باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3478 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەپلەر ئەمەللەرنى بىلۋېلىڭ(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-11 10:14

نەپلەر ئەمەللەرنى بىلۋېلىڭ(ھەمزە)

نەپلە ئەمەللەر.

نەپلە ئەمەللەر بىلەن تۇنۇشۇش.

نەپلە دىگەن  بۇ سۆزنىڭ شەرىئەتتىكى ئىشلىتىش مەنىسى بولسا پەرز،ۋاجب ۋە  تەكىدلەنگەن سۈننەتلەردىن سىرت قىلىدىغان قۇشۇمچە ئەمەللەردۇر.

نەپلە سۆزى پەقەت نامازغىلا قارتىلماستىن ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلاردىن يەنى مۇسۇلمانلارغا پەرز بولغان ئىشلاردىن سىرتقى قىلىدىغان ئاللاھ ياخشى كۈرىدىغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نەپلە ئەمەللەرنى قىلساق ساۋاب بۇلىدىغان قىلمىساق گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردۇر.

قايسى ئەمەللەرنىڭ نەپلە ئەمەل ئىكەنلىكىگە دائىر كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى.

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ.نەجىد ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى كەلدى.ئۇ كىشىنىڭ چېچى چۇۋۇق،ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان ئەمما نىمە دىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ  رەسۇلۇللەقا يېقىن كەلدى ۋە ئۇشتۇمتۇت ئىسلامدىن سورىدى. رەسۇلۇللە-بىر كىچە كۈندۈزدە بەشۋاخ ناماز ئۇقۇش ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىدىندۇر. دىدى

ئۇ كىشى- بۇنىڭدىن باشقىسى يوقمۇ؟

-يوق. لېكىن ئۇقۇي دىسەڭ نەفلە ناماز بار. يەنە رەسۇلۇللە يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشمۇ ئىسلام قاتارىدىندۇر.دىدى

-بۇنىڭدىن باشقىسى يوقمۇ؟

-يوق.ئەگەر تۇتاي دىسەڭ نەفلە رۈزا بار.دىدى. ۋە يەنە يىل توشقاندا زاكات بىرىشمۇ ئىسلام قاتارىدىندۇر.دىدى.

-ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقمۇ؟

-يوق . ئەگەر بىرەي دىىسەڭ نەفلە سەدقە بەرسەڭ بۇلىدۇ.دىدى.

-ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن كەممۇ قىلمايمەن.زىيادىمۇ قىلمايمەن دەپ ئارقىسىغا قايتىپ كەتتى.

رەسۇلۇللە: ئەگەر بۇ كىشى راس ئېيتقان بولسا ئۇتۇق قازاندى(يەنى جەننەتكە كىرىدۇ) دىدى. (بۇخارىي .ئىمان بابى )

يۇقارقىلار رەسۇلۇللە ئۆزى ھەم قىلغان باشقىلارنى ھەم قىزىقتۇرغان نەپلە ئەمەللەردۇر.

ئاۋۋال قىلىدىغان شۇ نەپلە ئەمەللىرىمىز ئۈچۈن نىيەت قىلىمىز. ئېغزىمىزدا ئەمەس كۆڭلىمىزدىلا نىيەت قىلساق كۇپايە.

پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازدىن سىرت ئوقۇساق بۇ نەپلە.يەنى چاشگاھ نامىزى،ئىستىخارە نامىزى،تاھارەت نامىزى،تەھەججۇد نامىزى،تاراۋىھ نامىزى.... بۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللە ئوقۇغىنى ھەم باشقىلارنى قىزىقتۇرغىنى،سۈكۈت قىلغىنى تەرتىپ بۇيىچە تەھەججۇد نامىزى،چاشگاھ نامىزى،ھەم تاھارەت نامازلىرىدۇر، ئۇندىن باشقا رەسۇلۇللە ئۇلاغ ئۇستىدە كېتۋېتىپمۇ ئۇقۇغان نامازلىرى ۋە باشقىلار....

ئاللاھ نەپلە ناماز توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن« ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!( پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا(يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى مۇھەققەتتۇر»(17.سۈرە 78.ئايەت)

بۇ ناماز 2رەكئەت،4رەكئەتتىن قىلىپ ئوقىلىدۇ. ئوقۇلۇش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئوقۇپ كىلۋاتقان سۈننەت نامازلىرىمىز بىلەن ئوخشاشتۇر.

پەرز بولغان يىلدا بىر ئاي تۇتىدىغان روزىدىن باشقا رۇزا تۇتساق بۇ نەپلە.

