باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1037 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئالى مەكتەپ ھاياتىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6448
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2011-04-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 07:41

ئالى مەكتەپ ھاياتىم

 ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى زادى نېمە؟ بەلكىم بىز بۇنىڭ تىگىگە يەتكەندە ئاللىقاچان بىر ياشلارغا بېرىپ قالغان بولىمىز. يۈزلىرىمىزدە قورۇق، چېھرىمىزدە يىللار قالدۇرغان تەمكىنلىك جىلۋىسى ئەكىس ئەتكەن ئەنە ئاشۇ بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن چاغلىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز.
    كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلىشىپ، ئايلا ر ئايلارنى قوغلىشىپ ، يىللار يىللارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ، مەنمۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم بېسىپتىمەن. ئەتراپىمغا نەزەر سالسام مەن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا تامامەن توشۇپتىمەن. لېكىن مەندىكى بۇ چەكلىك ئىقتىدار ئاتا-ئانامنىڭ جاپالىرى بىلەن مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يول ئالدى.
.....                                         ...........                              ..............                           ...........
      ئالي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ بىلىم يۇرتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، قەلبىمىنى قانداقتۇر ھاياجانلىق ھېس تۇيغۇلار قاپلىغان شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ، مەن ئۆزۈمنىڭ مەسئولىيەت تۇيغۇمنىڭ بارا- بارا ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشكە باشلىدىم. شۇنداق ئالىي مەكتەپكە كېلىپ، دەرىسكە ۋاقتىدا قاتنىشىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇم ، جەمىيەت بىلەن، كىشىلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشىم كېرەك ئىدى. مەن بەل باغلىدىم . مانا بۇ يېڭى بىر ئوقۇش مۇھىتىدا خاتىرەمدا قانداق ئۆتمۈشلەر قالىدىغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى، بۇنى پەقەت ۋاقىتلا ماڭا ئېيتىپ بېرىشكە قادىر...
                                                       ................................................
      مەكتەپكە كېلىپ تىزىملىنىپ ، ئەتىسىلا  جاپالىق ھەربى مەشىق بىزنى كۈتىۋالدى. ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۆزۈمنى خېلى چىداملىق ھېسابلايتتىم. بىراق مەن تولىمۇ ئاجىز كەلدىم. بولۇپمۇ  ئاپتاپقا قاقلىنىپ، جۈنزىدە تۇرۇش مېنى ئوبدانلا قىينىدى. نېمە دېگەن جاپالىق، مەن ھەربىيلەرنى ئىچىمدە مىڭنى تىللايتىم. بۇ ئازاپلىق مەشىقنىڭ تېزرراق ئاخىرلىشىشىنى تىلەيتىم. مانا مەن چىدىيالماي ھالسىزلىنىپ يىقىلدىم . ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىمدىن شۇنچىلىك ئەپسۇسلاندىم. ئامال قانچە ؟ ئىممۇنت كۈچۈم شۇنداق تۇرسا. ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى، مەلۇم بىر كۈنى يېڭى بىر ھەربى بىزنى مەشىق قىلدۇرۇپ ، مەن بەرگەن كوماندسىنى ئاڭلىمىغىنىمغا ، يالغۇز جۈنزىدە تۇرغۇزۇپ قويدى. بەك ھار كەلگەپكىمۇ چىداپ، مىدىر-سىدىر قىلماي يىرىم سائەتچە تۇرۇپتىمەن. ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. بەزىدە ئادەمنىڭ ئىرادىسى كارامىتىنى كۆرسىتىدىكەن ئەمەسمۇ؟ مانا شۇنداق قىلىپ ئەپلەپ- سەپلەپ ھەربى مەشىقنىمۇ تۈگىتىۋالدۇق. ئويلاپ باقسام ، بۇ ھەربى مەشىقنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كۆڭۈللۈك يەرلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ جەرياندىمۇ كەسىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن ئازراق بولسىمۇ تونۇشۇۋالدۇق.
