باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1630 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇستاپا كامالنىڭ ئىش- ئىزلىرى (2)
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 20:56

مۇستاپا كامالنىڭ ئىش- ئىزلىرى (2)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن باستۇرۇلدى(2011-03-19)
مۇستاپا كامالنىڭ ئىش- ئىزلىرى (2)


مۇستاپا كامالغا يىقىن ۋە ئۇنىڭ باياناتلىرىنى خاتىرلەيدىغان"مۇفىد كانسۇ"ئىسىلىملىك بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ:" 1919- يىلى مۇستاپا كامال كەلگۈسى ئارزۇلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ كىلىپ، خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە جۇمھۇرىيەت تۈزۇمىنى ئىلان قىلىش، ئاندىن ئايال-قىزلارنىڭ يۈزى ۋە باشلىرىنى ئىچىۋىتىش، ئەرەب تىلىنى بىكار قىلىپ تاشلاش ۋە تەربۇش(باشقا كىيىدىغان دوپپا) كىيىشنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى".(1)

يوقىرىدا تىلغا ئىلىنغان لوزان شەرتنامىسىگە ئاساسەن، تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش ئۈچۈن مۇستاپا كامالنىڭ بىرىنجى قىلغان ئىشى: شەرىئەت ۋە شەرىئەت قۇرۇلمىسىنى يىراقلاشتۇرۇش، ئىسلام قانۇنىنى جەمىيەتتىن چىقىرىپ تاشلاش، مەدەنى قانۇننى، ئىلمانىزم مائارىپ تۈزۈمىنى ۋە لاتىن ھەرىپىنى قوللىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇڭا ئۇ مەسجىدنىڭ سىرتىدا ئىسلامى پورما كىيىشنى چەكلىدى، ئايا سوفىيا جامىئەسى ۋە سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ جامىئەسىنى تاقاپ، مۇزىيخانىغا ئايلاندۇرۋەتكەندىن كىيىن، ئۇجامىئەدە ناماز ئوقۇشنى چەكلىدى. قۇرئان كەرىم ۋە ئەزاننى تۈركچە ئوقۇشنى بىكىتتى، شۇنداقلا مىللى ئەسەبىيەتچىلىكنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەشەببۇس قىلدى(2). بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىپ قالماي، ئىمىلدەش بىر تۇققانلار ئارا توي قىلىشقا- گەرچە بۇ مەسىلە مۇستاپا كامال قوللانغان شىۋىتسارىيە قانۇنىدا چەكلىنىدىغان بولسىمۇ- رۇخسەت قىلدى(3). فىرانسىيەلىك يازغۇچى(مورىس بەرنۇ)" ئاسىيا ئىسلام دۇنياسى"نامىلىق كىتاۋىدا مۇستاپا كامالنىڭ نادانلىقىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:"مۇستاپا كامال قوللانغان شىۋىتسارىيەنىڭ مەدەنى قانۇنى رىم ۋە خىرىستىيان مەنبەسىدىن پەيدا بولغان قانۇن. قەدىمى قانۇنلارنىڭ ھەر بىر ئەۋلادلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىڭىلىق يارتىشى لازىم بولسا، ھەر دەۋرىدىكى خەلقلەر داۋاملىق قانۇنلارنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى لازىم ئىدى"(4).

مۇستاپا كامال سەللىلىك دىن ئىزلەيدىغان گورۇھنى باستۇرۋىتىدىغان نىيىتىنىڭ بارلىقىنى خەلق ئاممىسى ئالدىدا ئىلان قىلغان ۋە ئۆزى بۇ ئىشقا باش بولۇپ ئىجرا قىلغان5. ئەسكەرلەرنىڭ قەدىمقى تۇران مەدەنىيىتىگە چوقۇنۇشقا پەرمان چۈشۈرگەن6. تۈركىيە جەمىيىتىدە غەربلىشىشنىڭ يىلتىزى ئۆزگەرتىش پەيدا قىلغانلىقىدىن ئەنگىلىيەنىڭ پادىشاھى(جورج ئالتە) تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا ھەيران قالغان. چۈنكى تۈركىيە كۆرنىشى، يىزىقى، تىلى ۋە دىنىنى يوقاتقان ئىدى، لىكىن ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئەللەردە مۇنداق ئىش تىخى يۈز بىرىپ باقمىغانىدى7.

ئوسمانلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شەيخۇل ئىسلامى مۇستاپا سەبرى مۇستاپا كامال توغرىسىدا توختىلىپ:"ئەنگىلىيە جىددى ئىزدىسىمۇ مۇنداق بىر ئادەمنى قايتىدىن تاپالمايدۇ، چۈنكى بۇ ئادەم ئىسلامنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىنى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆرۈپ تاشلىدى، ئەنگىلىيە ئـۆزى قىلغان بولسا ئۇنچىلىك قىلالمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىتىقدارى ئاشكارىلانغاندا، ئەنگىلىيە ئۆز ئورنىدا ئۇنى تۈركىيەگە ۋەكىل قىلىپ قويۇپ، ئۆزلىرى يۇرتىمىزدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتتى"دەيدۇ8.

مۇستاپا كامالنىڭ شەخسى ئىستىلىغا كەلسەك، باش قايىدۇ. بەزى ئوسمانلار سۇلتانلىرىنى پاسىق ۋە ھاياسىز دەپ گومان قىلغان مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇلارنى بىسىپ چۈشكەن."جانقايا قەسىرى" بۇزۇقچىلىق ۋە رەزىللىكنىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان، بەچچىۋازلىق ئەۋج ئالغان، مەكتەپ قىزلىرىنى بۇلاپ باسقۇنچىلىق قىلغان، مەسئۇللار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ بىرىش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن پاھىشە قىلغان ۋە قەسىرنى يالىڭاچ ئۇسۇلچى ئاياللار بىلەن توشقۇزىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت كۈنلىكى ھاراققا زابايلاشقان، مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكلىرىنى ئوغىرلىغان، تىرىلغۇ يەرلىرىنى بۇلىغان، شەخسى مال- مۈلكلىرىنى دۆلەتكە ساتقان، قارشى ئىدىيەدىكىلەرنى سۈيقەست قىلىپ يوقاتقان ۋە ئەزەربەيجاننى روسلارغا سىتىۋەتكەن9.

مۇستاپا كامال ئىراننىڭ شاھى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىمۇ مۇشۇ رەزىللىكە قاتناشتۇرماقچى بولۇپ، ئىھتىياجىنى قاندۈرۋىلىشى ئۈچۈن جالاپتىن بىرنى تەقدىم قىلغاندا، ئىران شاھى رەت قىلغان10.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇستاپا كامال مەس ھالەتتە بىر مىھمانخانىدىن چىقىۋاتقان ۋاقىتىدا ناماز بامداتنىڭ ئەزىنىغا توغرا كىلىپ قالغان، ئۇ رەسۇلۇللاھ ئىسمىنىڭ ھەر ۋاقىت دۇنيادا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان شۆھرىتىدىن ھەيران بولۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاشۇ مەسجىدنىڭ مونارىنى ئىلىپ تاشلاشقا بۇيرۇغان11.

شۇندىن كىيىن شەھەرنىڭ ھەر بىر مەيدانلىرىغا ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشكە باشلىغان. ئۇ ئىسلام دىنى تۈركلەرنىڭ دىنى، ئىسلام دىگەن بەندە بىلەن پەرۋەردىگار ئارىسىدىكى يۈرەك ئالاقىسى دەپ غەربچە يىڭى ئىزاھاتنى كۆتۈرۈپ چىققان. مۇستاپا كامال كىچىكىدىن تارتىپ ئائىلە خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقىنى ھىس قىلمىدى، بۇ ئىستىل ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى چاپلاشتى. گەرچە ئۇ باي ۋە ئەسلى ئائىلىدىن توي قىلغان بولسىمۇ، ئايالى كامالنىڭ پاسىق ۋە بۇزۇقلىقى سەۋەبلىك تىزلا ئاجرىشىپ كەتكەن. ئاياللار ئەركىنلىكى دەپ رەزىللىككە بولۇشىغا يول ئىچىۋەتكەن، قەسىرىنى قىزلار بىلەن توشقۇزىۋەتكەن، ئادەتتە بىر قىز بىلەن ئاران ئىككى ھەپتە بىرگە بولغان12.

مۇستاپا كامال ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات جەمىيىتىنىڭ قارارىدىن كىيىن بىرىنجى قىتىملىق ئۇرۇشىدا شەخسى مەغلۇپ بولشدىن ئەنسىرەپ ئەسكەرلەرنىڭ باش قوماندانلىق مەنسىپىنى رەت قىلغان . ئۇزۇن ئۆتمەي ھەربى مەجلىس ئۇنىڭغا"غازى"دىگەن نامنى ۋە 4 مىليۇن لىيرانى بەرگەن13. 1934-يىلى ئائىلە لەقەم قوللىنىش قانۇنىدىن كىيىن ۋەتەن جەمىيىتى ئۇنىڭغا "ئاتا تۈرك" دىگەن لەقەمنى بەرگەن14.