بۇلار شەئبان(8.ئاي) ئېيىنىڭ دەسلەپكى 15 كۈنلرىىدە تۇتىدىغىنى(رەسۇلۇللە رامزان ئېيىدىن باشقا ئەڭ كۆپ رۇزا تۇتىدىغان ئاي شەئبان ئېيى ئىدى) ،شەۋۋال (10.ئاي) ئېيىنىڭ بېشىدىكى 6كۈن تۇتىدىغىنى زۇلھەججە(11.ئاي) ئېيىنىڭ بېشتىكى 10 كۈن تۇتىدىغىنى ،مۇھەررەمنىڭ(1.ئاي) 9.10.كۈنلىرى تۇتىدىغىنى، ھەر ئاينىڭ ئاق كۈنلىرى(يەنى ئاي تۇلان بولغان كۇنلىرى تەخمىنەن 11.12.13.كۈنلىرى) 3كۈن تۇتىدىغىنى ۋە باشقىلار....

 پەرز بولغان نىسابىغا يىتىپ يىل توشقاندا بىرىدىغان زاكاتتىن باشقا بەرسەك بۇ نەپلە.

بۇنىڭ ئۇمۇمىسى سەدقىدۇر. سەدقىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلمىساقمۇ بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.

قۇدرىتى يەتسە ئۆمرىدە بىر قىلىدىغان پەرز ھەجتىن باشقا چاغدا قىلىنغان ھەج نەپلە.

بۇ بولسا ئۆمرە ھەجدۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان ئوقۇش،ياخشىلىق قىلغۇچىغا ياردەملىشىش،تاھارات بىلەنلا يۇرۇش،ھەر تاھارىتىدىن  كىيىن ئۆزىگە ئاسان بولغان نامازلاردىن بىرقانچە رەكئەت ئوقۇش.رەسۇلۇللە يولغا قويغان  زىكىر –تەسبىھلارنى ئېيتىش،(ئاللاھ خالىسا رەسۇلۇللە بۇيرىغان ۋە ئۆزى قىلغان زىكرى –تەسبىھلەر توغۇرلۇق بىر تىما يازىمەن. ھازىر كۈپۈنچە كىشىلىرىمىز بىدئەت بولغان زىكرىلەنى ئېيتىشماقتا) شەرىئەت چەكلىمىگەن،رەسۇلۇللە ئۆزى ھەم قىلغان باشقىلارنى ھەم قىزىقتۇرغان پەزىلەتلىك ئەمەللەرمۇ ھەم نەپلىدۇر. ئەكسىچە رەسۇلۇللە قىلمىغان ھەم بۇيرىمىغان ئىشلارنى ياخشىلىق ئۇمىد قىلىپ قىلساق ئۇ بىدئەت! رەسۇلۇللە<بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق> دىگەن.

نەپلە ئەمەلنىڭ مۇئەيىيەن ۋاقتى يوق. ئۇنى قانداق ۋاقىتتا قىلساق بۇلىۋېرىدۇ. پەقەتلا نەپلە نامازنى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتتىلا ئۇقۇشقا رۇخسەت يوق. بۇ ۋاقىت بامداتتىن كىيىن كۇن چىققۇچە،كۈن تىكلەنگەندە يەنى تىك چۈش ۋاقتىدا،ئەسىردىن كىيىن شامغىچە نەپلى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار.(ئاسەسەن  ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىت ئەتتىگەن-كەچقۇرۇندىكى كۇن قىزىلى ۋە چىقتى چۈش ۋاقتى)ئەمما قېپقالغان نامازلارنى يۇقارقى ۋاقىتلاردا ئوقۇش دۇرۇس. بۇنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللە پىشىن ئوقۇۋاتقاندا بىر ئەلچىلەر ئۈمىكى كەلگەن. رەسۇلۇللە پەرزدىن تۇرۇپلا ئۇلار بىلەن ئالدىراش بۇپ كەتكەن... كىيىن ئەسىر نامىزى بولغاندا ئەسىرنى ئوقۇپ بۇلۇپ قېپقالغان پىشننىڭ سۈننىتى ئوقۇۋالغان.

نەپلى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن"پەرز نامازدىن قالسا نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى يېرىم كىچىدە ئوقۇلغان ناماز(تەھەججۇد)دۇر.رامزان ئېيدىكىدىن قالسا ئەڭ ئەۋزەل رۇزا مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان رۇزىدۇر"مۇسلىم توپلىغان

يەنە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن" ھەقىقەتەن ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ«كىم مىنىڭ دوستۇمغا تاجاۋۇز قىلىپ ھەددىدىن ئاشسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن.مەن بەندەمگە پەرز قىلغان ئەمەلدىن ماڭا  دوسراق سۈيۈملۇكرەك نەرسە بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ.(يەنى پەرز بىلەنلا ماڭا يېقىنلىشالايدۇ) بەندەم ماڭا مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ دوست تۇتقانغا  قەدەر نەپلى ئەمەللەر بىلەن يېقىنلىشىدۇ.....» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

يۇقارقى ھەدىستىن نەپلە ئەمەللەرنى كۆپراق قىلغاندا ئاللاھنىڭ دوست تۇتىشىغا مۇيەسسەر بۇلغىلى بۇلىدىغانلىقىنى كۈرۋالغىلى بۇلىدۇ.

