مۇستاپا كامالنىڭ ھەقىقىتى ۋە ئۇنىڭ ئوينىغان رولى(1)
"مۇستاپا كامالنىڭ قىسقىچە تارىخى"دىگەن ماقالىگە ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلار قويۇلدى، مەزكۇر ماقالىگە شۇنداق تۈرلۈك كۆز قاراشلارنىڭ قويۇلىشى تەبئى ھەم چۈشىنىشلىك ئىدى. چۈنكى زىيالىلىرىمىز ئوقۇغان تارىخى كىتابلار ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەقلى بىلەن يىزىلماستىن، غەرب ۋە روس ئەقلى بىلەن يىزىلغان ۋە شۇلارنىڭ تارىخچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئاساس قىلىنغان ئىدى..
مۇستاپا كامال توغرىسىدىكى بۇ ماقالىنىڭ غەربنى دوراش يولىنى تۇتۇپ مىڭىۋاتقان ھازىرقى ئىلمانىزىم ئەرەب ھۆكۈمدارلىرى بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ ماقالىنىڭ پەقەت ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى بار، چۈنكى مەن بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە قارىتىپ يازدىم. ئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى ئىنىق، يەنى ئۇ ئىككى يۈزلىمىچى كاپىر ۋە ئاتىزىملىقنى تەشۋىق قىلغۇچى. ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇكى، مۇستاپا كامالدەك ئىككى يۈزلىمىچى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ نەمۇنە تۇتىشىغا ۋە دوراپ مىڭىشىغا ئەرزىمەيدۇ ھەم يارىمايدۇ. چۈنكى ئۇ تۈرك خەلقىنى ئىتىقادى، مەدەنىيىتى، تارىخى، تىل-يىزىقى ۋە يىتەكچىلىك رولىدىن ئايرىپ تاشلىدى.
مەن بىر ئۇيغۇر، تۈرك ھەم مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن، تۈرك مىللەتلىرى ھەم ئىتىقادىمغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋە تارىخى ھەقىقەتلەرنى بىلىشىم كىرەك. ئوبدان مۇلاھىزە قىلسىڭىز بۇ ماقالە ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئارىسىدا 2 ئەسىردىن بۇيان يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە كاللىڭىزنى ئاچىدۇ. تارىخ ئەقىللىق ئادەملەر ئۈچۈن ساۋاق ۋە ئىبرەت. شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن مۇستاپا كامالدەك بىر مەلئۇن چىقىپ قالسا سەگەكلەشتۈرىدۇ...
توغرا، مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان، ئەلۋەتتە تۈركلەرگە قىزىقىمەن، مەن قىزىقىدىغان ۋە نەمۇنە قىلساق بولىدۇ دەپ قارايدىغان تۈرك يىتەكچىلىرى:ئەسبەق تۈركىيە رەئىسى تۇرغۇت ئوزال، ئەسبەق باش مىنىستىر پروففىسور نەجمىدىن ئەرباكان ۋە ھازىرقى باش مىنىستىر رەجەب ئاردۇغان...
شۇنداقلا مۇستاپا كامال توغرۇلۇق يىزىلغان ماقالىنىڭ دىموگىراتىيە بىلەن ئالاقىسى يوق، چۈنكى مۇستاپا كامال خەلققە ھەقىقى دىموگىراتىيە بەرمىگەن ۋە مۇستەبىدلىكتە تەسەۋۋۇر قىلغىسىز بىر دەرجىگە يەتكەن، ئىيتاۋۇر مۇستەبىد دەپ سۈپەتلەنگەن سۇلتانلارنى بىسىپ چۈشكەن.نىجىس پىلانلىرىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىجرا قىلغان. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقىقى دىموگىراتىيەنى قوللايدۇ، دىموگىراتىيەنىڭ ئىتىقادسىزلىق ۋە رەزىل ئەخلاقسىزلىق تەرىپىنى قوللىمايدۇ. ناۋادا بىز دىموگىراتىيەگە مەجبۇر بولۇپ قالساق، دىموگىراتىيەنى ئۇيغۇر ئىتىقادى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ھەزارىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتى بىلەن بويىۋەتسەك بولىدۇ(بىتىمىزدىكى "ئىسلام ۋە دىموگىراتىيە"دىگەن ماقالىگە قاراڭ).
مەن مۇستاپا كامال توغرىسىدا بۇ ماقالىنى يىزىشقا باشلىغىلى تەخمىنەن بەش يىلدىن ئىشىپتۇ، ھەر قىتىم ئىستانبول ياكى ئەنقەرە كوچىلىرىدا بۇت ئادەم مۇستاپا كامالنىڭ ھەيكىلىنى كۆرگىنىمىدە يىڭى پىكىرلەر پەيدا بولىدۇ.. مانا بۈگۈن قايتا رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلماقتىمەن...
مۇستاپا كامالنىڭ تارىخى ۋە ئىش- ئىزلىرىنى بىلىشتە تۈرك تارىخچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى تارىخى ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ چىقىشنى ھاۋالە قىلىمەن:
1."بۇت ئادەم" ئاپتورى "سابىق تۈركىيە ئوفىتسىرى". بۇ كىتاپنىڭ ئاپتورى مۇستاپا كامال بىلەن بىر زامانداش ياشىغان ئوفىتسىر. شۇڭا ئاپتور ئۆز ئىسمىنى قوللانماي"سابىق تۈركىيە ئوفىتسىرى" دىگەن نامنى قوللانغان. تۈركىيەدە ھازىرغا قەدەر مۇستاپا كامالنى ئەيىپلەش قانۇنى جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
2."مۇستاپا كامال ۋە دىن مەسىلسى" بۇ كىتاب ناھايىتى ئەھمىيەتلىك.
3. ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شەيخۇل ئىسلام مۇستاپا سەبرىنىڭ"ئوسمانىيە خىلاپىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن سىرلار"نامىلىق كىتاۋى.
4.ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى"H.S.Armstrong "نىڭ "غۇۋا بۆرە ياكى كۈلرەڭ بۆرە" نامىلىق كىتاۋى.
5. ئۇندىن باشقا بۇ ئىزدىنىشتە بايان قىلىنغان تارىخى ئەسەرلەر...
