ئالدىنقى ئەسىرنىڭ80-،90يىلىلرى ئافخانىستاننىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندا، ئامىرىكىنىڭ يۇشۇرۇن ياردىمى بىلەن نۇرغۇن ئەرەبلەر ئافخانىستانغا كېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى،كىيىن ئۇلار ‹‹بازا››تەشكىلاتىنىڭ ئاساسچىلىرى بولۇپ قالدى. 1996-يىلى بېنلادىن تالىبان رەھبىرى بىلەن كۈرۈشتى. ئۇلار دىن، ئېتقات قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئورتاقلىققا ئىگە بولغاچقا، ئاسانلا كىلىشىپ قالدى. كارزايىنىڭ قارىشىچە، تالىبان بىلەن‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئافغانىستان جەمئىيىتىنىڭ بىر تەشكىلىي قىسمى ئىكەن.ئۇلارنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مەقسىتىمۇ ئوخشاشمايدىكەن.
]yV!
ئىگىلىنىشىچە،تالىباننىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرسىرت بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئالاقە قىلمايدىغان بولۇپ،تالىباننىڭ ئالىي قوماندانلىق ھوقۇقى ھازىر باشقا بىرەيلەننىڭ قولىدا ئىكەن. _qU4Fadgm
ئانالىزچىلار ئافخانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارىتا:تالىبان خۇددى ئۆسمىگە ئوخشاش ئافخانىستاندا يىلتىز تارتقان بولۇپ ، يىلتىزىدىن يوقىتىش .ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا ئۇنى يوقىتىشتا ھەربى ھۇجۇمنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇش ،يارىشىش ۋە ‹‹بازا›› بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك ،دەپ قارىغان . يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار تالىباننىڭ تارىخ، ئافخانىستاننىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، ش ئا ئە ت ۋە ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ تاكتىكا جەھەتتىكى مەغلۇبۇيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تالىباننىڭ ھازىرغا قەدەر يوقىتىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەبكە يىغىنچاقلىغان: بىرىنچى،تالىبان چۈنكى تالىبان ئۆزى ئۇرۇش قىلىۋاتقان جاينىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇپ،تارىختا ئافغانىستان خەلقى بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ ئەنگىليە،سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تاكتىكىلىرىنى ئىگىلىۋالغان ،شۇنداقلا ئىراق قاتارلىق جايلاردىن يېڭى تاكتىكىلارنى ئۆگىنىپ تۇرغان؛ bkRLC_/d
ئىكىكنچى،ش ئا ئە ت .گەرچەئوباما ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ،بۇ ئۇرۇشنى قىلىۋاتقىنىغا 8يىلدىن ئاشقانلىقى،ھۆكۈمەت مالىيەسىدىكى قىزىل رەقەمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ،ئۇلارنىىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان-ئاشۇرالمايدىغانلىقىغا بىر نىمە دىمەك قىيىن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ش ئا ئە ت نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىش توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت؛ :{{F *FM;
ئۈچىنچى،ئافغانىستان ھۆكۈمىتى.خەلىق سايلاپ چىققان زۇڭتۇڭ كارزايى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئاساسىي جەھەتتىن مەشىقلىنىشى ۋە قورال ياراغلىرى كەمچىل بولغان قەبىلە قوراللىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئارمىيەگە تايىنىدۇ،شۇڭا ئەل ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئابرويى يوق.بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئوڭشاي دېسە ،ھۆكۈمەتتە ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق. y@1+I~@
vjLJinJ/
,y1PbA0m
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 3s5z
UT;