تۆت قېتىم جىنىس رىكورتىنى ياراتقان ئوغلان
ۋە دەۋرىمىز ياشلىرى
2010-يىلى 26-ئۆكتەبىر بىر يىگىت 70 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياغاچ پۇتتا، ئۇزۇنلىقى 8.5 مېتىر، ئېغىرلىقىنى 8.5 كلوگرام تەڭشەكنى تۇتقىنىچە،ئېگىزلىگى 12.5 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 22 مېتىر پۇلات سىمدا مېڭىپ ئۆتۈپ 4- قېتىم دۇنيا جىنىس رىكورتىنى يارىتىپ، كىشلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرۇپ، كۈرمىڭ قەلىبلەرنى لەرزىگە سالدى. ھەم دار ئۈستىدە ، ھەم ياغاچ پۇتتا بۇنداق خەتەرلىك، قىيىن ھەرىكەتنى ئىشلەپ، يۇقارقى ئىككى تۈرنىڭ يۇقۇرى پەللىسنى ياراتقان قەيسەر ئوغلان كىم؟
مىللەتنىڭ شان-شۆھرىتى ئۈچۈن جىنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، دۇنيا جىنىس رىكورتىنى ياراتقان بۇ ئوغلان - پىچان ناھىيە لەمجىن بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سەمەت ئىمىندۇر. سەمەت ئىمىن 1977- يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى پىچان ناھىيسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا دۇنياغا كەلدى. 1995-يىلى تۇرپان سىفەننىڭ تەبىئەت كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، لەمجىن بازارلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكەن چۈشتى. 2002-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتىدا ئوقۇدى. 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىنى پۈتتۈردى. ئۇ خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا بىردىنلا ياغاچ پۇتقا قىزىقىپ قالدى. ئۇ مۇشۇ تۈردە بىر رىكورت يارىتىش نىيىتىگە كەلدى-دە، سانسىز قېتىم مەشىق قىلىپ ئۆزىنى تاۋلىدى.
«1-رىكورت: 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇ ئۆزى ئۆزگەرتىپ كەشپىيات پاتنىتىغا ئېرىشكەن «قولايلىق ياغاچ پۇت» بىلەن پىچاندىن تۇرپانغا 79.6 كىلومېتىر ئارىلىقنى تاماملاپ، «24 سائەت ياغاپ پۇتتا مېڭىش» تۈرى بويىچە تۇنجى قېتىم جىنىس دۇنيا رىكورتىنى ياراتتى.
2004-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 80 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياغاچ پۇت بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، سەككىز كۈن ئۇدا مېڭىپ 286 كلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ پىچانغا يېتىپ كەلدى ۋە دۇنياۋى زەھەر چەكلەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى.
2-رىكورت: 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى ئادىل سودا سارىيىنىڭ كەينىدە ئېگىزلىكى 16.14 مېتىر كېلىدىغان ياغاچ پۇتتا 49 قەدەم مېڭىپ، كانادالىق دوگ.خانت ساقلاپ كېلىۋاتقان 29 قەدەملىك رىكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى ۋە ئەڭ ئېگىز ياغاچ پۇتتا مېڭىش تۈرىدە 2- قېتىملىق جىنىس رىكورت ياراتتى.
3-رىكورت: 2006- يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى پىچان بازىرىنىڭ قۇمتاغ مەنزىرلىك ساياھەت رايونىدا مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەنگىلىيە جېنىس دۇنيا رېكورتى باش شىتابى خادىملېرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ،ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەسلىدىكى 16.14 مېتىر ئېـگىزلىكتىكى ياغاچ پۇتنى 16.41 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈپ، 25 قەدەم مېكىپ، ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەسلىدىكى 16.14 مېتىرلىق رىكورتنى يېڭىلىدى ۋە 3-قېتىملىق جىنىس رىكورتىنى ياراتتى.
4-رىكورت: 2010-يىلى 26-ئۆكتەبىر 70 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ياغاچ پۇتتا، ئۇزۇنلىقى 8.5 مېتىر، ئېغىرلىقىنى 8.5 كلوگرام تەڭشەكنى تۇتۇپ،ئېگىزلىگى 12.5 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 22 مېتىر پۇلات سىمدا مېڭىپ ئۆتۈپ 4-قېتىملىق جىنىس رىكورتىنى ياراتتى.
2005 -يىلدىن 2009-يىلغىچە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «نوچاڭ بارمو» قاتارلىق رىقابەت پىروگراممىلىرى ۋە سەنئەت پىروگراممىلىرىغا ، جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم سودا تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق پائالىيىتىگە، ياپونىيە 3-تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ «تۈمەن سۇئال» پىروگراممىسى ۋە گىرمانىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس زىيارەتلىرىگە، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «مەشرەپ»، «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار»،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «نەزەر»، «چىن يۈرەكتىن چىن سۆز» قاتارلىق پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ، ياغاچ پۇت ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، قەلىبلەرنى لەرزىگە سالدى. »
مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن ئالدىن خەۋەر تاپقان مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىنىڭ «ئىلمى پەنگە يۈرۈش» پىروگراممىسىنىڭ فىلىملىرىدىن 10-ئاينىڭ 23-كۈنىلا ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ-دە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن ياغاچ پۇت شاھزادىسى سەمەت ئىمىن توغرىسىدا مەخسۇس بىر پىروگراممىنى ئىشلەپ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 10-قانىلىدا پۈتۈن جۇڭگوغا شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا سەمەتجاننى، ئۇيغۇرنى، شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇتتى.
