
ھاشىمى رافسانجانى مەرتىۋىسىدىن ئايرىلىپ قالدى
ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە: «سابىق زۇڭتۇڭ ھاشىمى رافسانجانى 2011-يىلى 8-مارت ئىران مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. رافسانجانىنىڭ ئورنىغا سابىق زۇڭلى، مۇتەئەسسىپ كارنى بۇ ئاپپاراتنىڭ يېڭى رەئىسى بولدى. رافسانجانىنىڭ تېھران مېترو تىجارىتىنى ئىلكىگە ئېلىۋالغان ئوغلىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى» دېيىلدى.
چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: «رافسانجانىنىڭ قىزى يېقىندا ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى» دېدى.
چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق تەھلىل قىلدى: بۇ، رافسانجانىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، ئىراندىكى مۇتەئەسسىپلەر بىلەن بولغان كۈرىشىنىڭ «نەتىجىسى». بۇ يەنە ئىران ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى بىلەن مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلەشكەنلىكىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابىيدىن بۇيان، رافسانجانى ئىزچىل ھوقۇق تۇتۇپ كەلگەن، بۇ سابىق زۇڭتۇڭ ئىران مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن باشقا، دۆلەت مەنپەئەتىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلگەن.
ئىران مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى ئالىي داھىينى سايلايدىغان، نازارەت قىلىدىغان ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، 1982-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان. ھازىر بۇ ئورگاندا 86 خادىم بار. 1989-يىلى 6-ئايدا ھۈمەينى قازا قىلغاندىن كېيىن، خامانەيى ئىراننىڭ ئالىي داھىيلىقىغا سايلانغان. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى سايلىمى ھەر سەككىز يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنى سايلىغۇچىلار ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى بويىچە دىنىي ھۆكۈمالار ئارىسىدىن سايلاپ چىقىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى سەككىز يىل بولىدۇ. ھەر يىلى يىللىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، داھىينىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ، داھىي ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ياكى داھىيلىق زۆرۈر شەرتىنى ئادا قىلالمىغاندا، داھىينى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايدۇ.
رافسانجانى 2009-يىلى ئىككىنچى قېتىم مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولدى.
بىراق ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 2011-يىلى 8-مارتتىكى خەۋرىدە: «رافسانجانىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ئۇنىڭ 2009-يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭ نىجادقا ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنىدا ئۆكتىچىلەرنى قوللىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېيىلدى.
مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ قارىشىچە، رافسانجانىنىڭ ئىران مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ئورنىدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇشى نىجاد ۋە مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىغا پايدىسىز ئىكەن.
«گېرمانىيە ساداسى»نىڭ 2011-يىلى 8-مارتتىكى خەۋىرىدە: «رافسانجانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ئالىي داھىي خامانەيىنىڭ نوپۇزىغىمۇ تەسىر يەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېيىلدى.
ئالىي داھىي بولغان كىشى پارتىيە-گۇرۇھتىن مۇستەسنا بولۇپ، ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماسلىقى كېرەك بولسىمۇ، بىراق خامانەيى بۇنىڭ ئەكسىچە سىياسىي ئىشلارغا بىۋاسىتە ئارىلىشىپ، نىجادنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى» تور پونكىتىنىڭ 2011-يىلى 8-مارتتىكى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: «رافسانجانىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئىراندا سىياسىي كۈرەشنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، بىراق رافسانجانى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا يەنىلا پۇرسەت بار.»
باش ئىشتابى دۇبەيدىكى ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسسى تور پونكىتىنىڭ 2011-يىلى 8-مارتتىكى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: رافسانجانىنىڭ چەتكە قېقىلىشى ئىران ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى بىلەن مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ «كۈچ سىنىشىشى»نىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىدىن، ئىككى گۇرۇھ كۈرىشىنىڭ مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھى مەنپەئەتىگە مايىللىشىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«ئەرەبلەر لىنىيەسى» تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىدە: «نىجادنىڭ ئەندىشىسى تۈگىدى، ئۇ ئەمدى ئىران ئالىي ھوقۇق قاتلىمىدا ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئەركىن ئىشقا سالالايدۇ، ئىران يادرو قورالى مەسىلىسى، ئىراننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ» دېيىلدى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
يەر شارى ۋاقىت گېزىتى