باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 901 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالتە غەزەل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3083
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 670 %
مۇنبەر پۇلى: 1083 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-03-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-15 23:25

ئالتە غەزەل

ساخاۋەتچى ئالىمجان خالىق ھەققىدە غەزەل
 
شەخسىيەت ئۆزدىن ماڭار، ئۆزگىگە زىنھار كارى يوق،
ھەم ئېشىنماس ئۆزلىكىدىن، ئۆز-ئارا ھەمكارى يوق.
 
سۆيگىنى بىرلا ئۆزى، يەتمەس پېقىرغا ئاش-تۇزى،
نەپسىدە ئوتتەك كۆزى، ئەخلاق-نۇمۇستا ئارى يوق.
 
نى جاناپ بەردى قىسىپ، شەيتانچە قەستىنى قىلىپ،
مەخسىدى مەنسەپ، نوپۇز ئولكى كېسەلگە چارى يوق.
 
بەزىلەر شۇنداق تۇغۇلغان...قىلمىشى تا ئۆلگىچە،
بەھرىسىز نەرقى پۈچەككى؛ ئاخىرەت ئىقبالى يوق.
 
«خالىقى» پۇشتى-پاناھى، نەسلى ئەلا يىلتىزى،
خەيرىيەتتە بىر ئوغۇل كەلمەكتە قىلچە زارى يوق.
 
مېھرىنى ئەلگە بىرىپ، باغرىنى يوقسۇزغا يېرىپ،
پۇل-مېلى بەخشەندىسىدە يىققىنىنىڭ بارى يوق.
 
ئۇ سېلىپ يوقسۇز-يىتىمگە خەيرى-ئىھساندىن نەزەر،
دائىمىي باشىن سىلاپ مىڭ بىر جاپادا ھالى يوق.
 
ئى! دەۋىر سۆيگۈ-ۋاپانى قىل ئادا مەزلۇملىغا،
سۇ ئىچىپ كۆڭلى زاماندىن كەتسىدى...ئارمانى يوق.
 
ھەۋۋا ئانام
(ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتىدە دۇنيادىكى بارلىق قىزلار، ئاياللار ۋە ئانىلارغا بېغىشلايمەن)
 
بىرلا ئاللاھ ئىلتىپاتى ئادەمى، ھەۋۋا ئانام،
ئول قوۋۇرغا جانى-تەندىن ھاسىلى ھەۋۋا ئانام.
 
جەننەتى-رىزۋانىدا خوپ ئىككى تەن سەيلانىكىم،
ئەۋۋەلى ئادەم ئاتامنىڭ ئۈلپىتى ھەۋۋا ئانام.
 
روزىغار،نېھمەتتە راھەت گۈل-گۈلىستان باغىدا،
شۇكرىسىزدۇر، بىقانائەت ھەركىتى ھەۋۋا ئانام.
 
چەكلىسە،چەكتىن ئېشىپ بۇغداي دېنىنىڭ تەمىدە،
جۈپتىگە سالدى ھالالا، رىغبىتى ھەۋۋا ئانام.
 
ھاجىتى قىستار؛پەرىشتە،ھۆر-پەرى،غىلمان ئالدىدا،
تاپتى ئەنجۈر ياپرىقىدىن خىلۋىتى ھەۋۋا ئانام.
 
باقىدىن پانىيغا چۈشتى ئەشۇ بۇغداي ۋەجىدىن،
مىڭ جاپا-جەبرى سىناقتا قىسمىتى ھەۋۋا ئانام.
 
ئادەمى مەغرىپ تامان، ھەۋۋا ئانام مەشرىق تامان،
چۈشتى ھىجران دەشتىگە، تۇغما پېتى ھەۋۋا ئانام.
 
يوق كىيىم،ھىچ بىر قۇرال،بىھەلەج نەدۇر ئامال،
ئول جۇدالىق ئادەمىدىن ھەسرىتى ھەۋۋا ئانام.
 
ماڭدى كۈنلەپ، ھەپتىلەپ يۇمران پۇتىنى زەخمىلەپ،
تۇنجى تېرە بىر ئاياقتا ئەمگىگى ھەۋۋا ئانام.
 
ئۆمۈچۈكتىن تور توقۇشنى بىلدى ئۇ يىڭنە ياساپ،
پاختا، يۇڭدىن يىپ ئىگىردى گۈل قولى ھەۋۋا ئانام.
 
