ئازاب(شېئىر)
ئابدۇغېنى ئابدۇراھمان
(بۇ شېئىر "شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى"گېزىتىنىڭ 2010-يىل11-ئاينىڭ30-كۈنى چىققان سانىغا بېرىلگەن بولۇپ،مەن ياقتۇرغاچقا بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.ئاپتۇرنىڭ ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن)
گەر يۈرىكىڭ يىغلىسا ئۆكسۈپ،
تۆكۈۋەتسە قىزىل قېنىنى،
تومۇردىكى قانلىرىڭ چۆچۈپ.
ئالالمىساڭ ئەركىنرەك نەپەس،
تىنىقلىرىڭ قالسا بوغۇلۇپ،
ئۆلۈپ كەتسە قۇترىغان ھەۋەس.
يۇلتۇز ساناپ ياتساڭ كېچىدە،
تاپالمىساڭ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ،
يالغۇز تۇرۇپ تۆت تام ئىچىدە.
ياساپ قويۇپ كۈلكىگە قەبرە،
چۈشلىرىڭدىن يىرتىلسا تارىخ،
كۆمۈپ قويۇپ ئۇنى جىممىدە.
يېتىپ قالسا لايغەزەل ئارمان،
سۈيى قۇرۇپ كەتكەن دېڭىزدەك،
بەتتام بولۇپ تۇيۇلار جاھان.