ئامېرىكىلىق داڭلىق كەشپىياتچى ئېدىسۇن ئاپتوماتىك تېلېگراف ئاپپاراتىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ كەشپىياتىنى ۋە ئۇنى ياسىلىش تېخنىكىسىنى سېتىۋېتىپ، بىر تەجرىبىخانا قۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن ئۇ سودا ئىشلىرىغا پىششىق بولمىغاچقا، كەشپىياتىنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلەلمەي، ئايالى مىنا بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. مىنا خانىممۇ بۇنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلەلمەي، بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتايلى، دەيدۇ. ئېدىسۇن: بۇ باھا بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، دەيدۇ. ئېدىسۇننىڭ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقانىقىنى كۆرگەن مىنا خانىم:
− مېنىڭچە بۇ باھا ۋاپىق. بولمىسا، ساتىدىغان چاغدا سىز ھېچنىمە دېمەڭ، سودىگەرلەر ئۆزى ئېغىز ئاچسۇن، − دەيدۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر سودىگەر ئېدىسۇننىڭ كەشپىياتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئېدىسۇندىن ئۇنى قانچە پۇلغا ساتىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېدىسۇن 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باھا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىغاچقا، سودىگەرگە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي، سۈكۈت قىلىپ تۇرىدۇ. سودىگەر قايتا - قايتا سورىغان بولسىمۇ، ئېدىسۇن زادىلا باھا قويماي، ئايالىنىڭ ئىشتىن كېلىشىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. سودىگەر ئاخىر تاقەت قىلىپ تۇرالماي:
ــــ ئۇنداقتا مەن ئاۋۋال باھا قوياي، 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولسا قانداق؟ − دەيدۇ.
بۇ باھا ئېدىسۇننىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققاچچقا، ئۇ دەرھال ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىدۇ. كېيىن ئېدىسۇن خانىمىغا چاقچاق قىلىپ:
بىردەمدىلا 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، − دەيدۇ.
شۇنداق، بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندا سۈكۈتتە تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاشنى خالىمايمىز. ئەمەلىيەتتە، كىشىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەندە، بىرسى بىلەن قاتتىق مۇنازىرىلەشكەندە سۈكۈت بىزگە ئېدىسۇن 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەندەك پايدا ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ، بىراق ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈكۈتنى قارشى تەرەپ، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە قالدۇرۇپ قويساق، بەزىدە قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ.
مەنبە:تور دۇنياسى