                                                           ......           ........              .........
      مانا ھەربى مەشق بىلەن خوشلىشپلا ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق. سىنىپقا تۇنجى قېتىم كىرگەندە نۇرغۇن ناتۇنۇش چىرايلار بىر- بىرىگە كۈلۈمسىرىشەتتى. ئەمدى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغانىدۇق. سىنىپ مەسئولىمىز خەنزۇ بولۇپ بىزگە خەنزۇچە ئوقۇشلۇق دەرىسى بېرەتتى. يېشى كىچىك بولغاچقىمۇ بىز بىلەن ئوبدان چىقىشىپ، پىكىرلىشەلەيتتى. سىنىپتا ھەيئەتلەر سايلاندى . ھەممىسى ئۆزى كۆرسەتتى. مەن باشقىنىمۇ تالاشماي، سەنئەت ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. پارتىدىشىم بولغان كورلىلىق قىز ئۈگىنىش ھەيئىتى بولدى. .. بىزنىڭمۇ ئوقۇشىمىز ئۆز ئىزىغا چۈشۈۋالدى.
                                                         ......................
        ياتاق كۆچۈش مەسىلىسى بىشىمىزنى بەك قاتۇردى. مېنىڭ ياتاقدىشىمنىڭ ئىككىسى قازاق ئىدى. مەن بىرسىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتىم. چۈنكى ھەربى مەشىق مەزگىلىدە تولا خەنزۇچە سۆزلەپ ئىچىمنى تولىمۇ سىقىۋەتكەنىدى. نەچچە كۈنگىچە شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم. مانا ياتاقنىمۇ ئامان - ئېسەن كۆچىۋالدۇق.ياتاقداشلىرىم بۈگۈردىن، خوتەن لوپتىن، سانجى قوتبىدىن، ئالتايدىن، بۆرتالا جىڭدىن كەلگەنلەر ئىدى. بىز ھەر يەر ، ھەر ئۆيلەردىن كەلگەنلەر تېز ئۆتمەيلا چىقىشىپ كەتتۇق. مەن قازاقچە ئۇقىدىغانلىقىم ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتلاردا ياتاقتا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرەتتىم. كېيىنچە ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن پاراڭلىشالايدىغان بولۇپ كەتتى.  ئادەم نىمىگە كۆنمىگەن -ھە! بىزمۇ بۇ مەكتەپ تۇرمۇشىغا، ياتاق تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدۇق. ئىلگىرى مۇستەقىل قىلالمايدىغان ئىشلارنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدۇق.  ھەرھالدا ئالى مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەركىنلىكى بىزنى سۆيۈندۈردى...
                                                          .............................
        ئۇنى بۇنى قىلىپ دېگەندەك بىرىنجى مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى تاماملىۋالدۇق. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بولساق ، مەكتەپنى ياتاقنى سېغىندۇق، ئاچا- سىڭىلدەك بولۇپ قالغان ساۋاقداشلىرىمىزنى سېغىندۇق. مانا تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ ، مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدۇق. ئوقۇشلارغىمۇ چۈشىۋالدۇق. ئالدىنقى مەۋسۈمگە قارىغاندا بۇ مەۋسۈم ۋەزىپىمىز ئېغىر ئىدى، كەسىپكە چىقىش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇ تىلىدىن سەككىزىنجى دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتۈشىمىز شۇنداقلا ھەرقايسى پەن نەتىجىمىز لاياقەتلىك بولىشى كېرەك ئىدى. ئىلگىرى خەنزۇتىلدا ياخشى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم. سىنىپتىكى مەن بىلەن ئۈچ -تۆت بالا مەكتەپنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىدۇق. ھەركۈنى كەچلىك تەكرارغا چىقماي ، ئۇسسۇل مەشق قىلاتتۇق. ئەسلىسەم ئاساسەن كەچلىك تەكرارغا چىقىپ باقماپتىمەن. مەكتەپنىڭ سەھنىلىرىدە ئۇسسۇل ئويناپ تۈزۈك دەرىسلەرگىمۇ قارىيالماپتىمەن. كىيىن چىققان نەتىجەم دەل بۇنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەنە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىنىڭ ئاتلىتكا مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ ، نەچچە تۈردە نەتىجە قازىنىپ ، تەغدىرنامىلەرنى ئاپتىمەن.  