باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1498 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاكا ئانامنى ئەرگە بىرەيلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1115
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 3385 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-23
ئاخىرقى: 2012-02-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 22:39

ئاكا ئانامنى ئەرگە بىرەيلى

ئاكا ئانامنى ئەرگە بىرەيلى


ھاياتنىڭ سىناقلىرى ئادەمگە ھەر خىل قىسمەتنى ئېلىپ كىلىدۇ،دەپ بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىيلىمىزگىمۇ تايانچىمىز ،تۈگرىمىز ،باغرىمىز بولغان مىھرىبان دادامدىن ئايرىپ قاناتىدىن ئايرىلغان قۇشقىلا ئوخشاش قالدۇق. مەن ئاكام سىڭلىم بىر ئىنىمنىڭ تويىنى قىلىپ بولغان بۇلۇپ،بىر ئىنىملا قالغان ئىدى. بىز ھەممىمىز يىغىلغاندا ئۆينىڭ ئىچى قاينام تاشقىنلا چۈمەتتى. ھەممىمىز ئۆيلىرمىزگە كەتسەك شۇنچە چوڭ ئۆيدا ئانام بىلەن ئىنىملا قالاتتى. ئىنىم بولسا ئۇقۇش بىلەن تۈزۈك ئۆيدە تۇرمايىتتى. ئانام ئۆيدە يالغۇز قالغان كۈنلىرى تېخىمۇ غىرىپلىق بېسىپ دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ كۈن-كۈنلەپ كۆز يېشى قىلاتتى. ئانامنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرسەم مەنمۇ بۇينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كىتەتتىم. لېكىن نىمە ئامال؟ئۆلگەننىڭ كەينىدىن تەڭ ئۆلگىلى بولمايدۇ ،-دە؟ بىر قانچە ئايغىچە بىز قىزلار تۇلا كىلىپ ئانامغا دېگۈدەك ھەمراھ ، بۇلۇپ تۇردۇق. لېكىن بىزنىڭمۇ ئائىيلىمىز بولغاچقا ؟ ئۆيىمىزگە كەتكەن چاغلاردا ئانام يەنە غىرىپسىنىپ رەھمەتلىك دادامنىڭ ئىچى ئاغرىقىنى تارتىپ كۆز يېشى قىلىدۇ. ئاكامنىڭ ئۆيى يىقىن بولسىمۇ ئەتتىگەندە ھال-ئەھۋال سوراپ قۇيۇپ ئۆز ئىشلىرغا ماڭىدۇ.
ئانامنىڭ ئارزۇسى<< ئىنىڭلارنىڭ تۇيىنى قىلىپ فەرىزنى ئادا قىلسام بۇلاتتى>> دەپ تەكرارلايىتتى. مانا ئىنىمنىڭ ئۇقۇشى پۈتۈپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ گىپىنى ئانچە-مۇنچە قىلىشقا باشلىدى. ئانامنىڭ قېشىدا ھازىر ئىنىم بولغاندىكىن يالغۇز قالمىدى.