(2)
ئوسمانلار دۆلىتىنىڭ ئۆمرى ئالتە يىرىم ئەسىرگە سوزۇلىدۇ، ئۇلار ئىسلام تارىخنىڭ خىلى كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تۈركلەر مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ جەمىيىتىنى قوغداشتا كۆپ رول ئوينىغان. جۇغراپىيە دائىرىسى كەڭرى مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ سىرىتقى سۈيقەستلەرگە ۋە كەسكىن جەڭلەرگە دۈچ كىلىشى تەبئى مەسىلە. ياۋرۇپادىكى پادىشاھلار بۇ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بەسلەشتى، پاتكان بۇ ئۇرۇشنىڭ بىشىغا ئىگە بولدى ۋە پارچىلىنىپ كەتكەن ياۋرۇپا بىر نىشانغا بىرلەشتى. ئۇ بولسىمۇ: ئاز دىگەندە ئوسمانلارنىڭ ياۋرۇپادىكى مەۋجۇدلىقىنى تازىلاپ يوقۇتۇش ۋە بىزەنتىنىيەنى(ئىستانبول) قايتۇرۋىلىش ئىدى. ياۋرۇپا بۇ ھەربى ئۇرۇنۇشلىرىدا غەلىبە قىلالماي، يوشۇرۇن باشقا بىر ئۇسۇلغا تاياندى، ئىسلامنى ئاشكارا قىلغان ۋە كۇپرىنى يوشۇرغان بۇزۇق ھۈجەيرىلەرنى مۇسۇلمان بەدىنىگە كىرگۈزدى، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ غاپىللىقىدىن پايدىلاندى. يەھۇدى، خىرىستىيان ۋە بۇددىزىمدىن ئىبارەت ئۈچ بۇلۇڭ ياۋرۇپانىڭ بۈيۈك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا غەلىبە قازاندى. خىلاپەت دۆلىتى مەۋجۇتلىقتىن ئۆچۈپ كەتتى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ بۇلاڭ- تالىڭىغا ئۇچرىدى، نەتىجىدە ياۋرۇپا ئىسلام دىيارلىرىنى ئىقتىسادى ۋەيرانچىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىققا تەرەققى قىلدۇردى.
خىرىستىيانلارنىڭ ئەدەبىياتلىرىدا:"ئۆينى ئۆينىڭ بىر ئاساسىدىن باشقىسى ئۆرۈلىيەلمەيدۇ"دىگەن سۆز بار. شۇڭا ئىسلام دۇشمەنلىرى ئوسمانلار دۆلىتىنىڭ جىسمىغا بىر بۆلۈك يەھۇدىلارنى ئۈندۈرۈشتە سەزگۈرلۈك قىلغان، بۇ يەھۇدىلار زاھىرىدىن مۇسۇلمان قىياپىتىدە كۆرۈنۈپ، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن يوشۇرۇن تىل بىرىكتۈرۈپ ئوسمانىيە دۆلىتىنى ۋەيران قىلىش ئىشىنى ئىلىپ بارغان، بۇ يەھۇدى تائىفىسى "دونىما" يەھۇدىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇلار سىلانىيك ياكى سالۇنىيك رايۇنىدا مەركەزلىشىپ، ئوسمانىيە دۆلىتىگە خاتىمە بەرگەن ئويۇننىڭ يىپلىرىنى توقۇپ چىقىدۇ. [1]
بۇ يەردە شۇنى ئىشارەت قىلىش كىرەككى، ئوسمانىيە دۆلىتى دەسلەپتە مۇشۇنىڭغا ئۆزى سەۋەب بولغان، چۈنكى ئۇلار ئۆز پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىسلامنى كەڭرى قانات يايدۇرۇشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەي، يات تائىفىلەرنى خالىغانچە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا سەل قارىغان. بۇ ئىش دۈشمەنلەرگە يوچۇق ئىچىپ بەرگەن. يەھۇدىلار ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئىككى جەھەتتىن چوڭ خەتەر بولۇپ شەكىللەنگەن، بىرسى:ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يەھۇدىلاردىن قەرز ئىلىشى، يەنە بىرسى:بۇ ھىلگەر خەلقنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەلەستىنگە ھىجرەت قىلىشىغا يول قويمىغان سۇلتان ئابدۇلھەمىدغا ئۆچمەنلىگى.
شۇ زامانلاردىكى شارائىتلارنى غەنىمەت بىلىپ، تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناپ، دۈشمەنلەرگە ئىچكى جەھەتتىن ھەمكارلاشقان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ "مۇقەددەس زىمىن"(يەنى پەلەستىن)گە بولغان كونىروللىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئۈزمەي ئىشقا سالغان. دونىما يەھۇدىلىرىدىن بىر ئادەم چىقىپ، ھازىرقى تارىخ يولىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىگە زور دەرجىدە ھەسسە قوشقان ۋە 14 ئەسىر داۋاملىشىپ كەلگەن خەلىپىلىك مەۋجۇتلىقىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىكار قىلىپ تاشلىغان، بۇ كىشى دەل مۇستاپا كامال ئىدى.