لېكىن دەرىجە ئىمتىھانىدا ئەكىسچە 7 دەرىجە بولۇپ قاپتىمەن. كۆڭلۈم شۇنچىلىك يىرىم بولسىمۇ ، يەنىلا ئۆزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم. پۇرسەت دېگەن جىق، كېلەر قېتىم ياخشى بېرىشكە بەل باغلىدىم. ھەرھالدا دەرسلىك نەتىجىلىرىم ياخشى چىقىپتۇ. ھەي ئويلاپ باقسام ، بۇ ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىلىنى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتىمەن. لېكىن ئۆز-ئۆزۈمدىن رازى بولغىدەك ھېچ ئىش قىلماپتىمەن. دوستلۇقتىن كۆڭلۈم بەكمۇ ئازار يەپتۇ، خېلى ئىشلارنى بېشىمنى كەچۈرۈپتىمەن. تەجىربە-ساۋاقلارغا ئىگە بوپتىمەن. ئالى مەكتەپ ئاجايىپ بىر دۇنيا ئىكەن، ئادەن نۇرغۇن نەرسىنى كۆرۈشكە نىسىپ بولىدىكەن، بەزىدە ئادەمنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا ئادەمنىڭ ھېچبىر ئىشەنگۈسى كەلمەي قالدىكەن. تىگىگە يېتىشكە بولسا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. ....
     بىر ياتاقدىشىم مەندىن ئىككى ياش كىچىك ئىدى،  كەسپىمىزمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى، قارىماققا خېلى شوخ ئىدى، كۆڭلىغۇ تۈز ئىدى. لېكىن ئەسلسەم تەييارلىق ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى. ئۇ مۇھەببەت تېپىۋالغان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن خېلى ۋاقىتلارغىچە ئالاقىلىشىپ ، كېيىن ئايرىلىپ كېتىپ ، ئۇزاق ئۆيمەيلا يېڭى بىر مۇھەببەت تاپتى. قىزغىن مۇھەببەت ئۇنى مەستخۇش قىلغانىدى. بارا-بارا ياتاققا كىرمەيدىغان ئادەتنى يىتىلدۈردى. مەن ياتاق باشلىقى بولغاچقىمۇ ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم تەنبىھ بېرىپ، ئازارلىشىپمۇ قېلىشتۇق، لېكىن مەندىن كىچىك ئەمەسمۇ ؟ ئەپۇچان بولدۇم، ھەي  شەيتان ۋەسۋەسىگە سالسا ئادەم بىركۈن بولماي بىر كۈن ئازىدۇ . مانا ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قەدىمىنى خاتا بىېىپ قويغانىدى. ئاپىىسى ئۇنى ئىزدەپ تىلفۇن قىلغاندا بىز يالغان گەپ قىلىشتىن باشقا چارە تاپالمايتتۇق. ئاخىر ئىچىمگە پاتماي ئاتا- ئانسىنى ئالداشقا كۆڭلۈم تارتمىدى. ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتشقا مەجبۇر بولدۇم. ئانا قىزىنىڭ ئوتىدا پۇچىلاندى. مەنمۇ شۇنچىلىك ئازابلاندىم . بىر ئانا بولغۇچى قىزىنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ قالغىنىنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى بىر ئازاپ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئاپىسى خىجىل بولدىمۇ تىلفۇن قىلمىدى. ھەي ھېسياتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان قانچىلىك ياشلىرىمىز ئاتا- ئانىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ئېچىنىش ياشلىرىنى ئاققۇزىۋاتقاندۇ؟! ياشلىرىمىزغا ئىنساپ، ھايا، ئىمان تىلەيمەن، پاجىئەلەر بىزدىن يىراق- يىراقلارغا كەتسۇن.....  