مۇستاپا كامال ئۆلىدىغان چاغدا ئەنگىلىيەنىڭ كونسۇلىنى چاقىرىپ كىلىپ:"ئۇنى تۈركىيەگە رەئىس قىلىپ قويۇش" تەكلىۋىنى بەرگەن. بۇ خەۋەرنى ئەنگىلىيەنىڭ سانداي تايىمىز گىزىتى نەشىر قىلغان ۋە 1968-يىلى 2-ئاينىڭ-15-كۈنى مىسىرنىڭ ئىھرام گىزىتى ئۇ خەۋەرنى مەزكۇر گىزىتتتىن نەقىل قىلغان15.

1952- يىلى ئىستانبولدا تۇرۇشلۇق مىسىر كونسۇلى"مۇستاپا سەئدەنى":"مۇستاپا كامال-ئەگەر ياردەمچىلىرى ئاگاھلاندۇرمىغان بولسا-دۆلەتنىڭ رەسمى دىنى خىرىستىيان دىنىدۇر، دەپ ئىلان قىلىشقا جىددى ئويلىنىۋاتقان ئىدى"دەپ بايان قلىدۇ16.

بۇ بۇت ئادەمنىڭ ھەقىقىتىنى پاتكان"جون بول ئىككى"دىن باشقىلار بىلمىسە كىرەك، پاتكان 1979-يىلى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا:"مەن ئاتا تۈركنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئىگىلىۋاتقان تارىختىكى بىرىنجى پاتكان، تۈركىيەنىڭ دىنى ۋە تارىخى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور"دەپ ئىنىق ئىيتقان17 .



ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسى ۋە ۋەسىيىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى



مىكافىللىنىڭ"ئەمىر"نامىلىق مەشھۇر ھىكايىسىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز زىكىر قىلىنىدۇ:" ھاكىمنىڭ ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە ياراملىقى ئەتراپىدىكى كىشلەرنىڭ ساپا ۋە خاراكتىرلىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. چۈنكى ئىشەنچىلىك، ياراملىق ۋە ئەخلاقلىق سۈپەتلەر ئەقىلنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە دەلىل بولىدۇ، ئۇنداق بولماي قالسا، بۇ مەسىلە ھاكىمنىڭ پىكىرىگە ئەكسى تەسىر بىرىدۇ18. مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىتىبارغا ئالغاندا، مۇستاپا كامال ئەتراپىغا نىمە دىسە رەت قىلمايدىغان ۋە ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ ھەقىقىتى ۋە ساقىيىش يولىنى ئىيتىپ بىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان كاللا كىسەرلىنى يىغىۋالغان. مەسىلەن، لوزان قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتىلگەن مۇستاپا كامالنىڭ خاس ۋەكىلى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى (ئىسمەت ئىينو)نىڭ يىتەكچىلىك رولى بولمىغان، لىكىن ئۇ فىرئەۋىننىڭ ۋەزىرى يولى بويىچە ئۆلگىچە مۇستاپا كامالغا ساداقەتمەن بولۇپ كەلگەن. بۈيۈك ۋەتەن مەجلىسى(پارلامىنت) ئۇنى كامالدىن كىيىن جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىگە سايلىغان، ئۇ 12 يىل ھۆكۈم سۈرگەن19. دىمەك، ئۇ مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلامغا قارىشى تۇرۇش پرىنسىپىغا ئىزچىل ئىخلاسمەنلىك قىلىپ كەلگەن، شۇڭا 1950- يىلىغىچە ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ يولىنى سىقىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن.

ئەدنان مۇندەرىس باش مىنىستىر بولغاندا خەلقنىڭ غەزىۋى قوزغىلىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بىر ئاز كەڭچىللىك پەيدا بولۇپ، قۇرئان كەرىم ۋە ئەزان ئەرەبچە تولىنىدىغان بولغان ۋە دىنى مەكتەپلەر قايتىدىن ئىچىلغان، لىكىن كامالچىلار دىننى سىياسەتكە ئارىلاشتۇرۇشنى رەت قىلغان20.

ئۇنىڭ قارشىسىدا ئامىرىكا تۈرك ئىلمانىزىملارنى كاچاتلىغان، چۈنكى كونگىرىس(ئامىرىكا پارلامىنتى) تۈركىيەنىڭ غەربنىڭ سەدىقىلىرىگە ئىسىلىپ گاداي ياشىشى ئۈچۈن ئىسمەت ئىينو ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە بەش مىليۇن دوللار قەرز بىرىپ تۇرۇشنى رەت قىلغان. 1946-يىلى ئامىرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى"دىن ئاتشتسۇن" تۈركىيەنى ھەربى جەھەتتىن قوللاشقا قارىشى تۇرغان، چۈنكى ئۇ ئىلمانىزم تۈركىيەنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن21.