سەمەتجان ئىمىن ياغاچ پۇت توغرىسىدا 2 تۈرلۈك كەشپىيات پاتنىتىغا ئېرىشىپ، 4 قېتىم ياغاچ پۇتتا مىڭىش بۇيىچە دۇنيا جىنىس رىكورتىنى يارىتىپ، ئۆزىگە، خەلققە، ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. ئۆزىنىڭ قەيسەر، باتۇر، جەسۇرلىقىنى، جاپا-مۇشەققەتتىن ھەتتا ئۆلۈمدىنمۇ قورقماسلىقتەك باتۇرانە روھىنى نامايەن قىلدى.
ئۇ پىچاندىن تۇرپانغىچە بولغان 80 كىلومېتىر مۇساپىنى 24 سائەتتە ۋە ئۈرۈمچىدىن پىچانغىچە بولغان 286 كىلومېتىر يولنى ياغاچ پۇتتا 8 كۈندە بېسىپ بولغىچە قانچىلىك قىينالغاندۇ؟ قانچىلىك جاپا تارتقاندۇ؟16 مېتىر ئېگىزلىكتە ۋە 12.5 مېتىر ئىگىزلىكتە ياغاچ پۇت بىلەن ماڭغىچە قانچىلىك تەر تۆككەندۇ؟ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەندۇ؟ ئۇنىڭ خىيىم خەتەرگە، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، مىللەتكەن شان-شەرەپ كەلتۈرۈش روھىنى ھەقىقەتەت ماختاشقا، قۇتلۇقلاشقا، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
بىز سەمەت ئىمىندەك مۇشۇنداق باتۇر، جەسۇر ئوغلانلاردىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز، چەكسىز سۈيۈنمىز. مۇشۇنداق باتۇر، جەسۇر ئوغلانلاردىن روھلىنىمىز، ئۈمۈدلىنىمىز. ياش ئەۋلادلاردىن مۇشۇنداق ئوغلانلاردىن ئۆگۈنۈپ كەلگۈسىدە دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز. چاقىرىق قىلىپ تەربىيلەيمىز. ئەركىن سىدىق، ئادىل ھوشۇر، شۆھرەت مۇتەللىپ، سەمەت ئىمىندەك ئوغلانلارنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىن كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئەپسۇس، ھازىر جەمئىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا نە ئارزۇ- ئارمان، نە غايە يوق. ئۈمۈدسىزلىك، ھورۇنلۇق، ھاراقكەشلىك، قىمارۋازلىق، تور خۇمارلىق ئۇلارنىڭ روھىنى چىرمىۋالغان. مۇشۇ كۈندىكى بىزدىكى مەرىكىۋازلىق، مەرىكىدىكى ئىچىشۋازلىقلار، خۇددى بىزنىڭ باشقا دىيىشىدىغان گىپىمىز يوقتەك، بىز خۇددى ھاراققا، ھاراق ئىچىشكە بۇ دۇنياغا كەلگەندەك، سورۇننىڭ ئاساسلىقى سۆز تېمىسى ساپلا ھاراقنىڭ گېپى. ئىچمىگەنلەرگە تېتىقسىزلارچە، لاۋزىلارچە ھاراق زورلاش، ھاراق ئىچمىگەننى ھاراق ئىچمىگەنگە، سورۇندا ئولتۇرغانغا تويغۇزۋىتىش... بۇ تېتىقسىزلىقلار بىزدە قاچانغىچە داۋاملىشار؟ (سىتاتسىكىغا ئاساسلانغاندا دۇنيادا 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم يىلدا ھاراق سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كىتىدىكەن، بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ساندا خېلى نىسبەتنى ئىگەللىشىمىز مۇمكىن).
بىز پاكلىق، پاكىزلىق، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەڭ ئۇلۇق دىن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان مىللەتقۇ؟ (ھاراق دىگەن ئىسلام دىندىمۇ، تىبابەتتىمۇ بەدەنگە، روھقا ئىنتايىن زىيانلىق بولغان زەھەرلىك ئىچملىك. ئىناقسىزلىق ئۇرىقى چاچىدىغان، بارلىق جىنايەتنىڭ ئانىسى، شۇنداقلا ياشلىرىمىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقان بىر يۇشۇرۇن دۈشمەن. ئەپسۇس ياشلىرىمىز بۇنى تۇيماي ئۆزىنى بۇ شەيتاننىڭ سۈيدۈكىگە خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئاتقاندەك ئېتىۋاتىدۇ) قېنى بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز؟قېنى بىزنىڭ گۈزەل ئەئەنىلېرىمىز؟....
ھەر كىم سەمەت ئىمندەك ھەر قايسى كەسىپلەردە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە مىللىتىمىز دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالماسمىدى؟!
ئەي قەدىرلىك ياش دوستۇم: بىز سەمەت ئىمندەك ئىرادىلىك ئوغلانلارنى قوللايلى. ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگۈنەيلى. ھاراق، قىمارنىڭ قۇلى بولۇپ قالماي، ۋاقىتنى، ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزمەي يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلەيلى، تىرىشايلى. مەنبە : مەن بولماي كىم بۇلاتتى!