 بىزمۇ خېلى ئىشلارنى بىلگۈدەك بولۇپ قالدۇق، مانا بىز ئۇنىڭ  قورسقىدا قالغانلىقىنى بايقاپ قالدۇق، توۋۋا تولىمۇ شوخ دوستىمىز ئىدى ئۇ، شۇندىن باشلاپ ئۇ بىزدىن ئۆزىنى تارتتى ، لېكىن بىز ئەلۋەتتە ئۇنى چەتكە قاقساق بولمايتتى، بۇنداق كېتىۋەرسە ئەلۋەتتە بولمايدۇدە ، قورساقتىكى بالىمۇ يوغىناشقا باشلىغان ئىدى. ئاچچىق نەرسىلەرگە سېزىك بولغىنىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى، ھەي بىچارە دوستۇم، سەن بىزدىن يۇشۇرۇشقا شۇنچە تىرشساڭمۇ بىز ھامىنى بىلىپ بولدۇق، بىزنىڭ ساڭا ھېسداشلىق قىلىشىتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيتتى ، يا بولمىسا بالاڭنى ئالدۇرۇۋەت، چوڭىيىپ كەتسە ئۆزۈڭ قىينىلىپ قالمىغىن دېيىشكە تىلىمىز كۆيەتتى، بىزمۇ بۇ ئىشنى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەچكىمۇ نىمە قىلارىمىزنى بىلەي قالدۇق. شۇ چاغلاردا مېنىڭ كىملىك كېنىشكام يۈتۈپ كېتىپ تاپالماي يۈرەتتىم. مەن ئامالسىز قايتا بىجىرىشنى ئويلاشتىم. شۇ كۈنلەردە ئۇ ماڭا :< ئاداش، ماڭا بىر يەرگە بېرىشىپ بەرسەڭ؟> دېدى، مەن پەرەز قىلىپ بولدۇم . ئۇ مېنى دوختۇرخانىغا بېرىشىپ بەر دېگەنىدى. مەن گەپ قىلماي قوشۇلدۇم ھەم ئارتۇق پۇلۇمنى ئېلىۋالدىم.
بىز ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسغا كەلدۇق، كەلگۈچە بىر ئېغىزمۇ پاراڭ سېلىشمىدۇق. جىمجىت كارىدۇردا دوختۇرنىڭ ئىشخانىسغا كىردۇق، دوختۇر يېشىنى سورىغاندىن كېيىن، بىچاۋدا تەكشۈرتۈپ ، قورساقتىكى بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ. ئاندىن دىئاگنۇز قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بېرىپ پۇلنى تۆلەپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، مەن بىر ھازادىن كېيىن كىردىم، كومپىيوتىر ئىكرانىدا بالىغا ئازراق ئوخشايدىغان رەسىمنى كۆردۈم . تولىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ تېزلىكتە تەكشۈرۈش ئۆيىدىن چىقىپ كارىدۇردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاچچىق خىياللارغا غەرق بولدۇم، قەلبىم سۆزلەيتتى:< جىنىم دوستۇم، ئەگەر سەن توي قىلىپ ، مۇشۇ بالىغا قورساق كۆتۈرگەن بولساڭ، ئۇ چاغدا ھەممە ئادەم  ساڭا ھەۋەس قىلغان ، سېنى ئاسرىغان، ئانا بولغۇچى دەپ ھەممە كىشى ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىغان بولاتتى-ھە! ئۇ چاغدا بىزمۇ سېنى قانچە ئەكىلىتەر ئىدۇق، ساڭا تىلەكلەر تىلەيتتۇق-ھە! بىراق  ، سەن ھەم مەن بىر ئوقۇغۇچى، نىكاھ تۇرمۇشىغا رەسىمى قەدەم باسمىغان غۇنچىلار ئەمەسمىدۇق،  بىزدىن ئايرىلىپ، ئېچىلىشقا نېىمىشقىمۇ شۇنچە ئالدىراپ كەتكەن بولغىيتىڭ، ھەي ئامال قانچە ، بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى، قانچە سۆزلىسەكمۇ بىكار ئەمدى، >
    تەكشۈرۈش ئۆيىدىن شۇنچە ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىقتىڭ، مەنمۇ ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ، <ئاداش، قىزمىدۇ، ئوغۇلمىدۇ، ئەگەر توي قىلىپ قالغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟> شۇ گەپنى دېگىنىمنى بىلىمەن، ئۇ شۇنچە ئازاپلىق نالا قىلىپ يىغلاپ تاشلىدى. مەنمۇ نېمە قىلارىمنى بىلمەي كەچۈرۈم سورىدىم. ....
