باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1021 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-14 20:43

بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى



قىززىق ئىشلار ئۇستىگە سار ماي سۇركىگەندەك، يەنە دەھشىتى بىلەن قىززىۋاتىدۇ دىسە . نىمىشقا دىگەننى مەندىن سورىماي ، ئىشەك ھارۋۇسىدەك ئىغاڭلاپ مىڭىشتىن ، سانتانانىڭ سۇرئىتىگە ئۆزگەرگەن ماۋۇ 21_ئەسىردىن سوراڭلا.  بوينىمىزنىڭ ئۇستىدىدىكى قاپاقتىن پەرقلىنىدىغان ئۇشبۇ كاللىمىز نەگە كەتتى دەيمەن .ئويلىنىڭلا ۋە ئويغىنىڭلا . بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقىنى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭلا .
  بوپتۇ كانىيىم ، كالاچتەك يىرتىلغۇچە ۋارقىراي . ماۋۇ پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ تۇرغان موداپەرەسلەرگە ئوبدان سىلىشتۇرۇپ بىرەي :
1.  بۇرۇن قىز-جۇۋانلىرىمىز چىچىغا چىرايلىق يىلم چىپىپ 40ئۆرىگەن بولسا ، ئەمما ھازىر چىچىنى مانتا قاسقىننىڭ ئىچىدە دۇملەپ، قۇشقاچ چاڭگىسىدەك قىلىۋالىدىغان بولدى.
2.بۇرۇن يىگىتلىرىمىزنىڭ يىنىدىن بىردىن بەكە (پىچاق) ئۇزۇلمىگەن بولسا، .ئەمما ھازىر يىگىتلىرىمزنىڭ يىنىدىن بىرقاپتىن تاماكا ئۇزۇلۇپ قالسا نۇمۇس ھىس قىلىدىغان بولدى.
3. بۇرۇن مىھماندارچىلىق ئىنتايىن قائىدە يوسۇنلۇق بولاتتى .ئەمما ھازىر قاتار چايغا قاتارلىشىپ بىرىپ،  ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مىھمان قىلىپ، تاس قالىمىز ئىككى ئالقىنىمىزنى كۆتۇرۇپ، "ئامىن" دەپ تىلىگىلى !
  4. بۇرۇن قىزلىرىمىز قوللىرىغا خىنە يىقىپ، قاشلىرىغا ئوسما قوياتتى . ئەمما ھازىر  قىزلىرىمىز چاچلىرىنى ئالا بۇلماچ بوياپ، تىرناقلىرىغا سىر سۇركەيدىغان بولدى .
 5. بۇرۇن باللىرىمىز جىن چىراغدا ئۆگىنىش قىلىپ، داق يەردە يىتىپ قوپاتتى. ئەمما ھازىر باللىرىمىزغا مىڭ ۋاتلىق چىراغ يىقىپ، مەخمەلنىڭ ئۇستىدە ياتقۇزۇپ قويساقمۇ ، پاخالدا ئۆتۇك تىكىپ،پۇھلىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان قەغەز يولۋاس بولۇپ قالدى .
 6. بۇرۇن ئاتا-ئانىلىمىز بىزنى تاياق بىلەن باشقۇراتتى . ئەمما ھازىر بولسا باللىرىمىز بىزنى دۆشكەللەپ، قوقاق بىلەن باشقۇرىدىغان ، بىزمۇ باللىرىمىزنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان بولدۇق .
7. بۇرۇن ھاراق ئىچكەننى ھىچكىم ئارىغا ئالمايتتى . ئەمما ھازىر بولسا ھاراقسىز شاراپسىز يۇرگەننى ھىچكىم تىلغا ئالمايدىغان . زەبوي ھاراقكەشنى تۆرىگە چىقىرىدىغان بولدى .
8. بۇرۇن كۇندىلىك خاتىرە شەخىسنىڭ مەخپىيەتلىكى ھىساپلىنىپ، يۇشۇرۇن تۇتىلاتتى ، ئەمما ھازىر بولسا تور بىكەت مەتپۇئەتلەردە ئىلان قىلىش ئۇچۇن يىزىلىدىغان بولدى .
 9. بۇرۇن ئىمام موللىلار، ھەقنى ھەقسىز سۆزلەيتتى . ئەمما ھازىر بولسا ھەقنى پۇلغا سۆزلەيدىغان بولدى .
10.بۇرۇن نامازنى كىشىلەر ئاللاھتىن قورقۇپ ئوقۇيتتى ، ئەمما ھازىر بولسا ئەتراپىدىكىلەرگە كۆرسىتىش ئۇچۇن ئوقۇيدىغان بولدى .
11.بۇرۇن توي-تۆكۇنلەرگە بارغانلار ئىختىيارى ھەدىيەسىنى بىرەتتى ، ئەمما ھازىر بولسا ، نەخ پۇل كۆتۇرۇپ كىرمىسە ، بوسۇغىدىن ئاتلاتقۇزمايدىغان بولدى .
 12. بۇرۇن يىگىتلىرىمىز يىلىڭ كىيىنىپ يۇرەتتى ، ئەمما ھازىر يىگتىلىرىمىزنىڭ كىيىنىشلىرى قىلىنلىشىپ، قىزلىرىمىزنىڭ كىيىنىشلىرى نىپىزلىشىپ كەتتى ، ياز كۇنى تالاغا چىققاندا ، كۆزىمزىگە ماسكا تاقىۋالمىساق ،  نۇمۇستن قىزىرىپ نەچچە كۇن  تالاغا چىقالمايدىغان بولدۇق .
  13.بۇرۇن قىزلىرىمىز شۇنداق ئۇز-نازاكەتلىك ئىدى . ئۇلار بۇ رۇخسارىغا تەبىئى ئىرىشەتتى ، ئەمما ھازىر بولسا يۇزىگە 80 قات ئەبجەش ماي سۇركەپ، قاشلىرىنى قىڭراق بىلەن قىرىپ، قاپاقلىرىنى پالتا بىلەن كەسكەندىن كىيىنمۇ بولدى قىلماي ، خۇدا ياراتقان بىرجۇپ لەۋلىرىنى ئويما چىقىرىپ، كەكە بىلەن چانايدىغان بولدى .