(3)
ياۋرۇپا پۈتۈن كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ يەتتە ئەسىردە قىلالمىغان ئىشنى قانداق بولۇپ بىر ئادەم ۋۇجۇتقا چىقىرالىدى؟
بۇ شەخس ھەققىدە توختۇلۇشتىن ئىلگىرى، ۋەزىيەت ھەققىدە ئاندىن بۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى، تۇغۇلىشى، ھەربى ساھەدە ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ئىنگىلىزلارنىڭ ئۇنى قانداق ياساپ چىققانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسىنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
سۇلتان ئابدۇلھەمىد دەۋرىدىكى سىياسى شارائىت توغرىسىدا بىر قانچە سۆز
ھۇشيار، ئۆتكۈر ۋە ئارزۇ- ئارمانلىرى يوقىرى بىر ياش يىگىت ئوسمانىيە خىلاپىتىنىڭ ناھايىتى قىيىن باسقۇچىدا سەلتەنەت ئەرشىگە چىقىدۇ. بۇ دەل سۇلتان ئابدۇلھەمىد سانى دىگەن شەخستۇر. ئۇ 1876- يىلدىن 1909- يىلغىچە 30 يىل ئەتراپىدا ھاكىمىيەت سورايدۇ.ئۇنىڭ دەۋردە ئىقتىسادى ھايات ئەرزان بولىدۇ. گەرچە ئارقىمۇ- ئارقا روس ئۇرۇشلىرى ۋە ئىنگىلىزلارنىڭ خەلقئارا تىجارت ساھەسىدىكى سىقىشلىرى بولسىمۇ ئىقتىساد كۆرسەتمىسى نورمال بولىدۇ. لىكىن ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋە بولسىمۇ ياۋرۇپادا ياشىغان غەيرى مۇسۇلمان ئوفىتسىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دانا سىياسەتتىن رازى بولمايدۇ، چۈنكى ئەنگىلىيە سىياسىتىگە قاراشلىق ئىرلاندىيە ۋە ھىندىستاندا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن مىڭلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ كىتىدۇ.سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئەنگىلىيەنىڭ ئوسمانىيە دۆلىتىگە ئىچكىرلەپ كىرىشىگە قارشى تۇرغانلىقى ۋە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارغا يەنىلا روھى يىتەكچىلىك رولىنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقى ئۈچۈن سۇلتان زئابدۇلھەمىدنى ياقتۇرمايدۇ.2
مۇشۇ دەۋرلەردە، روسىيە ۋە ئىراندا پارلامىنت مەجلىسلىرى يولغا قويۇلىدۇ، بۇ كۆرۈنۈش ئوسمانىيە دۆلىتىگە سىڭىپ كىرىدۇ، پادىشاھلىق ھۆكمىدىن زىرىككەن خەلق ياۋرۇپادا كەڭرى تارقالغان پارلامىنت تۈزۈمىگە ئىنتىلىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھەمىد بۇ تەلەپلەرگە قوشۇلۇپ، غەرب دۇستۇرلىرى(قانۇنلىرى)دىن پايدىلىنىش مۈمكىنچىلىك دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن مەخسۇس گورۇپا تەيىنلەيدۇ. لىكىن پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان ياۋرۇپا ۋە قارشى ئىقىمدىكى كىشلەر بىر يىل ئىچىدە ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋە رايۇنلار ۋە خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا كىپىللىك قىلالايدىغان قانۇننى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشتى.ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى دۆلەت ھۆكمىنى پۇقرالىرىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش دىگەنلىك بولاتتى. سۇلتان بۇ مەسىلىنى ھىس قىلىپ يىتىدۇ ھەم نىمىسلارنىڭ مەسلىھەتچىسى"باسمارىك" سۇلتانغا قوشۇلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. شۇڭىلاشقا قارشى ئىقىمدىكىلەر فىرانىسيەدە"ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات" جەمىيىتى دىگەن نامدا بىر جەمىيەت تەشكىللەيدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش مەقسىتى: قانۇن تۈزۈمىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدى، بۇ تەشكىلات ئەزالىرى ھەممە رايۇنلارغا ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى بىرىش ۋە رايۇنلارنى مىللى ئاساستا بۆلۈشنى تەلەپ قىلىشىدۇ.3
سۇلتان ئابدۇلھەمىد بىسىم ئاستىدا پارلامىنت مەجلىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدىكى قارشى ئىقىملارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلىدۇ، لىكىن ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى پارىژ قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا قارىغاندا شەھەرلەرنى تەقسىم قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشتا ۋە سۇلتاننى قورال كۈچىگە تايىنىپ ھوقۇقىدىن ئىلىپ تاشلاشتا چىڭ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار 1909- يىلى پايتەختكە ھۇجۇم قىلىدۇ، سۇلتان ئۇلار بىلەن قارشىلىشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى سەۋەبلىك قان تۆكۈلىشىنى ياقتۇرمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك قەسىرنى ئەسكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەردىن بوشاتقاندىن كىيىن، خەتەرگە ئۆزى يالغۇز قارىشى تۇرۇشنى تاللايدۇ.4
يەھۇدىلار(يەنى ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى) نىڭ پىلانلىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن قوماندانلىرىنى تەكشۈرۋاتقان سۇلتان ئابدۇلھەمىدغا قارىشى ئىش قىلىشنى پۇرسەت بىلىدۇ. سۇلتان ئۇلارنى تەكشۈرسە ئۇلارنىڭ تۈرك ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلىكى تەكىتلىنىدۇ. مەسىلەن، ئەنۋەر باشا بولاندىيەلىك، جاۋىد باشا دونىما يەھۇدىلىرىدىن ، قارسۇ باشا ئىسپانىيەلىك يەھۇدى، تەلئەت باشا ۋە ئەھمەد رىزا يالغاندىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان غەجەرلىكلەر 5ئىدى.
تارىخچىلارنىڭ بىرسىنىڭ بايان قىلىشىچە: سۇلتان ئابدۇلھەمىد سەھيۇنىلار توغرىسىدا مەلۇمات يىغىشقا ۋە ئۇلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەسپى خادىملارنى ئەۋەتىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار گىزىت ۋە ژورناللارنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئەۋەتىشكە بۇيرۇغان6. شۇڭىلاشقا سۇلتاننى مەنسىپىدىن ئايرىۋىتىش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە بارغان ھەربى قوماندانلار ئىچىدە بىر مۇسۇلمان ياكى بىرەر تۈرك مىللىتى يوق بولغان. ئۇلار:يەھۇدى، ئەرمەن، گىرىك ۋە يۈگۈسلاۋىيەلىكلەر ئىدى7 .
بۇ مەسىلە تۈرك تارىخچىلىرىنىڭ بىرسىنى: 1908- يىلى يۈز بەرگەن ئىنقىلاب ئاساسەن ماسۇنىيەت يەھۇدىلىرىنىڭ سۈيقەستى ئىدى، دىگەن سۆزگە ئىلىپ بارغان. بۇھەقىقەتنى تەكىتلەيدىغان نەرسە شۇكى، ئىستانبولنى بىسىۋالغان ئەسكەرلەر خىزمەت ئۆتەپ مائاشقا چىققانلار، رىم، بۇلغار، ئالبان قاراقچىلىرى ۋە دونىما يەھۇدىلىرىدىن تەركىپ تاپقان8 . ئەسلى غەجەرلىك يالغاندىن ئىسلامغا كىرگەن ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان قوماندان تەلئەت باشا:"ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى" يەھۇدىلارنىڭ ئارزۇسى ئىدى، بۇ تەشكىلات پەلەستىندە مۇستەقىل يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇشقا پۇرسەت كۈتۈپ تۇراتتى"دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ9.
