باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1499 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لېنىننىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىكى ھەيران قالارلىق سىرلار
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 14:25

لېنىننىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىكى ھەيران قالارلىق سىرلار

                  

                                                 لېنىننىڭ قەستكە ئۇچرىشى                                
پېتىرگرافتىكى ‹‹چىكا›› (ك گ ب)نىڭ رەھبىرى ئۇرىستىكىي1918يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەچكە ،بۇ ئىش يىڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ھاكىميەتنىڭ يۈكسەك ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرگەن .يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،سىياسىي داھىيلار خەلققە نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئورۇنلار كىچىك دائىرىدە چەكلەنگەن .
8-ئاينىڭ 30-كۈنى لېنىننىڭ نۇتقىدىن باشقا بارلىق يىغىلىشلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .شۇ كۈنى توك توختاپ قالغاچقا ،شەھەرنى قاراڭغۇلۇق باسقان .لېنىن نۇتقىنى سۆزلەپ بولۇپ ھويلىغاتوختىتىلغان ئاپتوموبىلىغا قاراپ كىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان .شوپۇر سىتېپان ‹‹بروۋنىڭ ››ماركىلىق تاپانچا كۆتۈرىۋالغان ئايالنى كۆرگەندەك قىلغان .
كىشىلەر تەرەپ –تەرەپكە قېچىشقان،زاۋۇتنىڭ چېتىدىكى بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىدە بىر ئايال تۇراتتى .ئۇ كۈنلۈك ۋە كونا سومكا كۆتىرىۋالغان بولۇپ ھىچنەرسىنى كۆرەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى .ئۇ زادى نېمە قىلىۋاتقاندۇ ؟ئۇ ئايىغىدىكى مىخ پۇتىنى ئاغرىتىۋەتكەنچە ئايىقىغا سېلىش ئۈچۈن باشقىلاردىن قەغەز سورىماقچى بۇلۇۋاتقان ئىكەن.بەزىلەر فىننى كاپلان ئىسىملىك بۇ ئايالنى لېنىننى قەستلىگەن قاتىل دىگەچكە ،ئۇ قولغا ئېلىنغان .ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ،ئۇ ھەممىنى ئىقرار قىلىپ،لېنىنغا مەن ئوق چىقاردىم دېگەن .لىكىن ئۇ قانچە پاي ئوق چىقارغانلىقىنى بىلمەيدىكەن .قورالنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىغاندا ،ئۇ:بۇنى سىلەرگە دەپ بەرمەيمەن دېگەن .كىيىن كاپلان كرىمۋىلغا  ئېلىپ بېرىلغان .9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇ ھېچقانداق ئوچۇق سوت قىلمايلا ،كرىمۋىلدىكى پىنھان جايدا مەخپى ئېتىۋىتىلگەن.
                                                  
                                                    ئايال قاتىل ئەما ئىكەن                                        
     فېننى كاپلان بۇ ‹‹يۇشۇرۇن قەستلەش ۋەقەسىدىكى قاتىل ››دەپ قارىلىپ كەلگەن.ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئەڭ ئاساسلىق ئىسپات شۇكى ،ئۇنىڭ ئېغىر كۆز كىسىلى بولۇپ ،قارىغۇ بولۇپ قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن .بۇنداق ئادەم ئەينى چاغدا ئاشۇنداق قاراڭغۇ جايدا قانداقمۇ لېنىننى قەستلىيەلىسۇن ؟
ئارخىپ –ماتېرىياللارغا قارىغاندا ،فېننى كاپلان ئۇكرائىنادا يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .1906-يىلى ئۇ ۋىكتور كارسكىي ئىسىملىك ئەر بىلەن كىيۋدىكى مېھمانخانىدا پەيدا بولۇپ ئۆزىگە چاتاق تېرىۋالغان ،كارسكىي ئىلگىرى ماگزىن بۇلىغان ،كېيىن ھۆكۈمەتسىزلىك قىلىپ كىيۋنىڭ باش مەمۇرىي ئەمەلدارىنى قەستلىمەكچى بولغان .ئەينى چاغدا ئۇ ئاشۇ مېھمانخانىدا بومبا ياساۋاتاتتى .بومبا پارتىلىغاندىن كېيىن ئۇ مۇھەپىققىيەتلىق قىچىپ قۇتۇلغان ،لېكىن كاپلان يارىلانغان ،شۇڭا ئۇ ‹‹پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان تېررورچى ››دەپ قارىلىپ 11يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .ئىككى يىلدىن كېيىن كارسكىي تۇتۇلغان .ۋىجدانى يول قويمىغاچىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ كارسىكىي باش تەپتىشكە خەت يېزىپ ،ئاشۇ قىتىملىق پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كاپلان بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ،كاپلان تۈرمىدە ئۆزىنى جىنايەتچى قىلىپ قويغان كارسىكيىغا كۆيۈپ قالغان ،كاپلان 1917-يىلىدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدە قۇيۇپ بېرىلگەن .تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ كارسكىينىڭ دېرىكىنى قىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ،لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ،ئۇلار ئۇچرىشىپ ئەتىسى سەھەردە كارسكىي ئۇنىڭغا :كەچۈرۈڭ، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ،دېگەن ،كاپلاننىڭ ھىچنەرسىسىھەم بارار جايى بولمىغاچقا ،ئاخىر موسكۋاغا بېرىپ ،تۈرمىدە بىللە ياتقان قىز دوستىلىرىنى تاپقان ،ئۇلار ئۇنى ئېلىپ قالغان .
1918-يىلى8-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتە كىشىلەر كاپلاننىڭ نىمىشقا مىخېلسۇن زاۋۇتى ئەتراپىدا پەيدا بولغانلىنى چۈشىنەلمىگەن .ئايال يازغۇچى داشكوۋا دادىللىق بىلەن پەرەز قىلىپ مۇنداق دېگەن :ئاشۇ كۈنى كاپلان قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن  ئۇ لېنىننى قەستلىگەن ئەرنى بەك ياخشى كۆرگەچكە ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان .قىزىقارلىق يېرى شۇكى ،لېنىننى قەستلەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كارسكىي موسكۋادا پەيدا بولۇپ ،كونا تونۇشى ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سۋېدلوۋنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن ،ئۇلارنىڭ زادى  نېمە دىيىشكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ .لىكىن كارسكىي ئۇ يەردىن چىققاندا ،تېخنىكا ئەسلىھەلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن .
                                    
