باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4061 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: مۇستاپا كامالنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 15:59

مۇستاپا كامالنىڭ قىسقىچە تارىخى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن باستۇرۇلدى(2011-03-19)



مۇستاپا كامال ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ سالۇنىيك(ھازىر گىرىتسىيەگە قارايدۇ) شەھىرىدە 1881- يىلى تۇغۇلىدۇ. بۇ شەھەر يەھۇدىلار، گىرىتسىيەلىكلەر ۋە بۇلغارلىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر شەھەر بولۇپ، بۇ تائىفىلەر ئىسلامغا ئۆچ ۋە ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلار... مۇستاپا كامال ئىسلامنى ۋە خەلىپىلىكنى يامان كۆرىدىغان مۇشۇ مۇھىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئىچ- ئىچىگە سىڭىپ كىتىدۇ.

ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى"ھ، س، ئارمىسترونج"غۇۋا بۆرە" نامىلىق كىتاۋىدا:"مۇستاپا كامالنىڭ بوۋىلىرى ئىسپانىيەدىن سالونيىك شەھىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يەھۇدىلار بولۇپ، بۇلار دونىما يەھۇدىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلار ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى داۋا قىلغان" دەپ يازىدۇ.

بۇ ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئادەمنى ھەيرانغا سالىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، راھىبلار مۇستاپا كامالنى بوۋاق ۋاقتىدا سالۇنىيك شەھىرىدىكى بىر چىركاۋدىن تاشلاندۇق ھالىتىدە تىپىۋالىدۇ. راھىبلار ئۇنى تەربىيلەپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭغا فىرانىسيە تىلىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇ ئۇ تىلنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، راھىبلار ئۇنىڭ ئىنقىلاب مايىلچانلىقىنى غىزالاندۇرۇپ تۇرىدىغان ۋە ئىدىيە قۇرۇلمىىسىنى يۈزلەندۈرۈپ تۇرىدىغان چەتئەل كىتابلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ غەرب ئىدىيىسى ۋە غەرب مۇتەپەككۈرلىرىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى دوراشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئوسمانىيە ئىسلام دۆلىتىنى يامان كۆرىدۇ ۋە ئۇنى يوقۇتۇش ئويىنى قىلىپ يۈرىدۇ.

مۇشۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئۇنى ھەقسىز تەلىم بىرىدىغان ھەربى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىپ ئوفىتسىرلار سىپىغا كىرىدۇ...1905- يىلى مۇستاپا كامال ھەربىلەرنىڭ مۇشاۋۇرى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا مەنسەپ ئۆسۈش يولى ئىچىلىدۇ ۋە ئارزۇلىرىنى رىئاللىققا چىقىرىش پۇرسىتى كۈنسىرى ئاشىدۇ. ئۇ ھەربى مەسلىھەتچىلەر پاكولتىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا"ئىنقىلاۋى ۋەتەن" تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدۇ، بۇ تەشكىلات خەلىپىلىك تۈزۈمىنى يىقىتىشنى پىلانلاۋاتقان ئىدى، لىكىن بۇلارنىڭ ئىشلىرى پاش بولۇپ قولغا ئىلىنىدۇ، مۇشۇ قاتاردا مۇستاپا كامال تۈرمىگە تاشلىنىپ، بىر مۇددەتتىن كىيىن قويۇپ بىرىلىدۇ.

ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن غەربنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا خىزمەت ئىلىپ بىرىۋاتقان ماسۇنىي يەھۇدىلارنىڭ"ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات" جەمىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات جەمىيىتى سۇلتان ئابدۇلھەمىدگە قارىشى مەقدۇنىيادا ئىنقىلاب ئوتىنى ئۇلغايتىدۇ، سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى ئاڭلاپ بىقىشقا قوشۇلغاندا، ئىنقىلاپ داھىلىرىنىڭ شەرىپى تىخىمۇ ئۆسىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىستانبولدا خەلق ئىنقىلاۋى قوزغىلىپ، ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات داھىلىرىنى ئىيىپلايدۇ ۋە سۇلتانغا قارىشى تۇرۇشنى تەنقىد قىلىدۇ. دەل مۇشۇ يەردە ھەربىلەر-ماسۇنىيە ئەزالىرى قوماندان دەرجىسىگە يىتىپ قالغان- خەلق قوزغىلىڭىنى كۈچكە تايىنىپ باستۇرىدۇ. خەلق قوزغىلىڭىنى پەسەيتىپ، سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى مەنسىپىدىن ئىلىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ بالىسى ئابدۇلمەجىدنى قورچاق خەلىپە ئورنىدا تىكلەپ قويىدۇ، ئەمەلى سىياسى ھوقۇق ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ.

1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىد مەنسىپىدىن چۈشۈرىۋىتىلگەندىن كىيىن، ئوسمانىيە دۆلىتى خەتەرلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىسلام بىرلىكى، ئىسلام خەلىپىلىگى ۋە ئىسلامغا زىت ھەر ئىقىملارغا يول كەڭرى ئىچىلىپ كىتىدۇ. خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئۆمەكلىرى ۋە ماسۇنىيە تەشكىلاتلىرى تەشىۋىقات ئارقىلىق خەلق ئىڭىنى ئىگەللىۋالىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىدە 3 يەھۇدى ۋەزىر قاتناشقان ھۆكۈمەت شەكىللىنىدۇ.

ئاندىن كىيىن پەلەستىنگە يول ئىچىلىدۇ، زىمىن ۋە ئۆي بىدىكلىرى تولۇق ئەركىنلىك ئىچىدە زىمىن سىتىش ھەركىتىنى ئىلىپ بارىدۇ. يەھۇدىلار، دونىما ۋە ماسۇنلار بىدىكلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇلارنى كۈچەيتىپ تۇرىدۇ.

يەھۇدىلارنىڭ"ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات" جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدە بىرمۇ تۈرك تىپىلمايدىغانلىقى ئادەمنى ھەيرانلىققا سالىدۇ، بۇ جەمىيەت تۇران مىللەتچىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سالىدۇ، تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىدۇ.

ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بىر مەزگىللەردە ئوسمانىيە دۆلىتىنى بىر قانچە تەرەپتىن غەربلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلىپ بارىدۇ:

1. ئەنگىلىيەگە تولۇق تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2. تارابىلىس(لىۋىيە) شەھىرىنى ئىتالىيەگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.

3.يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە ھىجرەت قىلىشغا يول ئىچىپ بىرىدۇ.

4. ئەسەبى مىللەتچىلىكنى قوزغاپ چىقىپ، ئەرەب ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

5. ئوسمانىيە دۆلىتىگە تەۋە رايۇنلاردىكى ئەرەبلەرنى تۈركلەشتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.

6.تۈران ئىقىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ۋە تۈرك جىنسىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۈستۈن جىنس دەپ تونۇشتۇرىدۇ.

مانا بۇ ئىشلار بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىدا يۈز بىرىدۇ. بۇ ئون يىلدا بولغان بۇ ئىشلار، غەربلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ دەسلەپقى يۈزى ئىدى.مۇستاپا كامال رەئىس بولغاندىن كىيىن بۇ پىلانلارنى ئۆز ئەينى ئىجرا قىلىدۇ.

1914- يىلى تۈركىيە گىرمانىيە بىلەن بىرلىشىپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىدۇ، ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ گىرمانلار سىپىگە قوشۇلۇپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىشى ئىدى(چۈنكى سۇلتان ئابدۇلھەمىد پالانغان، قورچاق خەلىپىدە سىياسى ھوقۇق يوق، پۈتۈن ھوقۇق مۇشۇ قارانىيەت پارتىيەنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغان). ئوسمانلارنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى تۈپتىن خاتا ئىدى، باشقىلارنىڭ ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تۈگەتكىنى ئەڭ چوڭ خاتالىق. تەرەپ تەرەپتىن دۈشمەنلەر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتسا تۈركىيەگە نىمە پايدا بولسۇن! بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى-غەربنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى بولۇپ، ئىسلام مەسىلىسى ئەمەس ئىدى- ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىدۇ، خەلىپىلىك دۆلىتى تەقسىم قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇرۇش ئارىلىقىدا مۇستاپا كامالنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ، ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللى قەھرىمان بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

