باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 26814 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەزىمەتلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ ......
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2442
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2442دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28816 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 10:37

ئەزىمەتلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ ......

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-24)
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇ تېمام ئارقىلىق  مىللىتىمىز ئىچىدىن يىتىشپ چىققان ، دۆلەت ئىچى سىرتىغا تونۇلغان  ئۈچ پۇتبولچى ئەزىمەت يەنى ئابدۇلبارى ، مىرئەخمەتجان ۋە ئۆتكۈر قاتارلىق ئوغلانلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى ، ھەمدە بۇ ئەزىمەتلەرنڭ بۇندىن كىيىنكى بارلىق مۇسابىقىللىرىنى خەۋەردار بولالىساملا مۇشۇ تېمىغا يوللايمەن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا پات_پات كىرىپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن ..

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىغى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇڭ ....


















ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان «تەپۇك» تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى، دېيىلگەن («تۈرك قامۇسى»، 29– توم، 384–بەت) يەنە «تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ 276– بېتىدە پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھون دەۋرىدىن بۇيان «تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا ئوينالغان» دېگەن ئىبارىلەر بار.
تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپقا ئوخشاشماستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەندەك، تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە يەل قاچىلاپ تېپىش، يىپ توپ تېپىش، يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان تڭپنى تېپىش شەكلىدە بولغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پۇتبول ئويناش ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئادەت بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئورما ۋاقتىدا بۇغداي ئېڭىزى، كۈزدە قوناق ئېڭىزى ۋە خامانلاردا ئېشەك مىنىپ ئوغلاق (تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە سامان تىقىپ ياكى يەل بېرىپ، )چەۋگەن، ۋاللەي ئويناشتىن تاشقىرى، يىپتىن ياسالغان ياكى ئىككى كونا تۇماق ئىچىگە يۇڭ ياكى پاختا تىقىپ توپ قلىپ، چاپاندىن قاپقا (قەلئە) ياساپ پۇتبول ئوينايدۇ.
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى مەشھۇر سودىگەر، مەرىپەتچى زات باۋۇدۇن مۇسابايوۋ شىنجاڭدىكى دىنىي مەكتەپلەردە پەننىي دەرس قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويىدۇ. 1883– يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق مەخسۇس پەننى مەكتەپ، 1885– يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى سەككىز سىنىپلىق پەننىي مەكتەپ سېلىپ، ئالتە مو يەردە تەنتەربىيە مەيدانى ياسايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ مەيداندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، مېڭىش، تۇرۇش قاتارلىق ئاددىي تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، چامباش، پۇتبول، تارتىشماق (ئارقان ۋە كالتەك)، «ئەسىر ئېلىش»، «تاش كەلدى – تاش كەتتى» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.
1902– يىلى باۋۇدۇنباي ئۆز خىراجىتى بىلەن روسىيە، تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا پۇتبولمۇ زامانىۋىلىشىدۇ، تەتىجىدە ئۇيغۇر تۇنجى زامانىۋى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۇتبول پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ.
1927– يىلى 7– ئايدا، ئاتۇش ئىكساققتا قۇرۇلۇغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئىكساقتا قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گەرچە يېشى يەتمىشتى ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى زامان پۇتبول مەيدانىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كېيىن (1951-يىلى) ياشانغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپيۇن بولىدۇ.
بۇ ئەھۋاللار بىزگە پۇتبول ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.




ئەمدى نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى   خەۋەر  بولسۇن !!










تەڭرىتاغ پالىۋانلىرى

ئوڭدىن سولغا ئۆتكۈر ، ئابدۇلبارى ، مىرئەخمەتجان  
    ئۆز خەۋىرىمىز : بۇ يىل قىشتا ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتتىق سوغۇق بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . 3ــ ئاي كىرىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىر ئاز ئىللىغان بولسىمۇ ، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ياغقان قار سەۋەبىدىن ، شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇراسى ئاۋۋالقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدەك ئىسسىپ كېتەلمىدى . لېكىن ، مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردىمۇ ، خۇددى كىشىلەرگە مەدەت بېرىۋاتقاندەك ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى .


 
   16 ــ  مارت ، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى  يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . مىرئەخمەت بىلەن بارى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى تىزىملىكىگە كىردى . كىشىلەرنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ، مىرئەخمەتنىڭ شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق يۇرتدىشى ئۆتكۈر ھەسەن ، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى تىزىملىكىگە كىرىپ ، مىرئەخمەتتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قالدى .





ئابدۇلبارى

2 ــ ئاينىڭ ئاخىرىدا خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى ، شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى مىرئەخمەت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغانىدى . بۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئايىقى تېخى ئۈزۈلمەستىنلا ، ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بارى خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋە بىر توپ ھۇجۇم پاس بېرىپ ، خاڭجۇ كوماندىسىنى بۇ مۇسابىقىدىكى تۇنجى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى . مىرئەخمەتكە بولسا گوللاندىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كوماندىسى ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ ، بۇ كوماندىنىڭ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالدى . بۇ ئارقا ــ ئارقىدىن كەلگەن خۇش خەۋەرلەر شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى . كىشىلەر شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ شانلىق تارىخىي ئېچىلىشقا باشلىدى ، شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى دېيىشتى .





مىرئەخمەتجان





ئۆتكۈر ھەسەن

ئەمدى ئىنكاس ئارقىلىق بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن !!




[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-03-28 00:00قايتا تەھرىرلىدى ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 588
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە588دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 6015 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-03-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-20 14:03

ھەي 3مىليۇننى يغىش قىلغىلى بۇللماسمۇ
adasdsadas