                                        قەستلەش ۋەقەسى پۈتۈنلەي توقۇلما                                
ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ دوكلاتىدا لېنىننىڭ يارىسى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن ؛بىر پاي ئوق لېنىننىڭ سول تارغاق سۆڭىكىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىن كۆكرەك تېشىپ ئۆتۈپ ،بوينىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئوقۇرەك سۆڭىكىگە كىرىپ كەتكەن .ھىچقانداق مۇھىم ئەزاسىنى زەخىملەندۈرمىگەن .ئوقنىڭ ئەگىپ ماڭغانلىقى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ .چۈنكى ئوق قاتتىق نەرسىگە ،يەنى ئۇمۇرتقىغا تەگكەندىلا يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ،ئەگەر ئۇمۇرتقا زەخىملەنگەن بولسا ،لېنىن ئېغىر يارىلىنىپ ،ساق قالمىغان بولاتتى ،ئىچكى ئەزالار قاناپ كەتكەن بولاتتى ،لېكىن لېنىن قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاپتومۇبىل بىلەن كرىمۋىلغا  قايتقان .بۇ 2-گۇمان .
3-گۇمان :لېنىنغا ئىككى پاي ئوق تەگكەن ،رېنتگېن پىليونكىسىغا قارىغاندا ،يەنە بىر پاي ئوقلېنىننىڭ مۈرە سۆڭىكىگە تىگىپ بەدىنىدە توختاپ قالغان .ئوق تىگپ يارىلانسا،ئاسانلا يىرىڭدىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ ،ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئانتىبىئونىك دورا يوق ئىدى .لىكىن لېنىن يارىلانغاندىن كېيىن يۇقۇملانمىغان .شۇڭا داشكوۋا :ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم لېنىنغا ئوق چىقارمىغان .لېنىنى يۇشۇرۇن قەستلەش ۋەقەسى پۈتۈنلەي يالغان ،ئۇ يىڭىدىن  دۇنياغا كەلگەن ھاكىمىيەت ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئويدۇرۇپ چىقارغان .ئەگەر باشقىلار لېنىننى راستىنلا يۇشۇرۇن قەستلەشنى پىلانلىغان بولسا ،ئۇنداقتا ئۇ ھۆكۈمەت كاپلاننى دەرھال ئېتىۋەتمەي ،ئۇنى ئەستايىدىل سوراق  قىلىپ ،ھەقىقى ئەھۋالنى ئېنىقلىغان بولاتتى .دەپ قارىغان .
1922-يىلى لېنىننىڭ بوينىدىكى ئوق ئېلىۋىتىلگەن .بۇ يۇشۇرۇن قەستلەش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغاندەك تۇرىدۇ .لىكىن داشكوۋا لېنىننىڭ بوينىدىكى ئوقنى ئېلىۋىتىش ئىشىدىمۇ نۇرغۇن گۇمان بارلىقىنى بايقىغان .بۇ ئىشنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر پاكىت –گىرمانىيىلىك دوختۇر بورخاد يازغان ئىسپات ماتىرىيالى بولۇپ ،ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن 220مىڭ مارك پۇلغا ئېرىشكەن .لىكىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ،لېنىننىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى ھېلىقى ئوقنى كاپسۇل دورىدەك قاپلىۋالغاچقا ،ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق تەسىر قىلمىغان .ئۇنداقتا ئۇلار نىمىشقا ئۇنى تۇيۇقسىزلا ئېلىۋىتىشنى قارارقىلغان ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار نىمىشقا بۇ ئوپراتسىيىنى قىلىشقا گىرمانىيىدىن دوختۇر تەكلىپ قىلىپ ،دۆلىتىدىكى ئەڭ داڭلىق تاشقى كىسەل دوختۇرىنى بۇ گىرمانىيىلىككە ياردەمچى قىلىپ بېرىدۇ ؟ئۇنىڭدىن باشقا ،ئۇلار نىمىشقا مۈرىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتمەي ،بويۇندىكى ئوقنى ئېلىۋىتىشنى قارار قىلىدۇ ؟داشكوۋا :ئەمەلىيەتتە لېنىننىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق ئوق يوق دەپ قارىغان .


                                                                                                                                                     ‹‹ئەدەبىي تەرمىلەر گېزىتى››دىن ئېلىندى
ئەجەل كەلگەندە ئويغانغاننىڭ پايدىسى يوق .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6477
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 884 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2011-03-16

ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تەپسىلاتلاركەن .
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 22:56

،،،،،،نىڭ ماھىيىتى -بىر بىرىنى يەپ تۇگىتىش،،،،،
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1133
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1133دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 12233 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 15:51

بۇ ئىشلارغا بىر نىمە دىمەك قىيىن  
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2450
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 762
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە762دانە
ئۆسۈش: 890 %
مۇنبەر پۇلى: 4667 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-13 16:00

بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە لازىم بولغان ئويدۇرما بولۇشى مۈمكىن.