_ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
بۇ _ ئىغاڭلاتسا يوپۇرماقلىرىدىن پۇل تۆكۈلىدىغان،تىكەنلىك دەرەختىن باشقا ھېچنەرسە يىلتىز تارتالمايدىغان مەدەنىيەت چۆللىكىدىكى ھازىرقى زامان ئەپسانىسى....
بۇ _ يۈرىكى زەرگەرنىڭ ئېرىتىش ئوچىقىدا سۇغا ئايلىنىپ،يالجىراپ تۇرغان چوغقا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ،نىگاھىنى ساختا تەكەللۇپ يوپۇرماقلىرى بىلەن بېزەندۈرۈپ تۇرغان شۆھرەت قەھۋەخانىسىدا ئوقۇلغان كېچىلىك ناخشا...
بۇ _ ئەتتىرگۈل بەرگىگە سېغىز تۇپراق چاڭ_توزانلىرىدىن لاك سۈركەلگەن،ئەقىل-ئىدراك ئەينىكىگە ھودۇققان تەلۋىنىڭ ئېغىر مۇشتىدىن دەز كەتكەن،قىرائەچچى قارىنىڭ كۆز قىرى مۇقەددەس كىتاب سەھىپىلىرىدىن لىپاپىغا قاچىلانغان،ئاقچىنىڭ ۋەزنىگە سىيرىلىپ كەتكەن تومۇز ئاپتىپىدىكى غەلىتە رىۋايەت....
بۇ_ <<كىچىسى قەتل قىلىپ،كۈندىزى ھازائاچقان>>ھىيلىگەر بەگزادىنىڭ قارا قەلبىدىن تامغان قارا بوتقىدا بويالغان ھېلىلە ياغلىقىنى كۆزىگە تاقىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇلغان سەبىينىڭ قاتىلىغا ئەگىشىپ،ياقا يىرتىپ ۋارقىرىغان ھاماقەت نالىسى...
بۇ _ يوپۇرماقلىرىنى بوران سوققان،قوزاق-پوستىنى ئېشەك غاجىلىغان،تۈۋىنى سەلەپنىڭ قاراسوقماقلىرى بوشاتقان پەرۋىشسىز دەرەخنىڭ بىگۇناھ يولۇچىنى بېسىۋېلىپ،ئادا قىلماقچى بولغان پۇغانىدىن چىققانلىق غۇرۇرى...
بۇ _ بىر ئاپەت،ھاقارەت،ئاچلىق،قورقۇش گىردابىدا تەمتىرەپ ھودۇققان بەخىتسىز ئەرۋاھنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئىز بېسىپ كېتىۋاتقان خۇبىن تىرىك چۈشىدىكى مەجنۇن پىرىسىدەك ئەسەبىي چۈش...
بۇ _ رۇستەمنىڭ ئۆزدادىسى زالنى تونىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى،ئۇنىڭ كۆكسىگە قاداپ قويغان بەھەيۋەت خەنجىرى...
بۇ _ گۈل بىلەن نورۇزنىڭ يۈزلىرىگە زەنجىر تور تاقىۋالغان دەقىقىلەردە بىر-بىرىگە قارشى شىلتىشقان قىلىچلىرىنىڭ ئىدراكسىز ساداسى...
بۇ _ خۇرسىنارلىق يىغا،ھاقارەتلىك نالە،شۇنىڭدەك قاقاقلاپ ئاڭلانغان كۈلكە،ئۆز-ئۆزىنى قايتا بىلىشنىڭ جىمجىت سۈكىناتى...
مەن ئويلايمەن:ساغلام بەدەندىن ساغلام ئەقىل تۇغىلىدۇ.مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتاپلىق خەستەلىكدىن خالىي ئەمەس!
مەن ئويلايمەن:بۇزۇلغان موھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ.مىللىتىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان كېسەل سۇغۇرلار يوق ئەمەس!
مەن ئويلايمەن:ئەقىلنىڭ بىر قانىتى ۋىجدان،بىرقانىتى ئار-نۇمۇس.مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل ئىگىلىرى پاك ۋىجدانىنى ئۇلۇغلاپ،ناپاك قاباھەتنى قامچىلاشنى ئىنسانىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ.بۇنداق ئۆتكۈر ئەقىل-ئىدراك مۇنبىرىدە سۇيىقەست ئۇستىكاسىنىڭ،ھىيلە يېلىملىرىدا يەملەنگەن زىيانكەشلىك دەۋالىرىنىڭ<<ئادالەت>>مۆھىرى بىلەن پىچەتلىنىپ،بەرقارار تېپىشىدىن ئىبلىسنى خۇشال قىلىدىغان پاجىئەلرنىڭ چىقماسلىقىغا يەنە ئەقىل-ئىدراك،ئادىل ۋىجدان،ئىزگۈلۈككە بولغان ئىشەنچ-ئىماندىن باشقا قايسىبىر قۇدرەت كاپالەت بېرەلەيدۇ؟!