ئەمەلىيەتتە ئامىرىكا ھەقىقى مەقسىتىنى ئىنىق ئاشكارىلىغان، يەنى تۈركىيەنىڭ سانائەت جەھەتتىن تەرەققى قىلىپ كەتمەسلىگى ۋە يىزا ئىگىلىك دۆلەت سۈپتىدە تۇرۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادى ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئۆزىگە ساقلاپ قالغان22. تۈركىيە ئىلمانىزم يۆلۈنۈشى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى قاتتىق قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1949-يىلى ياۋرۇپا مەجلىسىگە، 1952-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا، ئاندىن 1964-يىلى ياۋرۇپا سودا بازىرىغا قاتنىشالىدى23.

غەربنىڭ نەزرىدە تۈركىيە-گەرچە ئىلمانىزىملىقى ئىنىق بولسىمۇ- يەنىلا ئىسلام دۆلىتى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئەنگىلىيە تايمىز گىزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا بولۇش توغرىسىدا ماقالە يىزىپ مۇنداق دىگەن:"ياۋرۇپا مەجلىسىگە تۈركىيەنى قوبۇل قىلىش ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ، چۈنكى تۈركىيەدە ياۋرۇپا بىرلەشمىسىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، دىن ۋە تىلدىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتلىرى تىپىلمايدۇ".تۈركىيە ۋەكىلىنىڭ ياۋرۇپا مەجىلىسىگە بەرگەن جاۋابىدا:"خەلقئارا ئالاقە ئىشلىرىدا دىن مەسىلىسى ئىتىبارغا ئىلىنماسلىقى كىرەك، چۈنكى تۈركىيە دىنى دۆلەت ئەمەس، ئىلمانىزمنى قوبۇل قىلغىلى چارەك ئەسىر بولدى، شۇنداقلا تۈرك تىلى ھىنگارىيە ۋە فىنلاندىيە تىل سىستىمىغا تەۋە، شۇڭا تۈركلەر ئۆزلىرىنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ"دىگەن24. تۈركىيە ئىلمانىزم جۇمھۇرىيىتى ئىلان قىلىنغىنى 94 يىل بولغان بولسىمۇ، ياۋرۇپا ئىقتىسادى بىرلەشمىسىگە ھازىرغىچە تۈركىيەنى قىتىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



خەلق ئويغۇنىدۇ



كامالىزىم سىياسىتىدىكى ئازراق ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە خەلق ئىسلام قانۇنىنى تەلەپ قىلىدىغان ۋەزىيەت يارتىلدى. "سالامەت" پارتىيسىنىڭ رەئىسى پارلامىنت ئەزاسى نەجمىدىن ئەرباكان 1977-يىلى مۇستاپا كامال قۇرغان خەلق پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمەتتىكى ئىككىنجى ھوقۇق مەنسىپىگە يىتەلىدى. كامالچىلار بولۇپمۇ ھەربىيلەر بۇ ۋەزىيەتنى كۆتۈرەلمەي1980-يىلى ھەربى ئىنقىلاب قوزغىدى، پارلامىنت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە سىياسى پارتىيەلەر بىكار قىلىنىپ تاشلاندى25. ھەربىلەر ئىنژىنىر نەجمىدىن ئەرباكاننى ۋە ئۇ قۇرۇپ چىققان "سالامەت"پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى:"ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشقا، شەرىئەتنى تەتبىقلاشقا، دىنى مەكتەپ ئىچىشقا، ئاياسوفىيا جامىئەسىنى قايتا ئىچىشقا ۋە ھەرپلەرنى ئەرەبچىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان" دىگەن تۆھمەت بىلەن ھەربى سوتقا تارتتى26. ھەربىلەر ئىلگىرى بەزى سىياسىيۇنلارنىڭ كامالىزمدىن كەڭچىللىق قىلىپ خاتالاشقانلىقىنى ھىس قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئالدىرىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. نەجمىدىن ئەرباكان 1997-يىلى سايلامدا غەلىبە قازىنىپ باش مىنىستىر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا يەنە ھەربىلەر ھەربى ئىنقىلاب قوزغاپ بۇ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. مانا بۇ تۈركىيەدە ئاتالمىش دىموگىراتىيە..