دوختۇر ئۇنىڭ مۇشۇ ھەپتىگىچە كېلىپ ئوپراتسىيە قىلىپ ، بالىنى ئالدۇرىۋىتىشىنى، ئەگەر كېچىكىپ كەتسە، بالا چوڭىيىپ كېتىپ، چىقىمنىڭمۇ جىق كېتىدىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭمۇ قىينىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ماقۇل دېگىنىمىزچە دوختۇرخانىدىن ئېغىر قەدەملىرىمىزنى سۆرەپ چىقتۇق. شۇتاپ ئۇنىڭغا قاراپ   شۇنچىلىك ئىچىم سېرىلدى. قىز بالا نېمە دېگەن ئاجىز -ھە ! ئاتا- ئانسى بىلسە قانچىلىك پۇچۇلىنار-ھە!
مەن دۇكاندىن ئۇنىڭغا ئاچچىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەردىم. ئۇ تېخمۇ يىغلاپ كەتتى. ھەي تۇرمۇش ئادەمگە ھەر نىمىنى كۆرسىتىدىكەن، ئاللاھ ھەربىر بەندىسگە ئىنساپ بەرسۇن، مۈشكۈلاتلاردىن يىراق قىلسۇن.،.
                                .............                    ......................                          ..................
     ئوقۇشىمىز ئوخشاشلا داۋاملاشماقتا ئىدى. ئۇ بولسا يا بالىنى تېزرەك چۈشۈرمەيتتى، كېيىن بىلسەك، بالىنى چۈشۈرگەنگە پۇل تاپالمىغانىكەن، بىزمۇ ئوقۇغۇچى تۇرساق، بىزدە نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن. بىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان تەغدىردىمۇ ئاللاھ جان بەرگەن بالىنى چۈشۈرگىن دەپ پۇل بېرەلمىدۇق، ئەلۋەتتە ئىشىنى كىم قىلغان بولسا ، قائىدە بويىچە شۇ مەسئول بولىشى كېرەك، بىز ئۇنىڭ يىگىتىگە بىسىم ئىشلىتىشىنى ئېيتتۇق.ئۇ ماقۇل ماقۇل دەيتتى- يۇ قالغان دەردىنى ئىچىدە بىلىشكە مەجبۇر بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ، بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇشىمىز ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ھەممىمىز ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراشچىلىققا چۆمۈپ كەتتۇق. شۇ ئارىدا خەنزۇچە دەرىجە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن سالاھىيەت كېنىشكام لازىم بولۇپ قالدى،مەن شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ، مۇئەللىمدىن رۇخسەت سوراپ ياتاققا كىردىم، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ ئۆڭسۆلى يوق كىرىپ كەلدى، ھەم ئالدىراش:< ئاداش، شىڭفىڭجىنىڭ تېپىلدى، ماڭا رەھمەت ئېيت ، مەن قايتۇرۇپ    كىردىم > دېمەسمۇ ؟ ئاچچىغىم شۇنداق كەلدى ، ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىملىك كېنىشكامغۇ پەيدا بوپتۇ، لېكىن قانداق بولۇپ ئەمدى پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ توۋۋا دەيمەندە، بىز ئۇنى قەيەردىن تېپىپ كەلگەنلىكىنى سورىساق گەپلىرى قولاشماي قالدى. دوستۇم ئىككىمىز ئىشنىڭ بۇنچىلىك ئاددى ئەمەسلىكىن ھېس قىلىپ، كىملىكنى قەيەردىن تېپىپ كىرگەن بولسا، شۇ يەرگە ئاپىرىشنى ئېتتى . ھەي بۇ ئادەملەرگە نېمە دەي ئەمدى، زادى كىمگە ئىشەنگۈلۈك بۇ جاھاندا . ئۇ بىزنى مەكتەپ ئالدىدىكى بىر دۇكانغا باشلاپ كىرگەن بولسىمۇ ، يالغانچىلىقى مانا مەن دەپ ئاشكارىلاندى.  