دوكتۇر رىزا نۇرنىڭ سۆزى تىخىمۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىدۇ، چۈنكى تەلئەت باشا" ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى"دىكى ئاساسلىق ھوقۇق دونىما يەھۇدىلىرى بولغان جاۋىد ۋە قارسۇنىڭ قولىدا ئىدى، تەلئەت باشا ماسۇنى ئىدى، دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ 10.
سەزگۈر ئابدۇلھەمىد سۇلتان بولسىمۇ ئىلگىرىكى بىر قانچە سۇلتانلار دۆلەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن كىسەللەرنىڭ كۆپلىكىدىن تۈزۈك ئىش قىلالماي قالىدۇ. ئۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئەتراپىغا قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇپ، روس ۋە غەربكە قارىشى تۇرماقچى بولۇپ"بۈيۈك ئىسلام بىرلىك" شوئارىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. مەشھۇر تارىخچى تويىنبى:"سۇلتان ئابدۇلھەمىد بۈيۈك ئىسلام بىرلىك شوئارى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار سىپىنى بىرلەشتۈرۈپ، غەرب ۋە روس بىلەن رەسمى قارشىلىشىشنى مەقسەت قىلاتتى"دەيدۇ.
سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىسلام بىرلىكىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالىدۇ. لىكىن غەرب بىلەن ئالدىنىپ كەتكەن ۋە غەربنىڭ مۇستەملىكىسى تۈپەيلى توغرا ئىڭىنى يوقاتقان بەزى ئەللەرنىڭ پاسسىپ پوزىتسىيەسى تۈپەيلى، شۇنداقلا غەربنىڭ توسقۇنلۇق قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئارقىسىدا ئىسلام بىرلىكى زور غايىلەرگە يىتەلمەي قالىدۇ.(ئاخىرقى خەلىپە سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ دەۋرى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىمىز).
(4)
مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلىشى ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشى
1880- يىلى سالۇنىيك شەھىرىدە تۇغۇلغان مۇستاپا كامالنىڭ نەسىبى توغرىسىدا تۈرلۈك شەكلەر مەۋجۇد بولۇپ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئەسلى ئىرقى توغرىسىدا نۇرغۇن شەكلەر قوزغالغان.ئۇنىڭ دادىسىنىڭ سالاھىيىتى ئىنىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭغا رەسمى ئاتىسىنىڭ سۈرىتى تەڭلەنگەندە ئۇ سۈرەتنى رەت قىلغان11. بەزىلەر ئۇنىڭ ئاتىسى:ئەلى رىزا دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر: ئۇنىڭ ئاتىسى ئايالى زۇبەيدىنىڭ بۇزۇقلىقىنى باشقۇرۇلماسلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، دەپ قارىشىدۇ. نىمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ھەقىقى ئاتىسى:سىربىيەلىك ياكى بۇلغارلىق ياكى رىملىقتۇر.ئەلى رىزا ئەپەندى مۇستاپا كامالدىن رەسمى تانغان12. يەنە بىر جەھەتتىن، مۇستاپا كامالنىڭ قىزىلغا مايىل ۋە كۆزىنىڭ كۆكلىكى ۋە بىشىنىڭ سۈڭەك قىسمىدىكى چىراي شەكلى دەلىللىرى، ئۇنىڭ تۈرك مىللىتى چىرايدىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ13.
مۇستاپا كامال تولۇق ئوتتۇرا ھەربى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭغا
"مۇستاپا" دىگەن ئىسىم قوشۇلىدۇ، ئۇ ناپالىيۇن ۋە فىرانسىيە ئىنقىلاۋىغا قىزىقىپ قالىدۇ، ئىككى جىنسىنىڭ(يەنى ئوغۇل ۋە قىزنىڭ) ئالاقىسىگە ۋە تولۇق ئەركىنلىككە ئىنتىلىدۇ14.
ئۇ ئىستانبولدىكى ھەربى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ساۋاقداشلىرىغا:"ئوسمانلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن غاپىل ۋە ئالدىنىپ يۈرمەكتە، بىز پۈتۈن كۈچ مەنبەيىمىزنى تۈركىيەنىڭ ئانازۇل شەھىرىگە توپلىشىمىز لازىم" دەپ خىتاب قىلىدۇ15 .
ئۇ ھەربى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن شام شەھىرىگە قوماندان بولۇپ تەيىنلىنىدۇ، شامدىكى ئىتالىيەلىك ئىشچىلارنىڭ قەھۋەخانىسىغا تانسا ئوينىغىلى ۋە ھاراق ئىچكىلى بىرىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردە 1906- يىلى "ئەركىنلىك تەشكىلاتى"نى تەشكىللەيدۇ، شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتنىڭ تارمىقىنى يافا(ھازىر ئىسرائىلىيەگە قارايدۇ) قۇددۇس(پەلەستىننىڭ پايتەختى) ۋە بەيرۇتقا قۇرىدۇ، ئۇ ئاللىبۇرۇن ماسۇنىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ بولغان ئىدى16. ئاندىن ئۇ 1907- يىلى سىلانىك ياكى سالونىك شەھىرىگە قايتىپ كىلىپ، پۈتۈن ۋاقتىنى دىگىدەك ئويۇنخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا ئۆتكۈزىدۇ. لىكىن ئۇ بۇ يەردە ماسۇنىيە تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق "تۈركىيە قىزى" دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرشىدۇ، بۇ(يەنى تۈركىيە قىزى) نامىلىق بۇ تەشكىلات كىيىن ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا قوشۇلۇپ كىتىدۇ17. لىكىن ئتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنى تارابىلىسنىڭ غەربىگە ھەربى خىزمەت بىلەن ئەۋەتىۋىتىدۇ. ئۇ خىزمەتنى ئاياغلاشتۇرۇپ، سىلانىك شەھىرىگە قايتىپ كىلىدۇ ۋە 38-بايراق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ ئارمىيە ئىچىدە مۇسۇلمانچە سالام بىرىشتىن قول ئۈزگەن بىرىنجى شەخس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مۇداپىئە مىنىستىرى مەنسىپىگە ئۆسكەن بولاندىيەلىك ئەنۋەر باشا مۇستاپا كامال توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:"مۇستاپا كامال باشا دەرجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ قالسا، ئۇ چاغدا سۇلتان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، سۇلتان بولسا، ئىلاھ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ" 18. مۇستاپا كامالنىڭ چىكى يوق شەخسى ئارزۇلىرى ۋە مەغرۇرلىقى ئۇنىڭ كەلگۈسى قارارلىرى ۋە سىياسەتلىرىدە ئەكىس ئىتىدۇ.