تۈركىيە ياۋرۇپا خىرىستىيان ئائىلىسىگە ئەزا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئامىرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تۈركىيەنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەسكىلاتىغا قوشۇلىشىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. تۈركىيە 1952-يىلى ئەزا بولغاندىن كىيىن، ئامىرىكا تۈركىيەنىڭ ۋەتەن مەجلىسى(پارلامىنت)مەجلىسىگە ئۇقتۇرماي سوۋىت ئىتتىپاقىغا جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن 100 ھەربى گازارما قۇرۇپ چىققان. تۈركلەر ئۇ گازارمىلارغا كىرىشتىن چەكلەنگەن، ئەسكەرلەرمۇ كىرەلمىگەن27. دىمەك، ئىشەنمەسلىك مانا مەن چىقىپ تۇرغان. ئەدنان مۇندەرس ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان چاغدا، ئامىرىكىلىق مۇتەخەسسىلەرنىڭ رىياسەتچىلىگى ئاستىدا تۈركلەرنىڭ قىممەتلىك قەدىمقى مىراسى كىتابلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالى گورۇپا تەشكىللىگەن ۋە جەمىيەتنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئامىرىكىنىڭ"تىنىچىلىق تەشكىلاتى"ئالدىدا يولنى كەڭرى ئىچىۋەتكەن28.

ئامىرىكا رەئىسى جونسۇن ئىتتىپاقدىشى ئەدنان مۇندەرىسقا ئەگەر تۈركىيە قەبرىس(سىپروس)ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ قالسا تۈركىيەنى روسلارغا ئوۋ(قۇربان) قىلىپ تاشلاپ قويىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان. تۈركىيە يوقىرىقى تەھدىتكە پىسەنىت قىلمىغاندىن كىيىن ئامىرىكا رەئىسى نىكسوننىڭ ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە ھەربى ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەن. تۈركىيە 1977- يىلى نەجمىدىن ئەرباكان مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاقتىدا قەبرىسكە ھۇجۇم قىلغان ئىدى. تۈركىيەگە قارىتىلغان ھەربى ئىمبارگو رەئىس كارتىرنىڭ دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، سەۋەبى كارتىر فىروففىسور نەجمىدىن ئەرباكاننىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا"ۋەتەن قۇتقۇزۇش"پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە يىزىلىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ كىتىۋاتقانلىقى ۋە ياشلارنى ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىق خەتىرىنى ھىس قىلغان ئىدى29.

مۇستاپا كامالدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىسلام دۇنياسدىكى ئىلمانىزملارنىڭ مەسىلىسى ئۈلارنىڭ مەلۇمات ۋە ئىدىيە مەنبەسىدە. ئوسمانلار تارىخىدا مۇتەخەسسىس تارىخچىلارنىڭ بىرسى شۇنداق دەيدۇ:"ياۋرۇپا ئوسمانلارغا مىلادىيە 16 ئەسىردىن تارتىپ خىرىس قىلغان بولۇپ، ئوسمانلارنىڭ تارىخىنى دۈشمەنلىك شەكلىدە دەرسلىك قىلغان.مۇسۇلمان ئوغلانلىرى ھازىرقى دەۋردە يارۇپا ئەللىرىدە ئوقۇشقا يۈزلەنگىنىدە، ئوسمانلارغا دۈشمەن نەزىرى بىلەن قاراشنى ياۋرۇپالىقلاردىن قوبۇل قىلغان"30.

بۇ يەردە شۇنداق دىيىش لازىمكى، يارۇپادا ئوقۇپ كەلگەن( ھاكىملار، ئىلمانىلار...) ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام قانۇنلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىنى غەربلىكلەردىن قوبۇل قىلغان، نەتىجىدە ئۆزلىرىمۇ ئازغان ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرغان. ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ھاكىملارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك غەربتە ئىلمانىزم ئىڭى بويىچە تەربيىلەنگەن ئىلمانىزمچىلار بولغاچقا خەلققە ئەركىنلىك بەرمەي مەنسىپىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇستەبىدلىك بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ غەربنىڭ سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغانلار، چۈنكى ئۇلار شۇنداق تەربىيلەنگەن...

دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنىڭ مەنبەسىمۇ روس ياكى غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىسەل مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. بىر قىسىم ئەقلىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان زىيالىلار ياتلار نىمە دەپ بەرسە شۇنى تەكرارلاشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. ئىسلامنى، ئۆز تارىخىنى ئىسلام دۈشمەنلىرىدىن ۋە ياتلاردىن ئۆگىنىش بۇلارنى ئويغا سالمامدىغاندۇ؟! ماڭا دىنىم، ئىتىقادىم، تارىخىم ۋە مەدەنىيىتىمنى ئۆگىتىۋاتقان كىم؟ توغرا ئۆگىتىۋاتامدۇ ياكى بۇرمىلاۋاتامدۇ؟ دىگەننى ئويلىمايدىغان ئاتالمىش زىيالىلارغا نىمە دىگۈلۈك!