ئادىشىپ ئىشىنىپ قېلىش خۇددى بىۋاستە ئەمەلىيەتتە،بىۋاستە كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئىشىنىشتەك بەرقارار بولمىسىمۇ،ھەر ھالدا كۆڭۈلدىن كۆزگىچە دولقۇن چېچىپ تۇرىدىغان ئىشەنچدۇر.بۇ ئىنساندا بولۇپ تۇرىدىغان بىلىش جەريانىدىكى ھەقىقەتكە يانداشقان غەيرىي ھەقىقىي ھادىسە.ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار ۋە سالاۋات قىلىشقا تەييار بولغان<<سۆيۈملۇك ئادىشىش>>.مەن گېرىكلار دارغا ئىسىۋەتكەن سوقراتنى،قۇندۇز ھاكىمى دارغا ئاسقان مەشرەپنى،بۇرھانىددىن خۇجا چاپقان ئەرشىنى،تاز مەزىن بوغۇزلىغان ئابدۇقادىن داموللامنى ئۆزخەلقىدىن چىققان دۈشمەنلەر ياتلارغا ئالدىنىپ قەتىل قىلغان،دەپ قاراپ كىلىۋاتىمەن.بىر زامانلاردا خەنزۇلار ئارىسىدا ۋاڭ جىڭۋى ئەمەس ،بەلكى لۇشۈن ئەپەندى مىللەت خائىنى دېيىلگەنىدى.كېيىنچە ئويغانغان جامائەت لۇشۈن جىنازا يوپۇقى ئۈستىگە<<مىللەتنىڭ ئەرۋاھى>>(مىللەتنىڭ روھى)دېگەن يوغان ئۈچ خەت يېزىشتى.يېقىندىلا قىرغىز-ئۆزبىك مىللەتلىرىنىڭ كاتە توقۇنىشلىرىدا،ئۆزمىللىتى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر<<مىللەت خائىنى>> دەپ ۋارقىراشمىدىمۇ؟مانا بۇلار،بىۋاستە ئەمەلىيەتتە سىنالمىغان،كۆزنىڭ ھېچقانداق شاھىتلىقى،مەنتىقىنىڭ ھېچقانداق غەيرىي زىدىيەتلىك ئىزچىللىقى،سۆز-ھەركەتنىڭ ھېچقانداق ئۆز- ئۆزىگە مەسئۇلىيىتى بولمىغان قارا كەلكۈنى بولماي نېمە؟
دەرەخنى ئۇنىڭ ئۆز شېخىنى ساپ قىلىپ،ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەيران قېلىش مۇنكىن بولغىنىدەك،ئەقىلنىمۇ گەپ_سۆز بىلەن،تەپەككۈرنىمۇ يالغان-ياۋىداق بىلەن شاخ-شېخىدىن كەسلىۋېتىش مۇنكىن ئىكەن!ھەيرانمەن:شەيتانمۇ ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ كۆزىگە ئەمەس،قۇلىقىغا يالغان-ياۋىداق سۆزلەپ،قۇلاقنى كىرلەشتۈرۈپ<<تۇنجى گۇناھ>>غا باشلىغانىدى.شۇ يىراق ئەلمىساقتىن بېرى ئاداشقانلارنىڭ كۆپى كۆزدىن ئەمەس،قۇلاقتىن كەتكەن!بۇ قارىغۇ قۇلاق،بۇ تەمنى سېزىدىغان تىلى،قاتتىق -يۇمشاقنى سېزىدىغان چىشى،چوڭ- كىچىكىنى پەرقلەندۈرىغان ئېغىز بوشلىقى يوق قۇلاق زەررىدىن تاكى ئالەمگىچە بولغان ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى يالماپلا ئەقىل تەختىگە يانداشتۇرۇپ قويىدۇ.قۇلاق تۈپەيلى يېقىلغان ئوت،ئېتىلغان ئوق ئازمۇ؟!
ئويلاپ قالدىم:قولۇڭنى تارت،تىلىڭنى تارت،نەپسىڭنى تارت! دىگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم،كۆپ كىتاپلاردىن تەكرار ئوقۇدۇم،<<قۇلىقىڭنى تارت!>>دېيىش بىزگە،مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلىرىگە قالغان ئاچچىق ھېكمەتنامە بولسا كېرەك...
<<قۇلىقىڭنى تارت!>>شۇ چاغدىلا ئىبلىس توزىقى،كىشلىك كىرلىرىدىن پاكلانغان ئىنسانى ئەقىل بۈركۈتنىڭ ھەقىقەت دۇردانىلىرى چېقىنداپ تۇرغان نىجادىيەت گۈلزارىغا قاراپ سۈزۈك تەپەككۈر،يەڭگىل بەدەنلىرى بىلەن ئازادە پەرۋاز قىلالايدۇ.بۇنىڭسىز ئىللەت بوتقىسىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇشىڭ مۇنكىن ئەمەس!...
مانا بۇ،نەملىرى ئاياغلاشقان قەلبىمدىن تىزىلغان ئاخىرقى قەترىلەر...
1991-يىلى9-ئاي، قەشقەر
مەنبە:ئاپتۇرنىڭ<<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>>ناملىق كىتابى
تەۋسىيە قىلغۇچى:كۈرەش
[ بۇ يازمىنىكۈرەش 2011-03-16 22:55قايتا تەھرىرلىدى ]