 14. بۇرۇن ھالال قانۇنلۇق ئەر-خۇتۇن ئارسىدا ، "ئاشنا"دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى ، ئەمما ھازىر بولسا "ئاشنا"سۆزى كەڭ ئومۇملىشىپ، ھىچ بىر ئىتىبارى قالمايدىغان . تىخى بۇنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان بولدى...
  15.بۇرۇن تىلۋىزۇر ئىكرانلىرىدا سۇيۇشكەن قوچاغلاشقان ھالەتلەر زاھىر بولسا ، ئولتۇرۇپ كۆرىۋاتقانلار باشقا ياققا قارىۋالاتتى ، ئەمما ھازىر بولسا قۇچىقىمىزدىكى بالىدىن تارتىپ، 80ياشلىق ماك-ماك مومايغىچە تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان بولدۇق .
  16. بۇرۇن ئەقىدە-ئىتىقاد ھەممىنىڭ ئەۋزىلى ، ھەم گۆھىرى ئىدى ، ئەمما ھازىر بولسا پۇل ھەممىنىڭ كۆزى ھەممىنىڭ بىشى بولۇپ قالدى .
  17. بۇرۇن بوۋىلىرىمىزنى ھەر جۇمە كۇنى ياد ئىتەتتۇق ۋە قەبرىسىنى يوقلايتتۇق ، ئەمما ھازىر بولسا ھەركۇنى چەتئەلنىڭ چولپانلىرىنى سىغىنىپ، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ سۇيىدە ئاقىدىغان ، بىرەر يات چولپان ئالەمدىن كىتىپ قالسا ، ئارقىسىدىن يۇگۇرۇپ تەڭ كەتكۇسى كىلىدىغان بولۇپ قالدى.
 18 بۇرۇن باللىرىمىزدىن داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ ئەدىپ شائىر ، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرنى  سورىساق قالدۇرماي بىلەتتى ، ئەمما ھازىر بولسا باللىرىمىزدىن "شارۇلخان كىم "دىسە تۇمۇچۇقتەك يادىلاپ بىرىدىغان ، بوۋاڭنىڭ بوۋىسى كىمۇ دىسە ، تىلىنى چايناپ تۇرىدىغان بولدى .
    كۆرگەنسىلەر ، كۆرەلمىگەنلەر ئالدىڭلارغا لوپا ئەينەك قاداپ، زەن سىلىپ ئوقۇڭلار. شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى : قەلبىمىزدىكى كىرنى سوپۇن بىلەن ئەمەس ، ئەقىدە-ئىتقاد ، ئادالەت ۋە سائادەت پاراشوكى بىلەن يۇيۇپ چىقارغىلى بولىدۇ .بۇنى باشقىلارغا دىمىدى دەمسىلەر ، ھىلىغۇ كالپۇمنىڭ تىرىسنى خۇدايىم خىلى پىششىق يارىتىپتىكەن ، ھىچنىمە بولمىدى ،ئەمما تولا قايناۋىرىپ، بىشىم كىرئالغۇنىڭ قۇرۇتۇش ئۆيىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى .تىخى مىنى مەتۇ ، تومپاي دەيدىكەن . بوپتۇ نىمە دىسە دەۋەرسۇن . مىنى شۇنداق دىگەنلەر ھامان بىركۇنى  دىگىنىگە تىرلىيۇن قىتىم پۇشايمان قىلىدۇ، ئادالەت بىلەن زەلالەت ، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش چوقۇم مۇقەررەلىككە ئىگە . ھەق ئىگىلەر _سۇنماس...!
مەنبە-بىلىمدان بىلوگى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 449
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە449دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2012-03-30

ئالامەت    پەيزى..........................................مۇشۇنداق  تېمىلارنى  كۆرسە  كىشى...ئورۇنسىز  مۇنازىرىلەرنى  قويۇپ ...
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1609
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
ئۆسۈش: 19850 %
مۇنبەر پۇلى: 26458 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-01-17
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-15 10:01

بەك ياخشى تېمىنى يوللاپسىز ،رەھمەت قېرىندىشىم.     
ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6350
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 606
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە606دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-03
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-15 11:33

تىما بالىسى بولا مۇشۇنداق بولا....................
                        قىرىنداشلا  ئقۇغان يىرىمىزدىلا قالمىسا.............
ياخشىكەن دەپ قويۇشبىلەنلا ئىش تۇگمىسە..........