تىخى بۇلارنىڭ ياتلار تەرەققىپەرۋەر دىنىمىز توغرىسىدا نىمە دەپ ئىغۋا تارقاتقان بولسا، شۇنى تەكشۈرۈپ باقماي ئۆز ئەينى تەشۋىق قىلىپ جەمىيەت ۋە ياشلارنى زەھەرلىشى ئادەمنى تىخىمۇ ھەيرانغا سالىدۇ!...



خاتىمە ئورنىدا

ئەسلى ۋە نەسىبى نامەلۇم بولغان بۇ شەخس قۇددۇسنى ساقلاپ قىلىش بەدىلىگە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىنى قوربان بىرىش ئىرادىسى، ئۇنىڭ "خىرىستىيان دىنىنى دۆلەتنىڭ دىنى" قىلىپ ئىلان قىلىش ئارزۇسىنىڭ راستلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە كىرەك. ئۇنىڭ سۈرىيە، پەلەستىن، بالقان ۋە ئەزەربەيجاندا مۇسۇلمانلارغا قىلغان ئارقىمۇ-ئارقا خىيانەتلىرى، ئانازۇلغا ئۆمەك قىلىپ ئەۋەتكەن سۇلتان ۋەھىدگە قارىشى ئىنقىلاپ قوزغىشى، ئىنگىلىزلارنىڭ ئۇنى مىللى قەھرىمان قىلىش ئۈچۈن خىيالى ھادىسلەرنى ياساپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئىسلامنى رەت قىلىپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رەزىللىكنى نەشىر قىلىشى... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلىقنى داۋا قىلىدىغان بىر ئادەم قىلغان.ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىشتا مۇستەملىكىچى ئەنگىلىيە دۈچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتنىڭ ئوندىن بىرىگە دۈج كەلمىگەن! قانداقمۇ شۇنداق قىلالىغاندۇ!...

ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى شەھەرلەرگە ھاكىم بولىۋالغان چاغدا، ئىتالىيەلىك كونت"ئوستۇرلىغ"نى ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن، چۈنكى ئۇ تۈركلەرگە قارىغاندا بەك بىلىمدارمىش31.ئىستانبولدا ئۇسۇلى فىقھى(قانۇنشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسلىرى ئىلمى)نى بىلىدىغان بىرەر ئالىم تىپىلمىغانمىدۇ!

سۇلتان (ۋەھىددىن ئالتە) مۇستاپا كامالغا بەك ياخشى گومان قىلغاچقا ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانىنى كامالچىلار ئالدىدا چىكىنىشكە بۇيرۇغان32. سۇلتان ۋەھىددىن ئىنگىلىزلارنى مۇستاپا كامال بىلەن ئەپلىمەكچى بولغان، لىكىن ئىنگىلىزلار سۇلتاننى ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىۋەتكەن33 .

ئادەمنى ھەيرانلىق باسىدۇ، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قانداقمۇ مۇستاپا كامالدەك ئوسمانلار قوماندانىنىڭ ئالدىدا مەغلۇب بولسۇن! مۇستاپا كامال ئىمكانىيەت كۆپ پەلەستىندىكى چاغدا ئىنگىلىزلار ئالدىدا مەغلۇب بولغان ئەمەسمىدى! ئۇ ئەرەب ئەللىرىنى پارچىلاش، ئەرەبلەر زىينىغا يەھۇدىلار قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ھىندىستاندىكى ئىسلام تۇيغۇسىنى تۇنجۇقتۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك بەلگىسى بولغان خەلىپىلىك روھى ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ئەنگىلىيە ۋە فىرانىسىيەنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقان ئىدى34.

بىچچارە تۈركىيە دۆلىتى ھازىر ئۆزى بۇرۇن ۋاز كەچكەن شەرققە تەۋە ئەمەس ياكى ھەممە قىممەتلىك نەرسلىرىدىن ۋاز كەچسىمۇ ئىرشەلمەيۋاتقان غەربكە تەۋە ئەمەس، ئىككى قىتئە ئارىسىدا بۆلۈنۈپ يالغۇز يىتىمسىراپ قىلىپ قالدى... 2002- يىلى ئىلان قىلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا تۈركىيەنىڭ تاشقى قەرزى 134مىليارت دوللارغا يىتىپ قالغان.

ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىدىكى-دىيارىمىزدىن تارتىپ- ئىلمانىزمچىلار مۇستاپا كامالنىڭ يولى بويىچە تەپەككۈر قىلىۋاتىدۇ... خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۆرۈپ تاشلاۋاتىدۇ...

