قىزلارغا نىمە بوپتۇ،يىگىتلەرگىچۇ؟

ئاياللارنى ئۇ دېدۇق،قىزلار بۇدېدۇق
يىگىت-ئەرلەرنى سوراپ باقمىدۇق.
زادى كىملەر مەيلىگە قويدى ئۇلارنى؟
سەۋەبىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىدۇق.
ھازىر مۇنداق بولدۇق،بۇرۇن ئۇنداق ئىدۇق
زامان بۇزۇلۇپ كەتتى دەپلا قاخشىدۇق.
سورالسا زادى كىملەر بۇزدى زاماننى؟
دۆڭگەپ ئۆزگىگە ، ئۆزنى ئاقلىدۇق.
ھىدايەت تاپاي دېسە بىر اۋ ئەگەر دە
اللە قىلا تەۋەككۇل قىلسۇن ئۇبەندە،
چۈنكى اللە دەيدۇ قۇرئان كەرىمدە:
شەكسىز،ھىدايەت،رەھمەت چەكسىزدۇرمەندە!
اللە تەئەلا شۇنداق دەپ تۇرسىمۇ،
يولدىن چىققان ئازغۇننى قاتتىق ئۇرسىمۇ،
ئىبرەت ئالماي بېرىلدۇق ئۇيۇن- تاماشا
ئوينىۋالاي ياشلىقتا بىر كۈن بولسىمۇ.
پەرۋا قىلماي قۇرئانغا ، ھالال-ھارامغا
يىگىت-ئەرلەر بېرىلدى قىمار-ھاراققا،
ھەق سۆزلەپ توسىغانلار"ۋاھابى"بولدى
توسقانچە تېخىمۇ يۈگۈردى گۇناھقا.
ماختىنىمىز تېخى مەھمۇد بوۋىمىزدىن
لېكىن ئەپسۇس ،ئىش كەلمەيدۇ قولىمىزدىن،
يۈرىمىز مانا مەست بوپ ئەيىش-ئىشرەتتە
خىجىل بولماي بۇرۇت چىققان بالىمىزدىن .
يىگىت-ئەرگە پاداڭغا ئىگە بول ،دېدى
خوتۇن- بالىلار دەل شۇ پادىلار ئىدى،
ئەمما ئەر كىشى ئۆزى پادىچى تۇرۇپ
ئۆز پادىلىرى بىلەن كارى بولمىدى.
قىزلىرىمىزغا دىن -ئىلىم بېرەلمىدۇق
ئىمان-ئىسلام ، ھايانى ئۆگىتەلمىدۇق،
قاخشىدۇق،زارلىدۇق، نىمە گەپ بۇدەپ
يىلتىزدىن شۇ ئىللەتنى تۈگىتەلمىدۇق.
خورەك تارتىپ غەفلەتتە ياتتۇق ئويغانماي
زالالەتكە ماڭدۇق بىز اللە تىن قورقماي،
بىراۋ ئويغىنىپ قوپاي دېسە غەفلەتتىن
ئېسىلىمىىز ئونىمىز قوپقىلى قويماي.
غورورىمىزغا مىت چۈشۈپ پاختىلاشتى
شۇڭلاشقا قىزلىرىمىزمۇ ساختىلاشتى،
قىزلارنى ساختىلاشتى دېگەندىن كۆرە
دېگەن تۈزۈك يىگىت-ئەرلەر ئاختىلاشتى.
ئەڭ توغرا يول" دىن ئىسلام"ئىكەندۇق
نىمىشقىكىن ئۇيغۇرلار بۇنى بىلمىدۇق،
پېشانىمىزگەشۇنداق پۇتۇپتىكەن ،دەپ
نومۇس قىلماي اللە قا قارا چاپلىدۇق.
"اللە ئۇ بىردۇر ،شەكسىز ئىمان ئېيتىمەن،
قەسەمكى،ئىللا-بىللا مۇسۇلماندۇر مەن.
