مىكروسوفت يۈزتۇرانە سىناق خاتىرىسى:
كومىسسىيە: Windows7نىڭ جوڭگو بازىرىدىكى باھاسى قانچە پۇل؟
مەن : - 5 يۈەن خەلق پۇلى.
كومسسيە: - كەينىدىكىسىنى چاقىرىپ قويۇڭ
شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت چۈشى ئاياغلاشتى..
ئەمما مەن خىزمەت ئىزدەشتىن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ،قىسقىچە تەرجىمالىمنى( CV نى) دۋاملىق تاشلاۋەردىم ، ئاخىرى گوگىلنىڭ يۈتۇرانە سىناق ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم....
كومسسيە: سىز بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟
مەن : بەيدۇلاپ...
گېپىمنىڭ ئاخىرىسى تۈگۈمەيلا كومىسسيە مېنى چىقىرىۋەتتى
ئېچىم سىقىلىپ كەتتى ، ئەمما مەن يەنىلا خىزمەت تېپىپ جان باقمىسام بولمايدۇدە...
دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مەكدونالدقا باردىم.
كومىسسيە ناھايتى غەلىتە ئادەمكەن ، ئۇ ماڭا مەكدونالدنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقۇزدى، ئەلۋەتتە ئىيتالايمەندە ، كىچىكىمدىن باشلاپ ئوقۇپ كەلگەن ناخشا بۇ!..
ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ تازا ئېيتىۋەتتىمدە : كېنتاكىي بولغاچقا تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك!.. لاي لاي لاي!...
پوققا ئارىلاشقان ئوسۇرۇقتەكلا كومسسيە قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى : نىمە دەپ كەلدىڭ بۇيەرگە!.. يوقال!..
ئاپام مېنى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكى بىر تونۇشىغا تونۇشتۇرۇپ ،يۈزتۇرانە سىناققا ئەۋەتتى..
مانا ئەمدى كۆرۈڭ كارامىتىمنى ، ھەممە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم ! ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغان ۋاقتىمدا تېلفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
-132....
گېپىم تۈگۈمەيلا بۇ يەردىنمۇ ‹قوغلاندىم
گەرچە ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان بولساممۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ، كىم مەن دېگەن !.. بۇنچىلىك مەغلۇبىيەت دېگەن نېمىگە ھىساب!.
ئاخىرى مەمۇرىيلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتتۈم، ئەستا بۇنىڭمۇ يۈزتۇرانە سىنىقى باركەن ئەمەسمۇ؟
كومىسسيە: سىز تارىختىكى ئەمەلدارلا ئارىسىدا كىمنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز؟
مەن : خې شېن ...
ماۋۇ ئېغىزىمنى ، كومىسسيەنىڭ چىرايىدىن نەتىجىسىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەستە شۇ تاپتا
شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى تەجرىبە ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ ، بارلىق سورىلىش ئھتىمالى بولغان سۇئاللارغا ئۆلچەملىك جاۋابلارنى تەييارلاپ ، ئەينەككە قاراپ مەشىق قىلىپ ... يەنە خىزمەت ئىزدەشكە ئاتلاندىم . بۇرۇنقى مەغلۇبىيتىمنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ مۇشۇ ۋالاقتەككۈرۈپ ئېغىزىمدىن بولغانىدى! مانا ، تەييارلىقىممۇ پۈتتى ، ئەمدى ھىچكىم مەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ!
قاتتىق ئىشەنچ بىلەن نوكىياغا كەلدىم .
نوكىيانىڭ شۇئارىنى بىلىمەندە : تېخنىكا ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ!...
ھەممە شۇنداق ياخشى بولدى، ئۇلارمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالدى ، سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇ شۇئارىنى كۆپلىگەن ئادەم بىلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئۇلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەنمەن!...ئەلۋەتتە شۇنداقتە ! بولمىسا نوكىياغا نىمەدەپ بارىمە مەن!..
دەل شۇ ۋاقتتا تېلفونۇم سايراپ كەتتى ! Hello Moto!...
كومىسسيە: يوقىلىڭ!...
بىر سوپۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان داڭلىق كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ. يەنى دەل ئاشۇ ئوراپ قاچىلاش مەشغۇلاتىدا ماشىنا قۇرۇق خالتىلارنى سوپۇننى قاچىلىمايلا ئۆتكۈزىۋىتىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن شىركەت مەسئۇللىرى بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر دوكتۇرئاشتىنى تەكلىپ قىپتۇ. بۇ دوكتۇر بۇنى تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كېيىن يەنە ئېلىكتېر ئېنژىنىرىدىن بىرسىنى ، ئېلىكترون ئېنژىنىرىدىن بىرسىنى ،ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى ماگىستىرىدىن بىرسىنى ، مىخانىكا ئېنژىنىرىدىن بىرسىنى تېپىپ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن بىرنى قۇرۇپتۇ دە بىر نەچچە مېلىيونغا بۇ مەسىلىنى ئاخىرى ھەل قىپتۇ....
ئوخشاش مەسىلە يەنە بىر يېزىنىڭ كىچىك بىر سوپۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتىدا كۆرۈلۈپتۇ. بۇ زاۋۇتنىڭ لىنىيەسىمۇ ئاشۇنداق قۇرۇق خالتىلارنى ئۆتكۈزىۋىتىدىكەن.
زاۋۇت باشلىقىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇدە ، قول ئاستىدىكى بىر ئىشچىغا دەپتۇ:
- ئەگەر سەن ئەتە كەچكىچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىساڭ ،سېنى ئىشتىن بوشىتىۋىتىمەن!...
ھىلىقى ئىشچى ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ 90 سومغا بىر شامالدۇرغۇچ سېتىۋىلىپ ، قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملايدىغان بۆلەكنىڭ كەينىگىلا قويۇپ قويۇپتۇ، نەتىجىدە قۇرۇق خالتىلار شامال كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. سوپۇن قاچىلانغان خالتىلار بولسا نورمال ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مەسىلە شۇنىڭ بىلەن ھەل بوپتۇ