"مۇستاپا كامالدىن كىيىن تۈركىيەگە ھەقىقى كىم ھاكىملىق قىلىۋاتىدۇ ۋە ھازىرچۇ؟"دىگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ماقالىمىزنى ئۈچىنجى قىسمىدىن كۆرگەيسىز!








2006-08- 14 مىلادىيە

1427- 07- 20 ھىجرىيە
http://bbs.merifet.net/read.php?tid=3382
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
bilig
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1126
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 514
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە514دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 6394 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-03-29

مەن ئاڭلىمىغان يېڭىلىقكەن  خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1444
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2011-07-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 13:50

سىز مۇستاپا كامالنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيسىز-يۇ،ئۇنى چۇقۇم تۈرۈك مىللىتى ئەمەس دەپ جەزىملەشتۈرۈپسىز،
تارىخقا شەخسىي كۆز قاراش ئارلاشقان ھامان تارىخ بورمىلانغان ھىساپلىنىدۇ.

تۇغرا   سۇلتانيلار  دەسلەپ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك ئىدى ،لىكن كىيىنچۇ؟   زىمىنى ئىككى قىتئەگە سۇزىلغان بىر  ئىمپىرىيە نەچچە  دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزىنى تۇسىيالمىدى، تاجاۋۇزچىلار ئىستانبۇلنىڭ  بۇسۇغىغا كىلىپ قالسىمۇ  ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئاچماي ،
ئۇردا  ئىچىدە  ئەيىش -ئىشرەت ،كەيىپ-ساپا بىلەن  خاتىرجەم ئىدى ،  شۇ  چاغلاردا   كىم  تۈرۈك  مىللىتى  دېدى ؟   تۈرۈك زىمىنى، تۈرۈك قىزلىرى  يات ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشغا ئۇچىرغاندا   ئۇسمانيىلار ئىمپرىيە تۇرۇپ  نىمە قىلدى؟ ھەم قىلالايدۇ؟

مۇستاپا  كامال   دۆلەتنى  مۇنقەرىز  قىلىشتىن   ساقلىدى . دىن  بىلەن ھۇقۇقنى  ئايرىۋەتتى، شۇنداق  بۇ  نەچچە ئەسىر دىن بۇيان دىن  بىلەن
ھۇقۇق  سۇراپ كەلگەن  مىللەتكە خلى ئۆزگەرتىش  ئىلىپ  كىلىدۇ ، لىكىن  بۇ  تۈرۈك  مىللىتى ئۇچۇن  ، تۈرۈك ئەۋلادلىرى  ئۇچۇن
   سىز   دىن  بىلەن  ھۇقۇق بىرلەشكەن سىياسەتكە  ئىنتىلسىڭىز  سىزدىن   سۇراپ  باقاي  ،   ئافاق خوجا   دىن  ئارقىلىق   ھۇقۇق  تۇتۇپ    ئۇيغۇرلارنى  قانداق  كۈلپەتلەرگە  قۇيدى ، بۇنى  دەپ   ئۇلتۇرمىساممۇ  ئافاق خوجا   دەۋرىنىڭ  ئالدى كەينىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  تارىخى  ھەممىمىزگە  بەش  قولدەك  ئايان .
مۇستاپا  كامالنى ئۇيۇنچى ،بۇزۇق   دىمەكچى  ئىكەنسىز ، قانداق  دەللىل-ئىسپاتڭىز بار، ئەپقاچتى  يالغان  ياۋداق  گەپلەرنى  تارىخ  دەپ   يىزىۋەرمەيلى ، ھۆرمەت  قىلىشنى  ئۆگىنىۋىلىڭ،  ئەگەر  مەن مۇستاپا  كامال كىچىك  ۋاقتىدا   قۇشنىسىنىڭ  قىزىغا
باسقۇنچىلىق  قىلغان  دىسەم  ،سىز  ئىككىلەنمەيلا  مۇستاپا  كامال كىچىك  ۋاقتىدا   مەھەللىسىدىكى قىزلارغا  باسقۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدىكەن دەپ  ،  بۇ  ماقالىڭىزگە   مۇھىم نۇقتىنەزەر قىلىپ قىتىۋىلىشتىن  يانمىغىدەكسىز !!!