ياتتى سوغ، تۇندە ئۆچەكتە تېرىدىن پەشمەت تىكىپ،
ھەر سەپەر تەييارلىقىنىڭ ھەر دىتى ھەۋۋا ئانام.
 
ھۆشنىدە ئىككى قاپاق ھەربىرسىدە ھەم ناشتا،سۇ،
نەيزە، توقماق قوللىرىنىڭ قۇربىتى ھەۋۋا ئانام.
 
تاش پىچاق گۆشنى يارار، ئاندىن يەنە ئۈچكە چاقار،
قول قاپارغان، يۈز تاتارغان فۇرقىتى ھەۋۋا ئانام.
 
تاغۇ-تەشنى ياڭرىتىپ كەلگەندە بىر ئوتلۇق سادا...
«ئادەمىم، ۋاھ! ئادەمىم» دەپ توۋلىدى ھەۋۋا ئانام.
 
«ئاھ! جېنىم، ھەۋۋا جېنىم»دەپ كەلدى ئول ئەنقاچە ئەر...
كۆز تىكىپ مىڭ-مىڭ يېنىشلاپ تويمىدى ھەۋۋا ئانام...

كۆز
 
جەم ئىرۇر ئالەم سىرى،ھېكمەت تامان شەھلانى كۆز،
ئول «جاھاننامە» سۇلايمان ئەينەكى؛ سەيلانى كۆز.
 
قوش قاپاق رەڭدار بېزەكنىڭ ئۈستىدە يادەك قېشى،
شول ئالامەت سەن ئۈچۈن بەخشەندىكىم قۇربانى... كۆز.
 
ئول بۇلاق تۈندىن يىراق، كىرپىكتە شەبنەم مىڭ جۇلا،
گۆھىرىدە پارلىغانكى گۈلچىمەن، ھەيرانى...كۆز.
 
چاقنىتىپ ئوتلۇق نەزەر، ئىشقى تۈپەيلى خۇلقىدا،
بىر قارارنى كۆرسىتىپ، خىلۋەت بېرەر چولپانى كۆز.
 
شاھ«ئوغۇز»ھۇشسىزكى زوقتىن،ئەينى خوپ؛«كۆكتىن جۇلا»،
 ئاھ! دىمەسكىم قايسى ئەركەك ؟ «ئاھۇ»چە سەرپايى كۆز.
 
«تۈركى زات»،«تۈركى خاتۇن» پۇشتى-پاناھى غەزنىدە،
قۇدرىتى ئۈزگەن زۇۋۇلدىن سەرخىلى، ھەقدادى كۆز.
 
مەن نىتەي قەدرىڭگە يەتمەي ؟ قىلسا ئەكسىمنى ئايان،
ئول نەزەر ھاردۇققا مەلھەم. «ئاي خاقان» جەۋلانى كۆز.
 
ئى! جانان ئاشىق يۈرەككە قايرىلىپ بىر خەيرى قىل،
تەرىپىڭنى مەن پېقىر قىلغاي جاكا: دەرمانى كۆز.
 
يا ئوقى كىرپىكلىرىڭ، ياۋدىن ھەزەرلەر ئەيلىمەك،
ئۆزگىگە تىغدىن بەتەر، سەرخىل قۇرال، سەرۋازى كۆز.
 
قىسمىقى گازىر سۈپەت، ئىششىقتا شەلۋەدەر تۆشۈك،
بەرمىگەنگە مىڭ شۈكۈرلەر، شۇندىقى ۋەيرانى كۆز.
 
ياش تۆكۈپ تۇتتۇم ھازا،«چولپانى كۆز» سەلپەل چالا،
ئىرسىيەتكە شۈكرىلەرمۇ بىناۋا دەۋرانى كۆز ؟
 
قاش
 
ئىككى يانغا سارقىغان يۇلتۇز سىياقىدۇر قېشى،
ئولكى لاچىن قانتىدەك پەرۋازىدا ئۇچقۇر قېشى.
 
كاتتا خەتتات ھېچ قۇسۇرسىز تارتقىنى زىرۇ-زەۋەر،
كى  سۇلۇس، رەيھانىدا كۆركى بېزەك سازدۇر قېشى.
 
ئۇستىكار سەرخىل ھۈنەردە شۇنچە تاللاپ دىتلىغان،
ئول كىرچسىز «يا»سىمان، تاغ شىلۋىسى-ئۇچتۇر قېشى.
 