مۇستاپا كامال 1919- يىلى ئىنگىلىزلار ھىمايىسى ئاستىدا ئىنقىلاۋىنى باشلايدۇ، بەزى بىر پىكىر (ئىدىيە) ئىگلىرى ۋە ياش رەھبەرلەر ئۇنىڭغا خەلىپىلىككە چىقىلماسلىق شەرىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. يۇنان (گىرىتسىيە)غا قارىشى ئۇرۇش بىر يىرىم يىل داۋام قىلىدۇ، مۇستاپا كامال شۇ ئارىلىقتا ئىسلام شوئارىنى ئىشقا سالىدۇ ۋە قورئاننى كۆتۈرۋالىدۇ. ئىنگىلىزلار بۇ ئىنقىلابنىڭ نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ، 1921- يىلى كامال بىلەن گىرىتسىيەلىكلەر ئارىسىدا ئۇرۇش قايتا باشلانغاندا، گىرىتسىيە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىن ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىدۇ، مۇستاپا كامال بىر پاي ئوق ئاتماي شەھەرگە كىرىدۇ. غەرب تەشۋىقاتلىرى مۇستاپا كامالنىڭ بۇ خىيالى غەلىبىسنى ناھايىتى زورايتىپ تەسۋىرلەيدۇ، مۇسۇلمانلار بۇ يالغان غەلىبىگە ئىشنىپ قالىدۇ، خەلىپىلىكنى جانلاندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئارزۇ ئارمانلىرىنى باغلىشىدۇ.

مۇستاپا كامال ئەنقەرەگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۈيۈك ۋەتەن مەجىلىسى(پارلامنت) ئۇنىڭغا غازى دىگەن ئۇنۋاننى بىرىدۇ. بۇ ئۇنۋان ئادەتتە سۇلتان ئاھالىسىدىكىلەرگە بىرىلىدىغان ئۇنۋان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابرويى تىخىمۇ ئۆسىدۇ، تۈرلۈك ئىسلام ئەللىرىدىن ئۇنىڭغا تەبرىك تىلگىراملىرى كىلىشكە باشلايدۇ، شۇ چاغلاردا ئىسلام دۇنياسى مۇستاپا كامالنىڭ ئىنقىلاۋى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرىدۇ.

بۈيۈك ۋەتەن مەجلىسى بۇ غەلىبىدىن كىيىن مۇستاپا كامالنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق رەئىسى (باش باكان) قىلىپ تەيىنلەيدۇ.كامال 1921-يىلى ۋەكىلى"ئىسمەت باشانى" ئەنگىلىيەگە تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورد كىيزون تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا مۇنداق شەرتلەرنى قويىدۇ:"تۈركىيە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىسنى ئۈزىدۇ، ئىسلام خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، خىلاپەت قوللىغۇچىلىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان ھەر قانداق ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا ۋەدە بىرىدۇ ۋە تۈركىيە غەرب دۇستۇرى(قانۇنى)نى قانۇن قىلىشقا تاللايدۇ"

كامال ئەنگىلىيەنىڭ يوليۇرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ، تۈركىيەگە شىۋىتسارىيەنىڭ مەدەنى قانۇنىنى تاللايدۇ. 1922- يىلى سەلتەنەتنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خىلاپەتلىكتىن ئايرىپ تاشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قورچاق خەلىپە ماددى ۋە مەنىۋى ھوقۇقىنى ئىشقا سىلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. مۇستاپا كامال ئىلمانىزم كۆز قاراشلارنى باشقىلار قارشى چىقسىمۇ كۈچكە تايىنىپ يولغا قويىدۇ. قارشى تۇرغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىدۇ. مىنىستىر كىرزىسى يۈز بەگەندە ئومۇمى ۋەتەن مەجىلىسى ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمىتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ. ئۇ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 1923- يىلى 10-ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆزىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىۋالىدۇ ۋە پۈتۈن ھوقۇقلارنى قولىغا كىرگۈزىۋالىدۇ.

