شەيتان لۇغەت 3
1. ئېشىپ كېتىش
باشقا ئادەمدىن ئېشىپ كېتىش - بىر دۈشمىنىنىڭ كۆپەيگەنلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ .
2. ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى
تەۋەككۇل قىلىش نېيتى ھەددىدىن زىيادە ، ئەمما تەمكىنلىكى يىتەرلىك بولمىغان ئادەم .
3. ئېغىز
ئائىلە كىرىمىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى
چىش دوختۇرىنىڭ شاپائەتچىسى
ۋاتىلداق خوتۇنلارنىڭ نىكادىن ئاجرىشىشىدىكى سەۋەپ
ئۇرۇش قىلماي غەلبە قىلەش قۇرالى
4. ئېغىزچە تەرجىمان
بۇ ئاغزىنى ماشىنكا قىلىپ ھەق ئالىدىغان ئەرباپ
5. ئېلان
ئاخپارات ۋاستىلىرى بىلەن ھازىرقى زامان سودىسىنىڭ ھارامزادىسى.
راسىت بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش سەنئىتى
6. ئىتتىپاقداشلىق
خەلقئارا بۇلاڭچىلىق ھەركىتى جەريانىدىكى ئوغرىلارنىڭ ھەمكارلىقى .
7. ئىرقچىلىق سىياسىتى
بۇ مىنىڭ نەرسەم مىنىڭكى ، سىنىڭ نەرسەڭمۇ مىنىڭكى ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ .
8. ئىسپات
كاستىيۇمغا يۇقۇپ قالغان لەۋ سۇرۇق
قان تىپى توغرا كەلمىگەن بالا .
9. ئىستىراخوۋانىيە
نەقلەشمەيدىغان كاپالەت
تەلەيگە بېقىپ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر خىل زامانىۋى پۇرسەت ئويۇنى
10. ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش
بىر سائەتتە تۈگەيدىغان ئىشنى ئۈچ سائەتتە ئىشلەش
ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغاندا يەنە توي قىلىش .
مەنبە - ‹‹ شەيتان لۇغەت ›› دېگەن كىتاپتىن .