ئەسلىي"دوپپا كىيىش ھاراممۇ؟"دېگەن تېمىنى كۇرۇپ گەپ قىلماي ئۇتۇپ كىتەي دېگەن ئەمما بەزى ئنكاسچىلارنىڭ پىكرىنى كورۇپ كوڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېۋېلىپ ئاندىن ئۇخلاش قارارىغا كەلدىم.دوپپا ئويغۇر ئەرلىرى ھەم ئوغۇللىرى كىيسە بولىدۇ،ئەمما ئاياللار دوپپا كىيسە چاچلار ئوچۇق قالىدۇ،ھەم ئۇ مۇكەممەل ھىجاپ قاتارىدا سانالمايدۇ،دوپپا پەقەت مىللىي ئۇرپ-ئادەتنىڭ سىمۋولى،ئەمدى ئۇنى دەستەك قىلىپ ئسلامىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنىڭ ئورنىغا دەسستۋالساق بولمايدۇ.بىز ئۇزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ جار سېلىپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلدۇق،ئماننىڭ 6 ئاساسىي بولغان قۇرئان كەرىمگە ھەققىقي ئمان كەلتۇردۇقمۇ؟لە ئللاھە ئللەللاھ مۇھەممەدىن رەسۇللىلاھ كەلىمىسىنىڭ ۋەزىنى ھەققەتەن ئېغىر ،ئلگىرى ساھابىلەر كورگەن كۈنلەرنى كورمەي تۇرۇپ،ئۇچىرغان سىناقلار بىلەن سىنالماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرگىلى بولمايدۇ،ئسلامنى نەفسىي خاھىشلىرىمىزغا ئەگەشتۇرۇپ،مەنپەتىمىزگە ئولتۇرغۇزۋالساق بولمايدۇ،شۇڭا قېرىنداشلار بىزدىن ئلگىركى كىشلەرگە ئسلام كىرگەن بىلەن بەزى بىدئەتلەرمۇ تەڭ ياندىشىپ كىرگەن ،بۇرۇن ئوقۇي دېسە نۇرغۇن كىتاپلار ئەرەپچە بولۇپ چۇشىنىپ ئوكۇشقا ئامالسىز قالاتتۇق،ئەمما ھازىر پۇتۇن ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاپلىرىمىز ئالدىمىزدا دۇۋلىنىپ تۇرۇپتۇ،نەچچىمىز كومپىيۇتىر ئالدىدا تۇرۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تالىشىمىزيۇ،ئەمما ئازراق ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ شۇ توغىرسىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىشقا شۇنداق ھۇرۇنلۇق قىلىمىز،ئويغۇر مۇسۇلمانلىرى ئسلامغا كىرگەندىن كىيىن پۇتۇن كىرەيلى،قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىگە ئمان كەلتۇرۇپ،بەزى ئاياتلىرىگە ئمان كەلتۇرمەيدىغان ئشلارنى قىلمايلى.ئككى دولىمىزدىكى رەھمەت پەرىشتىلىرى ۋە ئازاپ پەرىشتىلىرى خۇددىي 优盘گە ئوخشاش پۇتكۇل ئەممەلىرىمىزنى خاتىرلەپ تۇرىدۇ،نۇرغۇن ئەممەلىرىمىز اللە سۇبھانا ۋە تااللە ئالدىدا ياخشى ئەمەللەر بۇلۇپ رەھمەت پەرىشتىلىرىتەرىپىدىن خاتىرلەنسە بىر قىلىپ قويغان ئازراق خاتالىق اللە سۇبھانا ۋە تااللە نىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ دوۋزاخ ئەھلىدىن بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھازىرقى ئسلامىي ياشلىرىمزنىڭ پىكرى ئۇتكۇر،زېھنى ئوچۇق،تەپپەككۇرغا ئنتايىن باي،ئۇلار ئازراق باش قاتۇرسىلا نىمىنڭ ھەق ھەم نىمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى شۇنداق تېز پەرق ئېتەلەيدۇ،ئەمما ئسلام ئۇنداق چۇشەنگىلى بولمايدىغان ئۇنداق مۇرەككەپ نەرسە ئەمەس،ئۇ ماھىيتى بىلەن چۇشەنسە شۇنداق بىر تېنىچلىقنى خالايدىغان،پۇتكۇل كىشلەرنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر دىن،ھازىر ياۋرۇپا ئەللىرىگە قارايدىغان بولساق شۇنداق ئسلامغا كىرىۋاتقان كىشلەرنىڭ ناھايىتى كوپلىكىنى كورىمىز،ئەگەرچەندە بۇ دىن كىشلەرنىڭ ئدىيسىنى چۇشەكەيدىغان بىر چۇشەك بولسا ئۇز نەفسى خاھىشى بويىچە ياشاپ ھاياتتىن بەھىر ئالىدىغان بۇ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى بۇنداق تارتالمايتتى.گەپنىڭ قىسقىسى ئىمانىمىز نەفسىمىز ئۈستىدىن غالىپ كەلسىلا بىز ئېرىشمەكچى بولغان شۇ كۈنلەر كېلىدۇ ئنشااللە.شۇڭا قېرىنداشلار كوپىنچە ۋاقتىمىزدا كومپىيۇتىر ئالدىدا توختىماي ئولتۇرۋالماي ئۇزىمىزنىڭ دىنى بولغان ئسلام ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى،تەپەككۇر يۇرگۇزەيلى!بولۇپمۇ بۇ دەۋرىمىزدە ئسلامىي ياشلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققەتەن ئېغىر،ئاتا-ئانىمىز بۇنى دەيدۇ دېيىش ئەمەس ،قۇرئان كەرىم نىمە دەيدۇ،ھەدىس-شەرىفتە نىمە دەيدۇ شۇنىڭغا ئوبدان دىققەت قىلايلى.اللە دىن ھەممىمىزگە مۇكەممەل ئمانم،مۇستەھكەم ئېتىقاد تىلەيمەن.