لېكىن ئىنىم خىزمەت ئىشلىرى بىلەن يەنە تۇلا ئۆيدە بولمايىتتى.بىز بەش بالا ئويلىشىپ ئىنىمنىڭ تۇيىنى قىلايلى ئاناممۇ يالغۇز قالمىسۇن دەپ تىزلا ئىنىمنىڭ تۇينى قىلدۇق. بىزمۇ ئەمدى خاتىرجەم ئۆز ئىشلىرمىزغا كىرشىپ كەتتۇق، ئەمما تېخىمۇ ئەكسىچە بۇلۇپ قالدى. ئىنىم تويدىن بۇرۇن ئانامنى يالغۇز قالمىسۇن دەپ يىراق-يىراقتىن قاتناپ دىگۈدەك كىلەتتى. ئەمدى بولسا ئايالىنىمۇ خىزمەت ئورنىغا ئېلىپ كىتىپ شۇ يەردە ئۆي تۇتىمەن ،دەپ ئويلىغىنىدەك ئىش قىلدى.
بىزمۇ نىمە دىيەلەيمىز،بەكراق گەپ قىلايلى دېسەك شەخسىيەتچىلىك قىلغان بۇلىمىز. شۇ تەرقىدە كۈن-كۈننى قوغلاپ ئۆتۋاتىدۇ.كۈندۈزلىرى ئانام ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنى بىلمەي قالىدۇ.لېكىن كەچتە شۇنچە چوڭ كەڭرى ئۆيدە يالغۇز غېرىپسىنىپ قالىدۇ. بەزى كىچىلىرى ئاغرىپ قىززىپ قالسىچۇ تېخى؟ تېلفۇن ئۇرغۇدەك ماجالى بولمىغاچقا بىر كىچە ئاغرىق ئازاپى تارتىپ چىقىدۇ.
مەن ئانام ئاغرىپ قالغان كىچىنىڭ ئەتىسى ئۆيگە كەلسەم كىچىچە قىززىپ ياتالمىغىنىنى دېسە يۈرەكلىرىم ئۆرتىنىپ پارە-پارە بۇلۇپ ،ئانا مىنىڭ ئۆيۈمگە كىتىڭ دېسەم تېخى <<بالام مەن ئۆيدە بولمىسام دادىڭىزنىڭ روھى قورنۇپ قالىدۇ،>>-دەپ پەقەت ئۇنمايدۇ. ئانامنىڭ سىڭلىسى يەنى ھاممام ماڭا تەكرار خىزمەت ئىشلەپ <<ئاناڭنى ئەرگە بىرەيلى >> دەپ بېشىمنى ئاغرىتىدۇ.مەن بۇ گەپلەرنى باشتا ئاڭلاپ ھاممامغا رەنجىپ گىپىنى ئاڭلىمىدىم. لېكىن ئۆيۈمگە بېرىپ بالام يولدۇشۇم بىلەن خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا،ئانامنىڭ ئۆيدە غېرىپسىنىپ ئولتۇرغان ھالىتى ئىسىمگە كىلىپ جىمىپلا كەتتىم.ۋە،ھاممامنىڭ دېگەن گەپلىرنىڭ ئاساسى باركەن <<بىز فەرزەنىتلەر شەخسىيەتچىلىك قىلساق بولمايدېكەن >> دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.
ئاخشامقى شۇ خىيالىم بىلەن ئاۋۋال ئاكامغا خىزمەت ئىشلىمەكچى بولدۇم. ئالدىراپ ئاكامنىڭ ئۆيگە باردىم، مەن كىچىكىمدىن ئاكامنى بەك ھۆرمەتلەيمەن ھەم بەك قورقىمەن شۇڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپمۇ قاراپ باقمىغان؟ ئاكامغا قانداق ئېغىز ئاچارمەن دەپ ئايالىغا يەنى يەڭگەمگە سىز دەڭ دېسەم ئۇ ئۇنمىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۆزۈم دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم.