(5)
مۇستاپا كامالنىڭ ھادىسە سەھنىسىدە كۆرۈنۈشى ۋە ئىنگىلىزلار بىلەن بولغان ئالاقىسى
سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى مەنسىپىدىن ئىلىپ تاشلىغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئتتىپاق ۋە تەرەققىيات داھىلىرىنىڭ ئەقلى ۋە قەلبلىرىنى گىرمان مەدەنىيىتى ئىگەللىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىدۇ، بۇلار بىز گىرمانىيەنىڭ ئارقىسىدا تۇرساق ئەنگىلىيەنىڭ كىڭەيمىچلىك ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالىمىز دەپ خىيال قىلىشىپ قالىدۇ. ياۋرۇپادا مۇشۇنداق ئىچكى ئۇرۇش يۈز بىرىپ، ياۋرۇپانىڭ ئۆز ئىچىدىن ۋەيران بولىشىنى مەنسىپىدىن ئىلىنىپ كەتكەن سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئارزۇ قىلىدىغان ئىدى19.
ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئوسمانىيە دۆلىتىنى زىيان تارتىدىغان ئۇرۇشقا تىقىپ قويۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ چوڭلىرى"تەلئەت، ئەنۋەر ۋە جامال" گىرمانىيەگە يۆتكىلىپ كىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىدا يول كەڭرى ئىچىلىدۇ ۋە مەنسىپى توختىماي ئۆرلەيدۇ. لىكىن مۇستاپا كامالنىڭ1912- يىلدىكى بالقان ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبى مۇستاپا كامالنىڭ ئۆزى ئىكەنلىگىنى بايان قىلىش لازىم، چۈنكى ئۇ ئەنۋەر باشا غەلىبە شەرىپىگە ئىرشىپ قالمىسۇن دەپ، جەڭدىن چىكىنىپ كىتىدۇ. ئاندىن ئۇ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغالغاندا ھىجاز زىمىنىنى ئىنگىلىزلاردىن قۇتقۇزىۋىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ، ھەربى پىلان بويىچە قۇددۇسنى ساقلاپ قىلىش بەدىلىگە ھىجازنى قوربان بىرىش ۋەسىيەت قىلىناتتى20، لىكىن ئۇ سۈرىيەدىكى ئىنگىلىز قوشۇنىنىڭ قوماندانى لىنبى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ جەڭدىن چىكىنىدۇ ۋە تۈركلەرنىڭ مەغلۇب بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ21 .
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىدۇ، ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى ئىستانبولنى بىسىۋالىدۇ. فىرانسىيە ئارمىيسىنىڭ گىنرالى"دىسىبرى" 466 يىل ئىلگىرىكى سۇلتان مۇھەممەد پاتىھنى دوراپ ئىستانبول شەھىرىگە ئاق ئىتىغا مىنىپ كىرىدۇ22.
لىكىن قورچاق سۇلتان مۇھەممەد ۋەھىددىن سادىس خورلۇققا سەۋر قىلالمىغانلىقى ۋە ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەبدا قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، كىتەرلىك ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەن مۇستاپا كامالغا تايىنىدۇ23. شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىنى ئەركىن قويىۋىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەنگىلىيە قوشۇنىغا قارىشى ئىنقىلاب ئىلىپ بىرىشى ئۈچۈن ئانازۇل ئارمىيىسىنىڭ ئالى مۇپەتتىشى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. مۇستاپا كامال سۇلتان مۇھەممەدنى 120 مىڭ ئالتۇن لىرا بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى 24.
قورچاق سۇلتان مۇستاپا كامالنىڭ ئىلگىرىكى خىيانەتلىرى ۋە ئىنگىلىزلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىغا كۆز يۇمغاندەك تۇرىدۇ. لىكىن ئەنگىلىيە تۈركىيەنىڭ ئانازۇل شەھىرىدە قوزغالغان مۈشكىلىنى(مەسىلىنى) مۇستاپا كامال 1917- يىلى پەلەستىنگە قوماندان ۋاقتىدا، مۇستاپا كامال ئوتتۇرغا قويغان تەلەپ بويىچە بولىۋاتىدۇ، ئۇ ياردەم بىرىش بەدىلىگە سەلتەنەت ۋە خىلاپەتلىككە قارىشى ئىنقىلاب قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايتتى. بۇ كۆز قاراش تەستىقلاشقا ئەڭ يىقىن كۆز قاراشتۇر، چۈنكى ئەنگىلىيە مۇستاپا كامالنىڭ ئىستانبولدىن(مۇھاسىرىگە ئىلىنغاندىن كىيىن) دىڭىز ئارقىلىق سامسۇن شەھىرىگە چىقىپ كىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلمىغان 25 .
"بىردىن بىر ئادەم"دىگەن كىتابنىڭ ئاپتورى"سۇرەييا ئىيدىمىر" ئىنگىلىزلارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ھەيران قالغان، ئەنگىلىيە گىنرالى لىنبى مۇستاپا كامالنى ئىراقنىڭ مەۋسىل شەھىرىگە يىقىن جايدىكى ئالتىنجى ئارمىيەنىڭ قوماندانلىقىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا يوقۇرىقى ھەيرانلىق يوقايدۇ، چۈنكى نىفىت ۋە ئەنگىلىيەنىڭ نوپۇزى بار ئورۇندا، ئىنگىلىزلار ئاسان مۇئامىلە قىلالايدىغان بىر شەخسنىڭ بولىشى لازىم ئىدى26.
