرۇم بولىدۇ دېگەندەك.
ئازغۇن ئادەم- ياخشى سۈپەت-ھىدايەت.
سالىھ ئادەم- ناچار سۈپەت- ئاغۇنلۇق.
دېمەك، ھىدايەت ئاللا تەرەپتىن بولسىمۇ، يەنىلا ئىنساننىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىدۇ.
ئەمدى ئىككنجى مەسىلىگە كەلسەك، ئاللانىڭ خالىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ياخشى سۈپەت ۋە يامان سۈپەتلەر زادى كىمگە نىسبەتەن ياخشى-يامان سۈپەتلەر دەپ ئايرىلىدۇ؟
ئەگەر ئاللا ئۈچۈن ياخشى-يامان سۈپەتكە ئايرىلىدۇ دەپ قارىغىنىمىزدا، ئاللاغا ئىنسانلاردىكى ھېسىيات ۋە مەنپەئەت ئېڭىنى تېڭىپ قويۇشىمىز مۇمكىن، چۈنكى باشقىلارنى ياخشى ياكى يامان دېگۈچى ئۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھېسىياتىنى ئويلىغان بولىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى-يامان سۈپەتكە ئايرىلىدۇ دەپ ئويلىغىنىمىزدا، ئىنسانلاردا ھەقىقەتەن ھېسىيات بىلەن مەنپەئەت تۇيغۇسى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاللادا مۇستەقىل خالاش ياكى خالىماسلىق تەبىئىيىتى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ خالاش ۋە خالىماسلىقتا تامامەن ئىنسانلار مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدۇ، يەنى كىمىكى ئىنسانلار مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ماڭسا، ئاللا ئۇنىڭ ھىدايەتتە بولۇشىنى خالايدۇ ياكى ئاسانلاشتۇرىدۇ، كىمىكى ئەكسىچە نىشاننى بويلاپ ماڭسا، ئاللا ئۇنىڭ گۇمراھ بولۇشىنى خالايدۇ ياكى ئاسانلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئاللا ئادەم بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئوتتۇرىسىغا توسقۇن بولالايدۇ. ئاللا ئىنسانلار مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلگەچكىلا، ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن قانۇن-تۈزۈم بىكىتىپ بەرمەكچى بولغان. ئۇنىڭ: «...سىلەر ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ- يامانلىقتىن توسىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر...» دېگەن جاكاسى يەنە قانداق مەنىگە ئىگە بولسۇن؟