مۇستاپا كامال 1924- يىلى 3-ئاينىڭ 3- كۈنى نىجىس نىيەتلىرىنى ۋە يامان غەرەزلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئىسلام خەلىپىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئىلان قىلىدۇ، خەلىپىنى ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ شەھەردىن پالايدۇ، دىننى دۆلەتتىن ئايرىپ تاشلايدۇ ۋە خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دىگۈچىلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى چىقىرىدۇ.(دىڭىزغا تاشلىۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى دەل سىياسى نوقتىدىن مۇستاپا كامالغا قارشى تۇرغان ئالىملار ۋە سىياسى ئەربابلار ئىدى).

شۇ يىلنىڭ ئۆزىدە دىنى مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، غەرب مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 1925- يىلى تۈركىيەنى ئىسلامدىن پۈتۈن ئاجراشتۇرىدۇ، خانىملارنىڭ ھىجابنى ئىلىۋىتىشى ئۈچۈن ئالاھىدە قانۇن چىقىرىپ، ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئۆزى نازارەتچى بولىدۇ، قارشى تۇرغانلارنى جازالايدۇ، قارشى تۇرغانلارنى دارغا ئاسىدۇ، ساقچىلار يولدا ھىجابىلىق ئاياللارنى كۆرۈپ قالسا ھىجابىنى مەجبۇرى ئىلىپ تاشلايدۇ.

خەلىپلىك چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن، تۈركىيەنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىيدىغان بۇ قىلمىشلارنى مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلماي، زور كۆلەمدە نامايىش ئىلىپ بارىدۇ، لىكىن كۈچ بولمىغاچقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

ھىجاز زىمىنىڭ ھاكىمى"ھۈسەين بىن ئەلى" ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى قىلىپ تىكلەشكە ئۇرۇنغاندا، ئىنگىلىزلار ئۇنى قەبرىس(سپىروس)گە سولاپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئىنگىلىزلار قاھىرەدىكى خەلىپىنى قايتا تۇرغۇزۇش قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشقا ئىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ھىندىستاندىكى خىلاپەت جەمىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىدۇ.

غەرب مۇستەملىكىسى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن خەلىپىلىك تۈزۈمىنى مانا مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن يوقۇتۇپ تاشلايدۇ...

مۇستاپا كامال شىلەپە كىيىپ، تۈركىيەنى كىزىپ چىقىدۇ، بىر ئادەمنىڭ تەربۇش(تۈركلەرنىڭ باشقا كىىيىدىغان دوپپىسى)نى كۆرۈپ قالسا چىچىلىپ كىتىدۇ. ئۇ بىر قىتىم مىسىرنىڭ ئەنقەرەدىكى كونسۇلى بىلەن دوپپا توغرىسىدا خاپۇلىشىپ قىلىپ:"پادىشاھىڭغا ئىيىت، مەن بۇ خىل كىيىمنى ياقتۇرمايمەن"دەيدۇ.

ئۇ ئەرەب تىلى، ئىككى ھىيت بايرىمى، ئەرەبچە ئەزاننى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، مەسجىدنى مۇزىخانىغا ئايلاندۇرىدۇ، مەسجىد تاملىرىدىكى ئايەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىشكە بۇيرۇيدۇ.1926- يىلى شەرئى نىكاھ قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ غەرب تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دىمەك، ئۇ مەلئۇن تۈركىيەنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈن ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى پۈتۈن سۆرەپ كىرىدۇ.

