باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 920 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: فرانسىيە گىتلېرنى سەل چاغلىغان
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2738
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2738دانە
ئۆسۈش: 5110 %
مۇنبەر پۇلى: 19116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-12 14:23

فرانسىيە گىتلېرنى سەل چاغلىغان

                        كۆپ يىللاردىن بۇيان چاڭ – توزان قاپلاپ كەتكەن فرانسىيىنىڭ بىر ئارخىپىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا، فرانسىيىنىڭ جاسۇسلىرى گىتلېر ۋە گورىن قاتارلىق ناتسىستلارنىڭ كېيىنكى يادرولۇق شەخسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيىلىك نۇرغۇن سىياسىي ئەربابنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بىراق، فرانسىيىلىكلەر ئەينى چاغدا گىتلېرنى ‹‹گېرمانىيىنىڭ موسسۇلىنى›› دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي، ئۇنى ھېچقانچە تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ، دەپ قارىغان.
   يېقىندا ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەتكە گىتلېرنىڭ بىر پارچە سۈرىتى چاپلانغان بولۇپ، سۈرەتتىكى گىتلېر چېچىنى ئۆزىگە خاس قىسقا ياساتقان، بۇرۇت قويغان، شىم – كاستۇم كىيىپ، گالستۇك تاقىغان. ھۆججەتتە ئۇنىڭ كەسپى ‹‹مۇخبىر››دەپ يېزىلغان. ھۆججەتتە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گىتلېر بۇرۇن ››خەلق كۆزەتكۈچىسى‹‹ دېگەن گېزىتنىڭ مۇخبىرى بولغان، بۇ گېزىتنى ئەينى چاغدا ناتسىستلار تەشكىلاتى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات قورالى قىلغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھۆججەتتە گىتلېرنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ‹‹ئادولف ياكوب››دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان(‹‹ياكوب›› يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئىسمى)، فرانسىيە مۇتەخەسسىسلىرى: بۇ بىر خاتالىق بولسىمۇ، تارىخشۇناسلار ئىزچىل مۇھاكىمە قىلىپ كېلىۋاتقان گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار دېگەن قاراشنى ئىسپاتلىيالىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
   بۇ ھۆججەتتە: گىتلېر ‹‹گېرمانىيىنىڭ موسسۇلىنى››، ئۇ بىر ‹‹فاشىستچە›› زاپاس ھەربىي تەشكىلاتقا يېتەكچىلىك قىلماقتا، دېيىلگەن. ھۆججەتتە گىتلېرغا: ئۇ ئەخمەق ئەمەس، ئۇ بىر قاپ يۈرەك ۋەسۋەسىگە سالغۇچى، دەپ باھا بېرىلگەن. ھۆججەتتە يەنە گىتلېر 1923 – يىلى باۋارىيەدە قوزغىغان ‹‹پىۋىخانىدىكى توپىلاڭ›› تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، توپىلاڭ ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا مەغلۇپ بولغان، دېيىلگەن. ھۆججەتنىڭ ئاخىرىدا، گىتلېر فرانسىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان.
   ھۆججەتتە يەنە فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ناتسىستلار ھەرىكىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، فرانسىيىنىڭ بىر ھەربىي قوماندانى ھۆججەتتە ناتسىستلار تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ دارمىشتادت شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان بىر ھەربىي مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: ئۇ يەردە نۇرغۇن يېڭى پاسوندىكى ھەربىي فورما ،رېۋولۋېر(ئالتە ئاتار تاپانچا) ۋە مىلتىق بار، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىككى – ئۈچتىن كاۋچۇك كالتەك سەپلەپ بېرىلىدۇ، دەپ يازغان. بىراق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، كېيىن ناتسىستلار ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان، ئالتە ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە پارىژنى ئىشغال قىلغان گىتلېردىن ئىبارەت بۇ شەخسكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.
   ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ناتسىستلارغىلا قىزىقىپ قالماي، يەنە ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە دۆلىتى ئىچىدىكى سول قاناتلاردىن ئوڭ قاناتلارغىچە بولغان تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنى تولۇق تەتقىق قىلغان.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-30

فىرانسىيەلا ئەمەس ئەنگىلىيەمۇ بۇلارغا سەل قارىغان ،،، پولشىغا ھۇجۇم قىلغان پەيتىدە ، گىتلىرنى پولشا بىلەنلا چەكلىنىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى ،،،
ئەنگىلىيە بوغۇزى ئەنگىلىيەلىكلەرنى  تەبىي مۇداپىئە بىلەن تەمىنلىگەن ، بولمىسا ئەينى چاغدىكى گىرمانلارنىڭ جاسارىتىدىن قارىغاندا ، ناۋادا گىرمان بىرلا سەپتە جەڭ قىلسا ئەنگىلىيەنىڭمۇ ئىشى تەس بولاتتى ،، شۇنداقتىمۇ گىرمانلار دىڭىز بوغۇزىدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئۇتۇپ لوندوننى شىددەتلىك توپقا تۇتقان ،،،  لوندون تارىختا بۇنداق شىددەتلىك ھۇجۇمنى باشتىن كەچۇرۇپ باقمىغان ،، ئەزەلدىن سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى سۇپىتىدە تۇنۇلغان ، ئوز دەۋرىدە 40مىليۇن كۇۋادىراتلىق مۇستەملىكە زىمىنىغا ئىگە بولغان «كۇن پاتماس ئىمپىرىيە » دەپ ناملانغان ئەنگىلىيە بۇ زەربىدىن قاتتىق ئاھانەت ئىچىدە قالغان ئىدى ،،،،