ئۇنتۇپ قالمايلى < ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلىمىڭ ئاشكارە>، دېگەندەك ئۇ مېنىڭ كىملىك كېنىشكامدىن پايدىلانغان ئىكەن. تولىمۇ ئېچىندىم. تېخى قايسى كۈنى ئۇنىڭغا شۇنچە ھېسداشلىق قىلىپ كېتىپتىمەن، ئەسلىدە شۇ كۇنكى قىلغانلىرىم ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن بولسا كېرەك ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چىقمىغان كېنىشكا ئەمدى چىقىپ قالدى دېسە؟ جاھاننىڭ بەزى ئىشلىرىغا توۋا دېمىسە بىكاركەن.  ئېغىر تىنىقلار بىلەن ياتاققا قايتىپ كىردۇق. ئەپسۇس ئۇنىڭ چىرايىدىن خىجىللىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.....
                                   ...........                    ...........                          ........
       ئىمتىھانلارنى بېرىپ تەتىلگىمۇ چىقتۇق، ھەممىمىز ئۆينى سېغىنغاچقىمۇ ئالدىراپ قايتىشتۇق، ئۆيگە بارغاندىن كېيىن يەنە مەكتەپنى سېغىنىشتۇق. بەزىدە ئۆيدە ئولتۇرۇپ ، ئۇ ئېسىمگە كېلىپ قالسا ، كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ قالاتتى، قانداق قىلغاندۇ، بالىنى چۈشۈرگەنمىدۇ؟ ئۆيدىكىلىرى بىلىپ قالمىغاندۇ ؟ دېگەندەك خىياللارنى قىلىپ قالاتتىم.
      يازلىق تەتىل تولىمۇ گۈزەل پەسىل، مەن ئاساسەن ئاپامغا ياردەملىشىپ دۇكان ئېچىپتىمەن. شۇ ئالدىراشچىلىقلار ئىچىدە تەتىلنىڭ قانداق توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قاپتىمەن مانا ئىلگىركىگە ئوخشاشلا يۈك-تاقىلارنى سۆرەپ، مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم. مەكتەپكىمۇ كەلدىم، يېڭى بىر ئوقۇش مەۋسۈمى ھەممىمىزنى ئاۋۋالقىدەكلا كۈتىۋالدى... يەنە شۇ ئوقۇش قاينىمىغا كىرىپ كەتتۇق...
                              ................                       ...............                     ..............
   


داۋامى بار.........
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-25
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 15:01

كەلگىنىڭدە ئالىي مەكتەپكە،
بىلەلمىسەڭ قەدرىن ناۋادا.
كەچمىشىڭدىن بىر دەستە ھەسرەت،
دىپلوم قىلىپ تۇتقۇزار ساڭا...
                      يازمىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەدەبىي تۈسكە كۆپرەك كۈچىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general