باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 699 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاللاھىم ئۆزۈڭگە باش ئەگكەن بەندە (شئېر)
ئەركەتۈرۈك
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2013
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 556
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە556دانە
ئۆسۈش: 6390 %
مۇنبەر پۇلى: 10943 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-17
ئاخىرقى: 2012-02-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 19:17

ئاللاھىم ئۆزۈڭگە باش ئەگكەن بەندە (شئېر)



ئاللاھىم ئۆزۈڭگە باش ئەگكەن بەندە (شئېر)


ئاللاھىم ئۆزۈڭگە باش ئەگكەن بەندە،
باشقىلار نەزرىدە ئەڭ كۈچلۈك ئادەم.
ئاللاھىم ئىسلامدا ئۇلغايغان تەندە،
كىبرۇ-رىيا بولماس زەررە بولسا ھەم.



ئاللاھىم سەن ئۈچۈن بېشىنى ئەگمىگەن،
ھەر كىم قارشىسىدا ياتقىنىنى كۆردۇق.
ئاللاھىم لەپزىدىكىنى راھەت دېگەن،
ئاقىۋەت ئەلەملەر تارتقىنىنى كۆردۇق.



ئاللاھىم قۇرئانغا بويسۇنغان ئىنسان،
ئەزىزۇ مۇكەررەم ياشىدى ئۆلدى.
ئاللاھىم ئەڭ ئاخىرقى نەپەس بەرگەندە،
تۇغۇلغاندىكى ساپ پىترەت ئۇنىڭغا يار بولدى.



ئاللاھىم كەلمىڭنى بىلمىگەن بەندە،
ئاددى سىناقلاردا يولىدىن قاتمىش.
ئاللاھىم ئۇنىڭغا ھەم ئۆلۈم كەلگەندە،
ئاتىسىنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمىنى ئېيىتمىش.



ئاللاھىم سەندىن بۆلەك ئىلاھ يوق دەپ،
ئۆتكەننىڭ ھاياتى بولمىش مەزمۇنلۇق.
ئاللاھىم ئەڭ ئاخىرقى تىلەك دەپ،
ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەننىڭ غەمسىزلىك مەزمۇنلۇق.



ئاللاھىم سىنى بىر دىمەي ئۆتكەن،
ئۆزى ئۈچۈن ئىلاھلار يارىتىۋالمىش.
ئاللاھىم تاغلار ئۇچۇپ يۈرگەندە،
ئۇل بەندەڭ دوزاختا ئەبەدى قالمىش.



ئاللاھىم بۇئىككى بەندەڭ ھېكمىتى،
پۈتۈن بۇر قەۋىمگە ئوخشايدۇ بۈگۈن.
ئاللاھىم ساڭا قول سوزۇلغان پەيتى،
سورايمەن بەر ھىدايەت بىزلەر ئۈچۈن

مەنبە : مەرىپەت مۇنبىرى
ئەسسالام قېرىنداش يولۇڭ تۈز بولسۇن ،
ياخشى ئىش ئىزلىرىڭ ئىبرەت بوپ قالسۇن .
باشلىغىن دوسلارنى ياخشى يوللارغا ،
بۇنىڭدىن دوسلارمۇ ھەق يولنى تاپسۇن.