ئۇ بىر قىتىم جىرىس ئالىيسۇن دىگەن مۇخبىر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مۇخبىرغا:"سەن دىن توغۇرلۇق سۆزلەۋاتىسەن، بىلىپ قويغىنكى، مەن دىنغا ئىتىقاد قىلمايمەن، دىن دىگەننىڭ ھەممىسىنى دىڭىزغا تاشلىۋەتسەم دەيمەن"دىگەن.

ماسۇنىيە مائارىپ ئىنىسكىلوپىدىسىنىڭ 162-بىتىدە مۇنداق دىيىلگەن:"مۇستاپا كامال ئىلىپ بارغان ئىىنقىلاب ماسۇنىلارغا كۆپ پايدا يەتكۈزدى، چۈنكى ئۇ ئىسلام سەلتەنەتىنى يوقاتتى، خىلاپەتلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شەرئى مەھكىمىلەرنى تاقىدى ۋە ئىسلام دىنىنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇردى"

ئۇ مەلئۇن غەربنى دورىماقچى بولۇپ خىلاپەتلىكنى يوقاتتى، لىكىن مىراس ۋە ئەنئەنىۋلىكنى تاشلاپ غەربنى دوراش تۈركىيەگە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىگە تەرەققىيات ئىلىپ كەلمىدى ۋە كەلمەيدۇ.تۈركىيە ھازىرغىچە ياۋرۇپا ئەللىرىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن تۈركىيە دۆلىتى قەدىمى شەرىپىنى يوقاتتى ۋە يىڭى شەرەپ يارتالمىدى. تۈركىيە ھازىر50مىليارت دوللارغا يىقىن قەرزدىن قۇتۇلالماي يۈرۈيدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە 1950- يىلنىڭ مابەينىدە 60 قا يىىقىن ھۆكۈمەت ئالمىشىپ بولدى، يىلىغا بىردىن دىگىدەك ھۆكۈمەت ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ مۇقىم ۋە خاتىرجەم شارائىتقا ئىرىشىپ قالسا گۈللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىشلار.سابىق جۇمھۇرىيەت رەئىسى سۇلايمان دىمىرىل:"تۈركىيەدە دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا مەخپى دۆلەت بار" دىگەن ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئىدىيىسى بار كىشلەر ھۆكۈمەت بىشىغا چىقىپ قالسا ئىلمانىزم كۈچلىرى ۋە تەرەپدارلىرى بولغان ھەربىلەر ھەربى ئىنقىلاپ قوزغاپ ھۆكۈمەتنى يىقىتىپ تاشلايدۇ...( پروفىسور ئىنژىنىر ۋە سىياسىيۇن نەجمىدىن ئەربەكاننىڭ ھۆكۈمىتىنى 97- يىلى ھەربى ئىنقىلاپ يىقىتىۋەتتى).

بۇ ئەمەلىيەت، شۇڭا تۈركىيە ھەربى، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىن مۇقىم ئەمەس، ھەم مۇقىم قويمايدۇ. چۈنكى دىن دۈشمەنلىرى خەلقنىڭ يەنىلا دىندا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قايتا خەلىپىلىكنىڭ تۈركىيەدە تىكلىنىپ قىلىشدىن ئەنسىرەيدۇ. تۈركىيە خەلقى ئىسلام مەدەنىيىتىگە تەۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە كىرەلمەيدۇ. تۈركىيە غەربنىڭ قۇرقىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، بىراق بۇ ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس...



خۇلاسە

بۇ تەتقىقاتلار مۇستاپا كامالنىڭ ماسۇنىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن كىشلىرىنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ دونىما يەھۇدىلىرىنىڭ پۇشتى ئىكەنلىگىنى ۋە ئۇرۇشلاردا يالغان تونغا ئورنىۋالغانلىقىنى كەسكىن ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

* مۇستاپا كامال ياۋرۇپالىق ۋە گىرىتسىيەلىكلەرگە قارىشى ئىلىپ بارغان جەڭنىڭ قوماندانى ئەمەس، ئۇ ئارمىيەنى تۇتۇپ تۇرغان ۋە بۇ جەڭنى باشلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىشلەتكەن.