بىر ھازا تىرمىقىمنى تاتىلاپ تۇرۇپ ئاران ئېغىز ئاچتىم. ئاكا...ئاكا..... ھە نىمە گەپ بولسا دىمەمسە؟ <<ئاكا بۇ گەپنى ئېغىزدىن چىقارمىقىم تەس شۇڭا سەنمۇ تىرىكمەي ئاڭلىغىن ئاكا >> دىدىم، مىڭ تەستە؟ بۇلىدۇ،<<چاپسانراق دىگىن>> دىدى ئاكام، << ئاكا سەنمۇ ئانامنى كۈندە ئەتتىگەندە يوقلاپ تۇرغىنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ئۆزۈڭنىڭ ئۆيدە باللىرىڭ ئايالىڭ بىلەن جەم بۇلۇپ خۇشال ئولتۇرسەن>> لېكىن ئانامچۇ؟ << سەن بىز خۇشال ئائىيلىمىزدە ئولتۇرغاندا ئانام يالغۇز غېرىپسىنىپ ئولتۇردۇ>>دىدىم. ئاكامنىڭ تاقىتى تاق بولدىمۇ تاڭ نىمە دىمەكچى سەن؟ تۇلا گەپ ئەگىتمەي نەق گەپنى قىلمامسەن؟دىدى. <<ئاكا ئانامنى ئەرگە بىرەيلى>> دەپ ئاران دىدىم. ئاكام قايناپ<< نىمە داۋاتىسەن؟ ئانامنى ئەرگە بىرىپ خەلقى ئالامگە قانداق قارايمىز>> دەپ خاپا بۇلۇپ رەنجىپ كەتتى.ھەم <<بۇندىن كىيىن بۇ گەپنى ئىككىنچى چىقارما >>دەپ پۈتۈنلەي ئۈزۋەتتى. مەن ئامالسىز يەنە ئېغىز ئاچالمىدىم.
ئەجىبا بىز فەرزەنىتلەر شۇنچە شەخسىيەتچىمۇ؟ ئۆزىمىزنى دەپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ كىيىنكى بەختىنى تېپىش ئۈچۈن پۇرسەتمۇ بەرمىسەك؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاكامغا يەنە بىر پۇرسەت تېپىپ ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ دەي دەپ ئويلىدىم. بۈگۈن ئانامنى يوقلاپ بارسام يەنە ئاغرىپ قاپتۇ. ئاكام تۈنۈگۈن كەلگەنچە كەلمەپتۇ. ئانامنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئاكامغا بىر ئاز ئاچچىقىم كەلدى. شۇنداق تۇراتتۇق ئاكام بىلەن ھاممام دېگۈدەك تەڭ كەلدى. ئانامنى دۇختۇرغا ئاپىرايلى دېسەك<< بۇ كونا كىسەل بالام دەپ >>ئۇنمىدى.
ھاممام بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە ئاكامغا يەنە ئېغىز ئاچايلى دەپ كىلىشتۇق. بۇ قېتىم ھاممام مەن دەي دىدى.
ھاممام ئاكامنى باشقا ئۆيگە ئەپچىقىپ كەتتى. مەن ئانامنىڭ قېشىدا قالدىم .ئانام <<قىزىم ھامماڭنىڭ ئاكاڭغا نىمە گىپى باركەن نىمىشكقا مەن بار يەردە دىمەيدۇ>>دەپ سوراپ كەتتى .<<ئانا ھېچ ئىشى يوق مەسلىھەتلىشىدېغان ئىشى باركەن شۇ>>دىدىم. بىر ھازادىن كىيىن ھاممام بىلەن ئاكام كىردى.ھاممامنىڭ چىرايىدىن يەنە ئاكامنىڭ قۇشۇلمىغىنى چىقىپ تۇراتتى. مەنمۇ ئارتۇق سورمىدىم .ھاممام مەن قايتاي دەپ ماڭدى. مەن ئۇزاتقىلى چىققاچ سورسام .<<ھاممام ئاكاڭ بەك جايىلكەن پەقەت قۇشۇلمىدى.>> دىدى. مەن بۇچاققىچە سىڭلىم ئىنىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئۇلارمۇ قۇشۇلغان ئىدى.پەقەت ئاكام جايىللىق قىلىپ ئىديىسىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىدى. ئۆز ئانىسىنى ئەرگە بىرىشتەك بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىر فەرزەنىت ئۈچۈن قۇبۇل قىلماق تەسراق، لېكىن بىز ئاتا-ئانىمىزغا ئاخشاملىرى ئاغرىپ قالغاندا ھەمراھ بۇلالامدۇقمۇ؟ غىرىپسىنغاندا جۆرىسىگە ئۇخشاش ھال مۇڭ بۇلالامدۇقمۇ؟ ئۇزۇن يىللىق جۆرىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش يەنە يالغۇزلۇقتەك ئېغىر كۈن بولمىسا كىرەك . مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى ئاكامغا تەكرار چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ئاكام ئانامنى ئەرگە بىرىشكە قەتئىي قۇشۇلمىدى. يەنى ئاكام <<مەن ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن تۇرمۇشتا قىينالدۇرمايمەن پۇلسىز قويمايمەن>> دەپ پىكرىمنى قۇبۇل قىلمىدى.
مەنمۇ يەنە نىمە دىيشىمنى بىلمەي ئاكامنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلاي دىدىم .ئاللادىن ،دادامدىن قالسا بىزگە باش-پاناھ بۇلىدېغان يەنە شۇ ئاكام تۇرسا يەنە نىمە دېگۈلۈك ئەمدى. ئانامنى ئەرگە بىرىشتەك بۇ ھەقىقەتنىڭ ئارقا كۆرنىشىدىكى بەزى ئەھۋاللار كاللىسىدىن ئۆتۈپ قالسا قۇشۇلار دەپ بۇ ئىش توغرۇلۇق ئەمدى ئېغىز ئاچماسلىق قارارىغا كەلدىم.