ئەمەلىيەتتە، مۇستاپا كامال مەۋسىل شەھىرىدە خەلقنى ھەربى مۇستەملىكىگە قارىشى كۈشكۈرتتى، ئىنگىلىزلار سۇلتاندىن مۇستاپا كامالنى مەۋسىل رايۇنىنىڭ قوماندانلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تەلەپ سۇندى. ئاخىرقى شەيخۇل ئىسلام مۇستاپا سەبرى: گەرچە مۇستەملىكە قوشۇنلىرى سىقىلسىمۇ سۇلتان مۇستاپا كامالنى خىزمىتىدىن ئايرىۋىتىشتە ئىككى ئاي ئارقىغا سۈردى ۋە ئۇنى ئىستانبولغا قايتىپ كىلىشكە چاقىردى. لىكىن ئۇ قايتقىلى ئۇنىمىدى.سۇلتان ئۇنىڭغا ياخشى گۇماندا بولىۋەردى ۋە:"ۋەتەنگە خىزمەت قىلىپ، مىنىڭ ئەرشىمنى ئالسا مەيلى"دەپ كەتتى27. شۇنى بىلىش كىرەككى، ئەنۋەر باشا سۇلتانغا مۇستاپا كامالنى ئانازۇلغا ئەۋەتىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگى ۋە مۇستاپا كامالنىڭ بارلىق خاپىلىقنىڭ بىشى بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندرۇپ تىلگىرامما يوللىغان28.
مۇستاپا كامال ھەربىي مەنسىپىدىن ئىلىپ تاشلانغاندىن كىيىن، شۇ رايۇندىكى ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 1918-يىلى "ئارزۇيۇم" قۇرۇلتىيى، 1919- يىلى يەنە بىر قۇرۇلتاي ئىچىشقا ئالدىرايدۇ. قۇرۇلتايغا قاتناشقانلار: دۆلەت زىمىنىنى ۋە خەلقنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش، مۇستەملىكىگە قارىشى تۇرۇش... دىگەن ۋەسىيەتلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇلار تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنى"ئانازۇل ۋە روملىنىڭ شەرقىنى مۇداپئىە قىلىش"نامىغا ئۆزگەرتىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى:دۆلەتنىڭ باشقا رايۇنلىرى بىلەن كارى بولماسلىق ۋە پەقەت تۈرك رايۇنلىرىنى قوغداش دىگەن بولىدۇ29. مۇستاپا كامال بۇ جەمىيەتكە رەئىس بولۇپ سايلىنىدۇ.
تىياتىرنىڭ پەردىلىرى داۋاملىشىپ، مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ ئارمىيىسى ئىتتىپاقداشلارنىڭ قورال-ياراق ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، قولغا چۈشۈرگەن قوراللارنى غەنىمەت سۈپتىدە ئانازۇلغا ئەۋەتىدۇ.
ئىنگىلىزلار بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەسكەرلىرىنى ئىستانبولنى بىسىۋلىشقا، مۇستاپا كامالنى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى تۈرمىگە تاشلاشقا؛ پارلامىنتنى بىكار قىلىپ تاشلاشقا؛ بەزى ئەزالىرىنى سۈرگۈن قىلىشقا؛ گىزىت، پوچتا، تىلگىراف ئىشلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. قولىدا ھىچقانداق ھوقۇق يوق سۇلتاننىڭ قوشۇلىشى بىلەن يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئەنگىلىيە قوشۇنى مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان مۇستاپا كامال قوشۇنى بىلەن ئىلىشماي كونا شەھەر ۋە قونىيە شەھىرىدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك كىشلەرگە ئىككى گازارما ئاشكارا بولىدۇ، بىرسى سۇلتان ۋە ئىنگىلىز مۇستەملىكە كۈچلىرى گازارمىسى، يەنە بىرسى كۆرەشچى مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ گازارمىسى 30.
ۋەتەن كۆرەشچىسى مۇستاپا كامال ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مۇپتىسىغا ئىستانبول مۇپتىسىنىڭ پەتىۋاسىنى ئىيىپلەيدىغان پەتىۋا چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىستانبول مۇپتىسى:"كامالچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش لازىم. چۈنكى كامالچىلار، سۇلتان ۋە ھۆكۈمەت ئىنگىلىزلار تەرىپىدىن مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان" دەپ قارايدۇ31(يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزلارنىڭ قولى ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلار دىمەكچى).
ناھەق ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇشقا مۇھتاج بولۇپ قالغاندا دىنغا بويسۇنۇش (يەنى دىننى قالقان قىلىش) داۋاملىق مۇناپىقلارنىڭ ھىلىسى. شۇنداقلا مۇستاپا كامال ئەنقەرە شەھىرىدە پارلامىنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئشىخانىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ يوقىرى ئاۋازى بىلەن:"قوللىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى خىلاپەت ۋە سەلتەنەتنى ساقلاپ قىلىش، سۇلتان ۋە شەھەرلەرنى ياتلارنىڭ قۇل قىلىشىدىن ئازات قىلىش"دەپ جار سالىدۇ32.
ئىنگىلىزلار مۇشۇ ئارىلىقتا"سىيفىر" شەرتنامىسىنىڭ ماددىلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، بۇ شەرتنامە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ كۆپ زىمىنلىرىدىن ۋاز كىچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سەۋەبى قولىدا ھىچقانداق ھوقۇق يوق كامالچىلار تىكلەپ قويغان سۇلتاننى خەلق ئاممىسىغا تىخىمۇ يامان كۆرسىتىش ۋە مۇستاپا كامالنىڭ قەھرىمانلىق شەرىپىنى تىخىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت ئىدى. شۇڭا ئۇلار ۋەتەنپەرۋەر مۇستاپا كامالنى قوراللاندۇرۇش ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشكە كۆز يۇمىدۇ33.
