ئۈرۈمچىدىكى "دۆڭكۆرۈك" ۋە "ئەرداۋچىياۋ" ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە
ئابدۇرائۇپ ئابدۇللا
( "شىنجاڭ رادىئو-تىلۋىزىيە گېزىتى" ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن)
ئۈرۈمچىدىكى "دۆڭكۆرۈك" دېگەن نام ھەممەيلەنگە _ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىگە، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە ھەتتا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە تونۇشلۇق بولۇپ قالدى. مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ 50 نەچچە يىل ياشاپ، دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگەن شاھىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن " دۆڭكۆۋرۈك" ھەققىدىكى خاتىرىلەر ھەمىشە كۆز ئالدىمدا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ئەينى يىللاردا ھازىرقى دۆڭكۆۋرۈكتە لىم-چەڭزە ئۈستىگە شاخ-شۇمبا، سامان- توپا، شېغىل بېسىپ ياسالغان، يولدىن خېلىلا ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ياغاچ كۆۋرۈك بار ئىدى. " دۆڭكۆۋرۈك" دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ نامنىڭ قاچاندىن باشلاپ دۇنياغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، ئەڭ قىسقا بولغاندا 100 يىلدىن كەم ئەمەس، دەپ قىياس قىلىمەن. شۇنىسى مۇقەررەركى، بۇ نامنىڭ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلايمەن. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ يەنئەن يولى، داۋان مەھەللىسى، سودا مەكتىپىنىڭ شەرقىي تېمىنى بويلاپ "ئىتتىپاق" يولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، سابىق چايدان زاۋۇتىنىڭ شەرقىي تام پاسىلىنى بويلاپ غەربكە بۇرۇلۇپ مەھەللە ئارىلاپ ئېقىپ، ئۇدۇل دۆڭكۆۋرۈكتىكى تۇرپان مەسچىتىنىڭ شىمالى تېمىنى بويلاپ، 1- يول (ئازادلىق يولى) نى كېسىپ ئۆتۈپ، دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى گىلەم دۇكانلىرىنىڭ ئورنىدىكى ئۆستەڭ ئارقىلىق ئېقىپ "بوغدا يولى" دىن ئۆتۈپ، "خەلق مۇنچىسى" نى ئايلىنىپ، ساي يولىدىكى ئۈرۈمچى دەرياسىغا (ھازىرقى " تىنچلىق ئۆستىڭى" نىڭ ئورنىدا) قۇيۇلىدىغان، چوڭقۇرلىقى ئىككى مېتىر، كەڭلىكى ئىككى- ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان بىر ئۆستەڭ بار ئىدى. ئەينى يىللاردا ئۈرۈمچىدە قىشتا قار كۆپ ھەم قېلىن ياغاتتى. ھەر يىلى ئەتىيازدا ئېرىگەن قار-مۇز سۇلىرى ۋە ياز كۈنلىرى ياغقان يامغۇر سۇلىرى مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، مۇشۇ ئۆستەڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچى دەرياسىغا قۇيۇلاتتى. دېمەك، بۇ ئۆستەڭ ئەسلىدە شەھەر ئىچىدە يىغىلىپ قالغان سۇلارنى چىقىرىۋېتىش رولىغا ئىگە ئىدى. ئەنە شۇ ئۆستەڭنىڭ ھازىرقى "ئازادلىق يولى" بىلەن كېسىشكەن جايىدا (تۇرپان مەسچىتنىڭ غەربى ۋە دۆڭكۆۋرۈك سودا بازىرىنىڭ شەرقىدىكى چوڭ يولنىڭ ئۈستىدە) لىم- چەڭزە ئۈستىگە شاخ-شۇمبا، پاخال- توپا بېسىپ ياسالغان، كەڭلىكى ئىككى-ئۈچ مېتىر كېلىدىغان بىر كۆۋرۈك بار ئىدى. شىمالدىن جەنۇبقا بارىدىغان ياكى جەنۇبتىن شىمالغا بارىدىغان ھەمدە شەھەر ئىچىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ماشىنا-ھارۋىلار چوقۇم مۇشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتەتتى. كېيىن "ئازادلىق يولى" غا ئاسفالىت ياتقۇزۇلغاندا، بۇ كۆۋرۈك بىتوندىن ياسىلىپ يول تۈزلەنگەن بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئەسلىدىكى "دۆڭكۆۋرۈك" دىگەن نامنى قوللىنىپ كەلدى. 70- يىللاردىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەر ئاستى ئەۋرەز يوللىرىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن بۇ ئۆستەڭ ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ رولى قالمىدى. ئۆستەڭمۇ تىنىپ يوقالدى. كۆۋرۈكنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىدى. پەقەت بۇ ئۆستەڭنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە "بوغدا كۆلى يولى" دىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن يولنى توغرا كېسىپ "خەلق مۇنچىسى" تەرەپكە ئۆتىدىغان ئۆستەڭ كۆۋرۈكنىڭ يالدامىسى _ كىچىككىنە بىر دۆڭ ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا.
ئەمدى "ئەرداۋچىياۋ" دىگەن نامغا كەلسەك، ئۇ "دۆڭكۆۋرۈك" نىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدىنلا ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى نام بىر يەرنىڭ ئىككى خىل تىلدا ئاتىلىشىدۇر. خالاس.
20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جەنۇبىي قوۋۇق (شەھەر سېپىلى دەرۋازىسى _ نەنمېن) تىن باشلاپ ئۈچتاشقىچە بولغان كونا شەھەر رايونىدا ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئىدى. قوۋۇققا يېقىن بولغان سەنشىلىكلەر مەھەللىسى (سەنشىخاڭزا) ئەتراپىدا بىر قىسىم خۇيزۇلار بار ئىدى. شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان خەنزۇلار جەنۇبىي قوۋۇقتىن چىقىپ چوڭ تاش يولنى (ھازىرقى 1-يول ئازادلىق يولى) بويلاپ مېڭىپ كونا شەھەرگە كىرىشتە، ئالدى بىلەن ھازىرقى سەنشىخاڭزا سودا سارىيى ئالدىدىكى چوڭ تۆت كوچا ئېغىزى ( 道口 ) دىن ئۆتۈپ داۋاملىق جەنۇبقا ماڭسا، 2- چوڭ تۆت كوچا ئېغىزى ( 二道口 ) غا كىلەتتى. نەق مۇشۇ تۆت كوچا ئوتتۇرىسىدا دۆڭكۆۋرۈك بولغاچقا، ئۇلار بۇ يەرنى خەنزۇچە "2-چوڭ تۆت كوچىدىكى كۆۋرۈك مەھەللىسى" دېگەن مەنىدە قىسقارتىپ " 二道桥 " ( ئەرداۋچىياۋ ) دەپ ئاتاشقان. دېمەك، ئۇيغۇرلار بۇ يەرنى يەر شەكلىنى ئاساس قىلىپ "دۆڭكۆۋرۈك" دەپ ئاتاشسا، خەنزۇ، خۇيزۇلار جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئاساس قىلىپ "ئەرداۋچىياۋ" دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ئاتاش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژۇرنىلى 2002-01- سانىدىن ئېلىندى.