يەنە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ. رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن"قىيامەت كۇنى بەندە ئەڭ ئاۋۋال ھىساب ئېلىنىدىغان نەرسە نامازدۇر.ئەگەر نامازلىرى تۇلۇق بۇلۇپ بۇ ھىسابتىن ئۆتۇپ كەتسە بەندە دەۋزەختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمىسا يەنى نامازدىن ئىبارەت بۇ ھىسابتىن ئۇڭۇشلۇق ئۈتەلمىسە جەننەتتىن مەھرۇم قېلىپ دەۋزەخ ئەھلى قاتارىدىن بۇپ قالىدۇ.ئەگەر پەرز ئەمەللىرىدىن بىرەر ئەمەل كەملەپ قالسا(ناماز،ياكى رۇزا ياكى زاكات) ئاللاھ پەرىشتىلەرگە:بەندەمنىڭ نەپلى ئەمەللىرىگە قاراپ بېقىڭلار دەيدۇ. ۋە پەرز ئەمەللەرنىڭ كەملەپ قالغىنىنى نەپلە ئەمەللەر بىلەن كامىل قىلدۇ. ئاندىن كىيىن بارلىق ئەمەللىرى يۇقارقىدەك بۇلىدۇ(يەنى دۇنيادا نەپلى ئەمللەرنى كۆپرەك قىلغان بولسا قىيامەت كۇنىدىكى ھىسابتا نەپلى ئەمەللەر ئارقىلىق پەرزنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كەتكىلى بۇلىدۇ. قايسى پەرز كەملەپ قالغان بولسا شۇ تۇردىكى نەپلە ئەمەللىرى بىلەن تولدۇرلىدۇ. مەسلەن نامازنى كەم قىلىپ قويغان بولسا نەپلە نامازلىرىغا قارايدۇ،رۇزىنى كەم قىلىپ قويغان بولسا نەپلى رۇزىسىغا قارايدۇ....) (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ،ئىبنى ماججە،نەسەئىي توپلىغان. ئەلبانى سەھىھ دىگەن)

مانا قاراڭلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى نىمە دىگەن ئۇلۇغ نىمە دىگەن كەڭ ھە...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«نەپلە نامازلارنى ئۇيۇڭلاردىمۇ ئوقۇڭلار. ئۇيۇڭلاردا سۈننەت ،نەپلى نامازلارنى ئوقۇشنى تەرك ئەتمەڭلار» (دارۇقۇتنى توپلىغان سەھىھ)

ئىبنى ئۈمەر رەزىيللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇ رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن«بىرىڭلارنىڭ ئۆيىدىكى نەپلە نامىزى مىنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدىكى ئوقۇلغان نامىزىمدىنمۇ ئەپزەلدۇر.پەرز ناماز بۇنىڭدىن مۇستەسنا»ئەبۇ داۋۇد توپىلغان سەھىھ

نەفلە نامازنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى مەسىتتە ئەمەس ئۆيىدە،ئاشكارا ئەمەس مەخپىي ئوقۇلغىنىدۇر. بولسا كىچىنىڭ 3دىن بىرى قالغاندا تۇرۇپ  نەپلە ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ھاجەتلىرىمىزنى سۇرۋالساق ياخشى. چۈنكى ئاللاھ ھەركۇنى كىچىنىڭ 3تىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا چۇشىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتنى لازىم تۇتۇڭلار.

يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نەپلە ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق مەقامىغا يەتكىلى بۇلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا <جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈندۇر> دىگەن. ئەگەر سىز ئىمانىڭىزنىڭ زەئىپلىشىپ قالغانلىقىنى،ئۆزىڭىزنىڭ دىننىي ئىشلارغا سۇسلىشىپ قالغانلىقىنى،قەلبىڭىزنىڭ ئاللاھتىن قورقماس،قىيامەتنى ئويلىماس،يامان ئىشلاردىن قورقماس بۇپ قالغانلىقىنى سەزسىڭىز نەپلە ئەمللەردىن ئۈزىڭىز قادىر بۇلالىغىنىڭىزچە قىلىڭ.

ئىسىڭىزدە بولسۇن! نەپلە ئەمەللەرنى قىلىمەن دەپ دەسلەپتە قىزىقىپ قىلىپ كىيىن تاشلاپ قۇيىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ. بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. رەسۇلۇللەتىن ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۇرلىدىغان ئەمەلدىن سۇرالغاندا <ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغىنىدۇر> دىگەن.

بۇ توغرىدا چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا سۆز قالدۇرساڭلار كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە چۈشەندۇرۇشكە تىرشىمەن.

تەييالىغۇچى: قېرىندىشىڭلار  ھەمزە.

 

مەنبە_  http://hemza.blogbus.com/logs/108479349.html

Just believe in allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3119 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-07
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-11 12:36

مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرڭىز  بىلەن بىزنى كۆپ بىللىمدىن خەۋەردار  قىلىۋاتىسىز  ،مۇشۇنداق تېمىلىرڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاللاھ سىزگە  كۆپ رەخمەت قىلسۇن، قېرىندىشىم.
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.