* مۇستاپا كامال ئەنگىلىيە بىلەن ئىلىپ بىرىلغان شەرتنامىغا قول قويغاندىن كىيىن، ياۋرۇپا مۇستاپا كامالغا تۈركىيەنىڭ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن. لىكىن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كەتمىگەن.

* مۇستاپا كامالغا نىسبەت بىرىلگەن ۋە زورايتىلىپ تەسۋىرلەنگەن بۇ قەھرىمانلىق، مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى جانلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا مەدەت بىرىش ۋە ئۇنى رەئىس قىلىپ تىكلەش ھىلىسى ئىدى.

* ئوسمانىيە دۆلىتى يوقۇلۇپ ۋە ئىىسلام خەلىپىلىگى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئەرەب ۋە تۈرك بىرلىكى پارچىلىنىپ، ئاندىن يەھۇدىلارغا پەلەستىنگە يول چىقتى.

* مۇستاپا كامال تۈركىيەنى ئىلمانىزملىشىشقا قاتتىق ئىتتىردى، ئىسلام قانۇنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مۇسۇلمانلارنى بەك ئەزدى، ئۇنىڭ ئىلمانىزم قاراشلىرىغا قارىشى تۇرغان خىلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى.

* مۇستاپا كامال ئىلىپ بارغان ئىلمانىزم ھەركىتىنى 10 يىلغا يەتمىگەن بىر قانچە يىل ئىچىدە كۈچ ۋە قورقۇتۇشقا تايىنىپ يۈرگۈزدى، غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىلىپ باردى، مۇستاپا كامال بىلەن غەرب ئارىسىدا ۋاستىچىلىق رولىنى ئوينىغان كىشى تۈركىيەلىك "ھاييىم ناھۇم" دىگەن يەھۇدى پوپ ئىدى.

* تۈركىيەلىك ئوفىتسىرلارنىڭ بىرسى مۇستاپا كامال توغرىسىدا "بۇت ئادەم"نامىلىق2 قىسىم كىتاۋىنى يىزىپ ئۇنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئىچىپ تاشلىدى. ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئارمىسترونج "غۇۋا بۆرە" نامىلىق كىتاۋىدا مۇستاپا كامال ھەققىدە توختىلىپ:"ئۇ ھەر كىچىسى تاڭ ئاتقىچە قەھۋەخانىلاردا ھاراق ئىچەتتى، بارلىق رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسنى قىلاتتى، رەزىللىكتە قۇلىقىغىچە پاتقان ئىدى. ئۇ ھاراق ۋە پاھىشىدىن قالمايتتى"دەپ يازىدۇ.

* ئىسلام خەلپىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ تاشلاش يۈزەكى بىر ئىش بولماستىن، روس، ئىنگىلىز ۋە ياۋرۇپانىڭ پىلانلاپ بەرگەن ئىنچىكە پىلانى بىلەن بولغان. شۇڭا 1909- يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى ئىلىپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇلھەمىدنىڭ تاغىسىنىڭ كىچىك بالىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. بولمىسا 1909- يىلى خەلىپىنى سۈرگۈن قىلىپ بولغان ۋە پۈتۈن ھوقۇق كامالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان. سەۋەبى ناھايىتى ئىنىقكى، بۇ ئىشنى تەدرىجى ئىلىپ بارغان، شۇنىڭغىچە مۇستاپا كامالنى تەربيىلەپ يىتۈشتۈرگەن. ئۇ قانۇنلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ، پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا رەسمى كىرگۈزىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئىسلامنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرغان...

* مۇستاپا كامال ھوقۇققا چىققاندىن تارتىپ، ئەنگىلىيە ۋە روسلارغا ساداقەتمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرغان.