جەميەتتە نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ جۆرىسىدىن ياش قىلىپ باللىرى ئۈچۈن ياشلىقنى ،بارلىقىنى، قۇربان قىلىپ باللىرنى قاتارغا قۇشۇپ بولغاندىمۇ ؟باللىرنىڭ قۇشۇلماسلىقى ياكى خىجىل بۇلۇشتەك سەۋەپلەر تۈپەيلى بەختىنى تاپالماسلىقتەك ھەقىقەت مەۋجۇت.بىز فەرزەنىتلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلماي ئاتا-ئانىمىزنىڭ ھالىغا يىتىپ ئىككىنچى قېتىملىق بەختى ئۈچۈن توغرا چۈشەنسەك باش بۇلۇپ ئۇلارنى بەخىتكە ئىرىشتۈرۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىردا غىرىپ سۇندۇرماي خۇشال ياشاشقا نىسىپ قىلساق.


مەنبە قەلىمىم
رەببىم! ساڭا سېغىنىپ، دۇنيانىڭ پىتنىللىرىدىن پا ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6529
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-16
ئاخىرقى: 2011-04-16

ياخشى يېزىپسىز... مىنڭچە قۇشۇلسا، نۆۋەتلىشىپ باقساڭلار قانداق بۇلار؟~~~
ھوشۇڭنى يىغ!  بۇ ئالەمنىڭ سورىقى بار~~
mkkarlek okini dosluk yaci bilan atsa dal tigidu
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6220
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-23
ئاخىرقى: 2011-10-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 09:43

بۇ پىكىرىڭىزنى قوللاش كېرەك.
ئۇلارمۇ تۇرمۇش قۇرۇپ خوشال ياشىشى كېرەك،
مەككارلىق ئوقىنى دوستلۇق ياسى بىلەن ئاتسا دەل تىگىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 606
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە606دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 09:57

                    ياخشى تىمىكەن ....................
ئەتىگەن تىخى ئاپام بىلەن دادام مۇشۇ نىڭغا ئوخشاش بىر پاراڭ سىلۋاتاتتى...........
.......................بەخىت ؟
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 11:22

تەنھا تۇرمۇش ھەرقانداق ئادەمگەئېغر كىلدۇ
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 15213 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-03-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 12:36

بالا  ھەر قانچە قىلغان بىلەنمۇ بىر ئەرنىڭ ئورنىنى  ئالالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلارنى ئالتۇن-كۈمۈشكە كۆمىۋەتكەن
تەغدىردىمۇ،توققۇزى تەل بولسىمۇ،بەرىبىر ئۇ ئۆزى يالغۇز تۇرسا،ئۇ ئۆي ئالتۇن قەپەس بولىدۇ،مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى
ئەرگە بېرىش ياكى بىرەر ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بىللە تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك.چوڭلارغا ئۆز ئۆيىدىنمۇ
راھەت جاي يوق.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 12:41

،، دادىڭىز يالغۇز قالسىغۇ مەيلى ئويلىۋەتسىڭىز ، چۇنكى ئەر كىشى ياشانغاندا تەرىتىگە سۇ ، ئاش تاماق كىيىم كىچەكلىرىنى تەل قىلىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ ،،، ئەمما ئانىڭىز تۇل قالغان بولسا ، ياخشىسى سىلەر پات پات يوقلاپ تۇرۇڭلار ، بىر تۇرمۇشقا چىقىپ قالسا ، بىر ئىشى ئىككى بولىدۇ ئىشىنەمسىز ، تاماق ئىككى كىشىلىك ، قاچا قۇچا ئىككى كىشىلىك ، كىر قات ،،، ۋاي ۋوي بەك كوپ ،،، بىزگە ئاپا دادا بولىدىغان ياش قورامدىكىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە ئائىلە يۇكىنى ئاساسەن ئاياللار ئۇستىگە ئالغان ، بۇنى ئوزگەرتكىلى بولمايدۇ ، مەنچۇ ئاپىڭىزنى راھەتتە ئەركىن ياشىسۇن دىسىڭىز ، يانىلا ئاككىڭىزنىڭ گىپى ئورۇنلۇقتەك ،،،
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 00:26

ياخشى يۇللاپسىز.
تىنى ساغلام بولسىلا ئاياللارنى بۇيتاق قۇيماسلىك لازىمدۇر.
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىغىنى بۇ يەردىن يەنە بىر قىتىم ھىس قىلىڭ قىرندىشىم.ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى ياراتقاشىقا قايتا نىكاھنى يۇلغا قۇيغان.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1421
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1421دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16153 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-30
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-18 16:59

ئىنسانلار بولسۇن مەيلى ھايۋانلار بولسۇن ھاياتلىقتا تەنھا ياشاش ئاسان ئەمەس..
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.