بىر سۈپەت ئەندىزىدە شائىرمۇ دەر:«بەرگى،قىياق»،
ھەمدە ئېيتار:تۇنجى چىققان يايسىمان ئايدۇر قېشى.
 
ئوت يېقىپ دىلغا تامان، كۈلكە،تەبەسسۇم سېھرىدە،
كەڭ غۇلاچ ئاچقان باغاشتا... ئوۋچىدەك تۇتقۇر قېشى.
 
كىم بىرەر بەرداش ئاڭا ئاتقاندا سەلپەل قىيغىتىپ،
ئاشۇ قىيغىتقان ئېقىمدا جانۇ-تەن يۇتقۇر قېشى.
 
قاردىكى ئىلھام 
 
قار يېپىپ ئۇچقۇن لىباس چېھرىڭنى قاشتاش ئەيلىدى،
مەسۇمە، كىرسىز قەلىب روھىڭنى قاشتاش ئەيلىدى.
 
«چاچقۇسى» يۇلتۇز زىبا، چولپان تېخى ئاندىن جۇلا،
ئاق نۇرى ئايدىن زىيا، ئەۋجىڭنى قاشتاش ئەيلىدى.
 
قار پايانداز، بىر ئۆچەك، ئەركىڭدە ياتساڭ تولغۇنۇپ،
ئول پىدا خۇلقىڭغا جان، شەۋقىڭنى قاشتاش ئەيلىدى.
 
قارگۈلى لالەلىرى، بەرگىدە مىڭ دانەلىرى،
كۆزلىرىڭ ئاھۇلىرى، مېھرىڭنى قاشتاش ئەيلىدى.
 
سۆزدىكى ئاھ!، ئۇھ! نىمە؟ ئول دىلدىكى مۇدداھ نېمە؟
ھەر بايان سەۋدايىكى، لەبزىڭنى قاشتاش ئەيلىدى.
 
«ياق!»
 
ئاھ! يۈرەك فونتانىنى زەپ، سۆلىتى قىلساممۇ -«ياق!»،
خىلمۇ-خىل بەدئى جامالنى سۆرىتى قىلساممۇ -«ياق!».
 
دوستلىرىم بولدى ۋاپادار، تەرىپىمنى كۆپتۈرۈپ،
مىڭ خوشامەت؛«سىزلە،ئۆزلە»،ھۆرمىتى قىلساممۇ -«ياق!».
 
«ئول مەلىكە، شاھسەنەم، ئايدەك...»دېگۈزدىم ھەممىنى،
ئاسقىنىم ئاسمانغا لەۋھە، شۆھرىتى قىلساممۇ -«ياق!».
 
پۇل-پۈچەكنى كۈندە مىڭ خەجلەپمۇ باقتىم ئايىماي،
ھەم ئۈزۈك، ھالقا، بىلەيزۈك؛ دۆلىتى قىلساممۇ -«ياق!».
 
كەينىدىن يۈرگەن كۈچۈكتەك قۇيرۇقىمنى ئوينىتىپ،
چىشلىدىم«ئالكىش»دېمەستە، ھۈر-«ئىتى» قىلساممۇ -«ياق!».
 
ئىلتىماسلار كەتتى بوشقا، سانىنى بىلمەك قىيىن،
بىر قارار،ۋاختى،زاماننى مۆھلىتى قىلساممۇ -«ياق!».
 
-«ياق»دىدى،«ياق-ياق!»دىدى ئۇ، چىگرا-پاسىل ۋەزنىدە،
بىر ھوجۇم، تاكتىكىنى دەل خىلۋىتى قىلساممۇ -«ياق!».
 
-«ياق» دېسە، مەيلىگە باق، «قاچقاننى قوغلاش» بىر ماقال...
قۇت بىلىپ روھىنى ئەۋزەل، ئۈلپىتى قىلساممۇ ـ«ياق!».
 
مەنبە: ئىلھامىم

دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2364
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2364دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29176 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-04-01

ئالىمجان كاۋاپچىنىڭ ساقال قويغىنىدىن خۇش بوپ قالدىم ،،،، ما يولداشلارنىڭ كاللىسىدىكى ساقالدىن قورقۇش كىسىلى ئازراق بولسىمۇ ئوڭشالدىمكىنا !!!  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 869
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە869دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 4921 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-15 23:53

بۇ ئاكىمىزغا  ئامەت دىگەن كەلدىغۇ.....يامان چىرايلىق خۇتۇن ئالدى تىغى
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...