لىكىن ئىسلام مانا بۈگۈن تۈركىيە ياشلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى كۈچلۈك چوغلانماقتا ۋە گۈللەنمەكتە...







مەنبە:ئىسلام ئاۋازى تور بىتى

2006- 07- 29 مىلادىيە

1427- 07- 4 ھىجرىيە

http://bbs.merifet.net/read.php?tid=3380
[ بۇ يازمىنىmutepekkur 2011-03-17 20:41قايتا تەھرىرل ]
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31

نادىر تىما
ئويلىنىش،ئىزدىنىش،تەپەككۈر ئىچىدە ئۆتمىگەن ھاي ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1387
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 271
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە271دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3166 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 22:42

ئەسلى مۇنداق كەندە!!!!ھۇ مۇناپىق.!!!
يۇمشاق تۆشەك ئاياللارغا خاس ، ئوغۇل بالا ساۋۇت كېيىپ تۇپراقتا ياتار
ھەقىقەت ئىككى كىشىگە مۇھتاج،بىرى سۆزلىگۈچى،يەن& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1207
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2998 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-03-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 23:00

گەرچە ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولمىسىمۇ ئەمما تۈركىيىنى ئىسلامدىن ئايرىغانلىقى مۇشۇنىڭ جىنايىتى!!!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6413
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1735 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-07
ئاخىرقى: 2011-09-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-16 23:20

بۇرۇن مەچىتلەرنىڭ  ئىماملىرنى دىڭىزغا غەرىق قىلغاندەپ ئاڭلىغان ، ياخشى تەرەقىياتقا باشلىغان كىشى ...
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2358
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2358دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29116 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 00:10

لىكىن ئەلكۈيىدە بىرقسىم كىشىلەر ئۇنى ھەدەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۋاتىدۇ ...  تۈرۈكلەرنىڭ قۇتقازغۇچىسى دىگەندەك گەپلەر بىلەن .....  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
تۇپراقتەك كەمتەر بول ....--
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1795
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1795دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 9306 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-31
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 04:47

ياخشى  بولسۇن  ۋە ياكى يامان  بولسۇن  بىلگۈچى  ئاللاھ  ،،، قىلىشقا  تېگىشلىك  بولمىغان گەپلەرنى  ئەڭ  ياخشىسى قىلمايلى  
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 10:49

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1708
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 300 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-02-14
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 11:33

بۇ يەردىمۇ بىر مەھەل جەڭ باشلاناي دەپتۇدە .....ئەلكۈيىدىكىدەك .!
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 5081 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-17 12:01

مەيلى نىمە بولسۇن ، ئۇ بىر مەنىۋى تۇۋرۇك . مۇستاپا كامالنىڭ قانداق ئادەملىكىگە  ئەڭ ياخشىسى تۇركىيە تۇركلىرى جاۋاپ بەرسۇن ! بىز بۇ يازمىنى ئۇقۇدۇق ، يازغۇچىنىڭ نىمە مەقسەتتە يازغانلىقى، نىمىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكى ، بۇنىڭ قانچىلىگى ھەقىقەت ، قانچىلىكى ئويدۇرما  ، قانچىلىكىنىڭ پىتنە - پاسات ئىكەنلىگىگە بىز ئەمەس يوللىغۇچىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ ئەلۋەتتە .  ئەڭ توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللا !  بىز مېغىزىنى ئىشلىتىمىز ، شاكىلىنى تاشلايمىز ! ئۇلۇغ ماۋزىدۇڭنىڭ بۇ گىپىنى جايىدا ئىشلەتسەك خاتالاشمايمىز .  بىز مۇستاپا كامالدىن پايدىلىنىشىمىز كىرەك ! ھەقىقەتەن بىر دۆلەتتە ئوموميۇزلۇك ئىسلاھات بۇلغاندا ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەنلىكلەر كۈرۈلۈپ تۇرىدۇ . دۆلىتىمىزدىمۇ 10 يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ جاۋاپكارلىقىنى بىرسىگە ئارتىپ قويغىنى يوق !
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!