غەيۋەت
(غەزەل)
چوڭقۇر يىلتىز تارتتىڭغۇ ئارىمىزدا سەن غەيۋەت،
قىينالماي ئەي بولدۇڭغۇ سايىمىزدا سەن غەيۋەت.
پايدىلىق گەپ خۇش ياقماي،ياخشى ئىشتىن قاچتۇق بىز،
لېكىن ھەمرا بولدۇڭغۇ ناشتىمىزغا سەن غەيۋەت.
بىكار بولسا ئاياللار كۈنى ئۆتەر سەن بىلەن،
داغ تەككۈزۈپ قويدۇڭغۇ ئانىمىزغا سەن غەيۋەت.
ئەجەپ ھەيران بوپ قالدىم،بازار تاپتىڭ ئەرلەردە،
توساق قۇرۇپ قويدۇڭغۇ ئالدىمىزغا سەن غەيۋەت.
پىتنە-پاسات كۆپىيىپ ،بالىلار بولدى جىدەلخور،
قىزىل قاننى قاتتىڭغۇ يېشىمىزغا سەن غەيۋەت.
ئەلمىساقتىن تارتىپلا زەپەر قۇچۇپ كەلگەنتۇق،
ئەمدى "پەردە ياپتىڭ"غۇ نامىمىزغا سەن غەيۋەت.
يوقاپ كەتتى ئارىدىن "كۆك بۆرە"نىڭ خىسلىتى،
كەكە-پالتا چاپتىڭغۇ پۇتىمىزغا سەن غەيۋەت.
مەنبە:تاش