  سىزگە  دەيدىغان   نۇرغۇن   گەپلەر   بار  ئىدى ، لىكىن   ۋاقىت  تۈپەيلى گىپىمنى 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1444
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2011-07-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 13:59

ئاخىرىدا   سىزگە  شۇنى  دەپ قۇياي  تۈركىيەگە    تۈركىيە   خەلقى  ئۆزى   ھۆكىمىرانلىق  قىلىۋاتىدۇ . گەرچە  غەرىپكە  ماھىل  بۇلسىمۇ  تۈرۈك  مىللىتى ، تۈرۈك  خەلقىنى  باي  قىلىش  ئۈچۈن  ئۈزلۈكسىز  تىرىشۋاتىدۇ . تۈرۈكلەر  نىمە  ئۇچۇن دائىم  گۈزەل  كۆنلەر  دەيدۇ ؟ مۇستاپا كامال   بۇلغانلىقى  ئۈچۈن، شۇنداق  بولدى ،  ئۇسمانىيلارنىڭ  زەېپلەشكەن  سۇلتانلىرى  بۇلغان  بولسىچىۇ ؟  ئۇ چاغ  قانداق بوللاتتى ؟  
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 20:10

ئوسمانىيلار بولغان بولسا دۇنيا يەھۇدىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىگەن بولاتتى،،،،مۇسۇلمانلار باشقىچە بىر ھالەتتە بولغان بولاتتى،،،
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2356
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2356دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29046 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 20:15

4-قەۋەت (samanyoli) نىڭ يازمىسىغا

ھەممە خەخ سىزدەك ئويلىغان بولسىغۇ  ھازىرمۇ دۇنيانى يەھۇدنىڭ قولىدىن تارتىۋلالايتۇق!!  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 21:30

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى tnt نىڭ 2011-03-18 13:50 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
   سىز   دىن  بىلەن  ھۇقۇق بىرلەشكەن سىياسەتكە  ئىنتىلسىڭىز  سىزدىن   سۇراپ  باقاي  ،   ئافاق خوجا   دىن  ئارقىلىق   ھۇقۇق  تۇتۇپ    ئۇيغۇرلارنى  قانداق  كۈلپەتلەرگە  قۇيدى ، بۇنى  دەپ   ئۇلتۇرمىساممۇ  ئافاق خوجا   دەۋرىنىڭ  ئالدى كەينىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  تارىخى  ھەممىمىزگە  بەش  قولدەك  ئايان .
  .......

ئىسىت سىزنىڭ ھالىڭىزغا!!! ئىسلام دىنىدىن قۇسۇر چىقارماقچى بولىۋاتامسىز؟ پۈتۈن دۇنيادىكى سىياسىيونلارنى ئېلىپ كېلىپ تەتقىق قىلسىڭىزمۇ ئىسلام قانۇنىدىن قىلچىلىك قۇسۇر تاپالمايسىز. پەقەت ئۆزىڭىز خاتالىشىپ خاتا نەتىجە چىقىرىپ قۇيۇشىڭىز مۇمكىن! ئىسلام قانۇنى دىگەن ئاللاھنىڭ قانۇنى! ئاللاھنىڭ خاتالاشقانلىقىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغانمىتىڭىز؟
ئافاق خوجىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۈلپەتكە قويۇشى دىن ئارقىلىق ھۇقۇق تۇتقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى دىننى بۇرمىلىغانلىقى، دىندىن چىققانلىقى ۋە دىن بويىچە ھۈكۈم يۈرگۈزمەي ئۆز خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكىدىن بولغان. بۇ ھەرگىزمۇ دىننىڭ خاتالىقى ئەمەس!!  مۇسۇلمان بولسىڭىز ئويلىنىپ سۆزلەڭ!!!
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-29
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-19 16:52

بۇ مۇنبەرنىمۇ ئاپپاق  خوجىنىڭ  مۇرۇتلىرى قاپلىغىلى  تۇرۇپتۇ    
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1451
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2011-08-23
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-19 22:00

ئۆزى پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەي باشقىلاردىن قۇسۇر تاپىدىكەن.
مۇشۇ بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى،ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىگە مايىللاشتى،شۇنىڭ ئىپادىلىرىدىن تۈرك فىلىملىرى بازارنى بىرئالدى،تۈرك تىلى ئۆگىنىدىغانلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى،نىمىشقا بىزمۇ ئەسلى غوللۇق تۈركىي مىللەت نەسلىدىن،تۈركلەر بىلەن قانداش،دىنداش.
سىز مۇشۇ قىزغىن كەيپىياتقا سوغۇق سۇ سېپىۋاتامسىز بىلمىدىم.سىز تۈركىيەگە بولغان قىزغىنلىقىمىزغا سوغۇق سۇ سېپىۋاتامسىز؟
ھەقىقى مەقسىتىڭىز نېمە؟سىزمۇ يولداشلاردىن ئوخسىمامسز؟