لىكىن مۇستاپا كامال دىگەن ئىككى يۈزلىمىچى:"ھوقۇق ۋە خىلاپەتلىك توغرىسىدىكى پىكىرىدىن يىنىۋالىدۇ، ئەنقەرەدىكى يىڭى مەجلىس ئەزالىرى ئالدىدا، ھوقۇق(ھۆكۈمرانلىق) بىلەن خىلاپەتلىكنى ئايرىش لازىم، بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمىغانلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئىلىنىشى مۈمكىن دەپ ۋاقىرايدۇ34". ئۇ "خىتابە" نامىلىق كىتاۋىدا:بۇ ئىككى ھوقۇقنى ئايرىش بىرىنجى پىلاننىڭ ئاساسلىق نوقتىسى ئىدى، دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ35 . سىزنىڭچە ئىككىنجى پىلان قايسىدۇ؟
بۇخەتەرلىك ئىلگىرلەشلەردىن كىيىن، ئەنگىلىيە شەرقنىڭ بۇمەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لوندۇن قۇرۇلتىيى ئىچىشقا چاقىرىپ، ئىستانبول ۋە ئەنقەرەگە ئايرىم چاقىرىق ئەۋەتىدۇ. قۇرۇلتايدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيىلىدىن ئەنقەرە ئۈمىكى كۈچلۈك كىلىدۇ، بۇ قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسىدە مۇستاپا كامال فىرانسىيەلىكلەرگە سۈرىيەنى زىمىنىنى، روسلارغا باتۇم زىمىنىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىۋىتىدۇ36. بۇ ۋاز كىچىشلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يۇنان(گىرىتسىيە)نى ئىستانبولغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ، ئاندىن ئىستانبول بىلەن كارى بولمايدۇ.گىرىتسىيەلىكلەر ھۇجۇمى توختاپ چىكىنىشكە باشلايدۇ، چۈنكى مۇستاپا كامال گىرىتسىيەلىكلەر چىكىنىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ بولغان ئىدى. غەربنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى مۇستاپا كامالنى شەھەرلەرنى تەقلىدى دۈشمىنىدىن قۇتقۇزۋالغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن تەشىۋىقاتنى بەك زورايتىۋىدۇ ۋە ئۇنى مىللى قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: دۈشمەن تەسلىم بولمىسا ياكى تىخى چىكىنمىسە قانداق بولۇپ ھەربى قوماندان ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرۇق چىقىرىدۇ؟ ئەگەر بۇ يەردە ئارمىيەلەر ئارىسىدا ئىلگىرى پىلانلانغان كىلشىم بولمىسا، بۇنىڭ مەنىسى ئەسكەرلەرنى گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ قوراللىرى ئاستىغا تۇتۇپ بەرگەنلىك بولىدۇ ياكى بولمىسا ئىنگىلىزلارنىڭ مىللى قەھرىمان ياساپ چىقىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ!. مۇشۇ ئويۇندىن كىيىن ئىتتىپاقداشلار مۇستاپا كامالنىڭ تاراقىيا شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارىشى تۇرغان كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلىشتى، ئەنگىلىيە ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە گىرىتسىيەلىكلەرنىڭ چىكىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرغا چۈشتى 37 . تىخىمۇ قىزقارلىق يىرى شۇكى، ئىنگىلىزلارنىڭ دىڭىزدىكى ھەربى پاراخوتلىرى ئانازۇل ئاھالىسىدىن قىچىۋاتقان گىرىتسىيەلىكلەرنى يۆتكەش كۆرۈنۈشىنى پەيدا قىلىشتى 38.
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان ئەنگىلىيە ئۆز ئىرادىسى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىنى مۇستاپا كامالغا ئۆتۈنۈپ بەردى، سەۋەبى مۇستاپا كامالنى ئىسلام دۇنياسى ئالدىدا غازى، قەھرىمان ۋە غەلىبە قىلغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئىدى. ئىزمىرنى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ مۇستاپا كامالغا بىرقانچە شەرتلەرنى قويۇشتى 39.
بۇ ۋەقەدىن كىيىن، مۇستاپا كامال بۈيۈك ۋەتەن مەجىلىسى(پەنى پارلامنت)ئەزالىرىغا، ناۋادا ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكىرىگە قوشۇلمىسا، ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى40. مانا بۇ ئەنگىلىيە ياساپ چىققان ئاتالمىش مىللى قەھرىمان مۇستاپا كامالنىڭ پارلامىنت ئەزالىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى...
بۇ بىر قانچە قىتىملىق ياساپ چىقىلغان كارتۇن ئۇرۇشلىرىدىن كىيىن، ئىتتىپاقداشلار ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ مەسىلىسنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلتاي ئىچىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتايمۇ يەنىلا مۇستاپا كامالنىڭ ئورنىنى ۋە سىپىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە خەلق پىكىرىنى ئۇنىڭغا تارتىش ئۈچۈن بولىدۇ. 1924- يىلى شىۋىتسارىيەدە قۇرۇلتاي ئىچىلىدۇ، ئەنگىلىيە ئۈمىكىنىڭ باشلىقى لورد"كىرزون" تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۆت شەرتنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ شەرتلەر:"خەلىپىلىكنى يوق قىلىش، خەلىپىنى پالاش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئىسلام دىنىنى دۆلەت ۋە ھايات ئىشلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلان قىلىشتىن ئىبارەت"41.
لىكىن شەيخۇل ئىسلام مۇستاپا سەبرى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا ئاساسەن، مۇستاپا كامالنىڭ قۇرۇلتايدا:"خەلىپىلىكنى بىكار قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، قىلىپ قالغان بارلىق ئىسلامى ئۇنسۇرلانىڭ ھەرىكىتىنى توڭلۇتۇش ۋە ئىسلام قانۇنىنى غەرب قانۇنىغا ئالماشتۇرۇش... تەلىۋىنى ئۆزى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ42. مۇستاپا كامال يوقىرىقى ئىشلارنى ئىجرا قىلىشنى ئىسمەت ئىينوغا تاپشۇرغان ۋە ئۇ سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى ئىنگىلىزلارنىڭ-گەرچە ئىستانبولدىن ۋاز كىچىشنى تەلەپ قىلسىمۇ-قارارىغا قارىشى تۇرماسلىقنى تەكىتلىگەن43. ئىنگىلىزلار مۇستاپا كامالنىڭ ۋاز كىچىشلىرى بىلەن كۇپايىلەنگەن، پەقەت ئىستانبولدىكى يوقۇرى مەرتىۋىلىك پوپنىڭ تۇرۇپ قىلشىنى شەرت قىلغان44 .
