... ئارمىنىم شۇدۇر مىنىڭ ...
1
يۇرىسا بۇ كەڭ جاھان ، زۇلمەت كىچىنى يۇرۇتۇپ ،
ئۇل نادانلار كەتسىلا تەڭ ، بۇ زىمىندىن سورۇلۇپ .
يۇقالغاي دەشتى باياۋان ، تىزىلغاي گۈل دەستىلەر ،
كەتمىگەي شۇندىلا بۇ « ئىز » ، زامانلاردىن يۇقۇلۇپ .
2
چېىقىمچى نا ئەھلىلەر ، يۈتسە كۆزدىن نە يىراق ،
ۋەدىگە يۇ ۋاپاسىز ، تۇرمىغاي ئۇندىن بىراق .
گۈللىگەي جىسمى – ھاياتلىق ، كائىناتتا نۇرلۇنۇپ ،
تۈن ساباسى كىچىدە ، يول ئېچىپ بولغاي چىراغ .
3
خۇش – پۇراقلار چاچسا گەر ، ھىدنى جاھاندا پۇرۇتۇپ ،
مىھرىبانلار مېھرى بىلەن ، دىلغا زەر شادلىق قۇچۇپ .
ئۆم ئىناقلىق ، ۋاپادارلىق ... گۈللىرىنى ئاچسا گەر ،
بۇ يۈرەكلەر ياشارغايمۇ ، كۈل مۆجىزاد كۈرۈلۈپ .
4
سەمىمىيەت دىل رىشمىز ، بولسا گەر ئاچقاي چىچەك ،
نىيەت – مەخسەت بىرلا بولسا ، يۇقالغاي بۇ سۆز چۆچەك .
ئارمىنىم شۇدۇر مىنىڭكى ، ھەق – ئادالەت يولىدۇر ،
ئەلگە سادىق بۇ كۈڭۈللەر ، قۇشۇلغاي ئوتلۇق تىلەك ...
ئەھمىدى « شەيدائىي »
يازمام