ئەپتىڭگە بىر قاراپ ئېغىزىڭنى چايقا!
مۇشۇ ھال بىلەن تېخى مۇسۇلمانمۇ سەن؟!
ئۇنتۇدى يىگىت-ئەرلەر رەسۇلۇللاھنى
تونىمىدى ياراتقان ئۇلۇغ اللە نى،
تارتىۋاتىمىز شۇڭا بۇنىڭ دەردىنى
قىلىپ يۈرۈپ ئەشۇنداق ئېغىر گۇناھنى.
مەگەر سەن بىر مۆئمىن دادا بولغان بولساڭ
قىزىڭ دىلغا ئىمان ئۇرقى سالغان بولساڭ،
بولارمىدى مۇشۇنداق قىزلارنىڭ ھالى
اللە بۇيرۇغان تەربىينى قىلغان بولساڭ؟
قىزلىرىڭنى ئۆزەڭ ئوبدان باشقۇرمايسەن
خوتۇنلىرىڭغا تۈزۈك ئىگە بولمايسەن،
شۇنداقتىمۇ قىلچەنومۇس قىلماي تېخى
قىز-ئاياللار نىمە بولدى،دەپ قاخشايسەن.
اللە تەئەلا دېدىكىن بەقەرەدە:
"ئەرلەر ئارتۇق ئايالدىن بىر دەرىجە"
بىزنىڭ شوئارىمىز :ئەر-ئاياللار باراۋەر!
قارشى چىققانلىققۇ اللە قا ئەلبەتتە؟!
ئاياللار ئىدى ئەسلى ئەرنىڭ ۋەتىنى
بالىلار بولسا ئىدى ئەرنىڭ مىللىتى،
شۇ مىللەت،شۇ ۋەتەنگەباش بولالارمۇ؟
تۈزەلمىسە تېخىچە ئۇنىڭ ئىللىتى ؟
ئۇنىڭغا بىر اللە لا ئىدى كۇپايە
جاندىن،دۇنيادىن غەم يەپ بولمايتتى زايە،
بىلدۈرەتتى باللارغا ئىمان -ئىسلامنى
سالاھىيەتلىك ئاتا بولسا ئەگەردە.
دىلىدا ھۆكۈمران اللە تەقەززاسى
جان تەسەددۇق جەڭگاھتا ،اللە رىزاسى
اللە ئۈچۈن جەڭ قىلاتتى قانلەر كېچىپ،
ئەنە ئاشۇنداق ئىدى ئاتا ئوبرازى.
پالاننىڭ قىزى دىبادا يۈرۈپتۇدەك
پوكوننىڭ ھەم بىرى بىلەن مېڭپتۇدەك،
پىتنە-ئېغۋادېگەن ئالامەت كۆپ بىزدە
ئىنسانىيەتكىمۇ ئەۋرىشكە بولغۇدەك.
ئويلىساق بولمامدۇ بىز زادى كىم؟
ھەم پادىلىرىغا ئىگە بولسا ھەركىم،
قىز- ئاياللارمۇ ئىزىغا چۇشەر ئىدى
ھالىمىز بۇنداق خاراپ بولماستى بەلكىم.
گەپ قېيىپ كەتكەن بولسا اللە كەچۈرسۇن
قىزلىرىمىز بۇ گەپكە ئېسلىۋالمىسۇن،
تاز ىلاپ ۋۇجۇ دىدىكى نۇقسانلارنى
پاك بىر ئۇيغۇر مۇئمىنە بولۇپ يېتىلسۇن(امن)!
ئەي يىگىتلەر ! بىز بۇنداق كېتىۋەرمەيلى
"ئەر"دېگەن نامنى بۇنداق سېتىۋەرمەيلى،
بولدى ئەمدى غەفلەتتە يېتىۋەرمەيلى
ئوبرازىمىزنى قايتا راۋرۇس تىكلەيلى!!!
ئاپتۇرى : مەردان