بەزىلەر، مۇستاپا كامالنىڭ سەلتەنەت ۋە خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى"ھۆكۈمەتنىڭ قوش بولۇپ قىلىشىنى بىر تەرەپ قىلىش، سىيفىر شەرتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىنگىلىزلارنىڭ يولىنى توسۇش ۋە تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قىلىش" ئۈچۈن دەپ خاتا تەسەۋۋۇر قىلىپ قالىدۇ. بۇ تارىخى كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئىڭى ۋە ئىسلام قەلىمى بىلەن يىزىلمىغان بەلكى روس ۋە ئىنگىلىزلارنىڭ قەلىمى بىلەن يىزىلغان بۇرمىلانما تارىخ.
مۇستاپا كامال ئارزۇلىرىغا يىتىش ئۈچۈن بۈيۈك ۋەتەن مەجىلىسى(ئوسمانىيە پارلامىنتى)نى بىكار قىلىپ تاشلاپ، لوزان ئەھدىنامىسىگە قوشۇلىدىغان ۋە ئۆزىنى قوللايدىغان پارلامىنت شەكىللەندۈرىدۇ. ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى، خىلاپەتلىك قۇرۇلمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىلان قىلىنغاندا ئاران 40 ۋەكىل (يەنى پارلامنت ئەزاسى) يىغىلىشقا قاتناشقان45. ئاران 40 خەلق ۋەكىلى كەلگەن بۇ مەجلىس خەلىپىلىكنى بىكار قىلىپ تاشلايدىغان، خەلىپىنى ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ سۈرگۈن قىلىدىغان، ۋەقپە مىنىستىرلىكىنى ۋە دىنى مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان 429، 430 ۋە 431- نۇمۇرلۇق قارارلارنى چىقىرىشقان46 .
قانداقتۇر بەزى تارىخچىلار، مۇستاپا كامالنىڭ بۇ ئىشلىرىنى"تۈرك مىللىتى ئۈچۈن غەلىبە، مۇستاپا كامال ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا رىقابەت ئىلان قىلالىغان" دەپ تەسۋىرلىشىدۇ. پايتەختىنى ئىستانبولدىن ئەنقەرەگە يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى ئىستانبول شەھىرىنى قورالدىن تازىلاش ۋە ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇش دەپ سۈپەتلىشىدۇ!..
ھەقىقەتتە، مۇستاپا كامال يوشۇرۇن مۇناپىقلىقى ئارقىلىق كۆپ ساندىكى كىشلەرنى ئالداپ كىتەلىدى، سۇلتان ئابدۇلھەمىد شۇنداق ئۆتكۈر تۇرۇپ جىناق قەلئەسى كۆرىشىدە مۇستاپا كامالنىڭ ئىتتىپاقداشلاردىن غەلىبە قىلغانلىقىغا ئىشنىپ قالغان، بەلكىم شەھەرنى مۇداپئىە قىلىش ئارزۇسى، شۇ يالغان غەلىبىگە ئىشنىشىكە سەۋەب بولغان بولىشىمۇ مۈمكىن47. بەزى شائىرلار ئىشنىڭ تىگىنى ئۇقماي تۇرۇپلا مۇستاپا كامالنى مەڭگۈلۈك تۈرك قەھرىمانى دەپ مەدھىلىگەن، لىكىن ئۇلار مۇستاپا كامالنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا قارىشى تۇرغانلىق ئىش-ئىزلىرى ئايدىڭلاشقى تۇرغاندىن كىيىن گاڭگىراپ قالغان.
تۈرك تارىخشۇناس ئىھسان ھەققى بۇ ھادىسىلەرگە ئىلاۋە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:"مەن مۇستاپا كامالنىڭ ئىنقىلاۋى بىلەن بىر زامانداش ياشىدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەسىرلەندىم. مۇسۇلمانلار ئاجىز ۋە مۇستەملىكە ئاستىدا بولغاچقا مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئالداندىم. لىكىن كامال مۇسۇلمانلارنىڭ تۇيغۇسى ۋە ماللىرىدىن پايدىلاندى، ئۇ مۇسۇلمان قىياپىتىدە كۆرۈنىدىغان ئىدى، چۈنكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بىر ئاز ئىلگىرى سەھى بۇخارىنى ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى"48 .
گىرمانىيەلىك شەرقشۇناس ئىسلام دۈشمىنى بروكلىمان:مۇستاپا كامالنىڭ ھممىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىپ، ئەگەر مۇستاپا كامال ئىستانبولنى ئىسلامنىڭ روھى مەركىزى سۈپتىدە ساقلاپ قويغان بولسا، تىىخىمۇ كۆپ پايدا ئالغان بولاتتى، دەيدۇ49.
لىكىن مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلامغا تۇتقان مەيدانى ناھايىتى ئىنىق ئىدى، ئۇ لوزان ئەھدىنامىسىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا ۋەتەن مەجلىسىگە(يەنى پارلامىنت)خىتاب قىلىپ:"ئەمدى تۈركىيە ئۆز مەنپەئەتىگە قاراپ، ھىندىلار، ئەرەبلەر ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن كارى بولمايدىغان ۋە ئۆزىنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە داھى بولۇشتىن قۇتقۇزىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى" دەيدۇ50 .
بۇ يەردە شۇنى ئىشارەت قىلىش كىرەككى، ئىنگىلىز خەلق ۋەكىللىرىنىڭ بىرسى تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئىتىراز بىلدۈرگەندە، ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورد كىرزون جاۋاب بىرىپ:" تۈركىيە تامامەن تۈگەشتى، ئەمدى ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى بىز تۈركىيەنى مەنىۋى كۈچ ئىسلام خەلىپىلىكىدىن ئايرىۋەتتۇق"دەيدۇ51 .
مۇستاپا كامال ياۋرۇپانىڭ تەخمىنەن يەتتە ئەسىر ئۇرۇنۇپ ئىرشەلمىگەن ئارزۇلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئاشۇرۇپ بەرگەندىن كىيىن، مۇشۇ دائىرىدە توختاپ قالدىمۇ ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن توختىماي قارشىلىشىپ كەلدىمۇ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ماقالىمىزنىڭ ئىككىنجى قىسمىدا كۆرىمىز...
2006- 08- 4 مىلادىيە
1427- 07- 10 ھىجرىيە
http://bbs.merifet.net/read.php?tid=3381