باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1296 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يۈرەك بۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 08:52

يۈرەك بۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ

يۈرەك بۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ
(مۇخەممەس)

ئىشەندۇققۇ بەزىدە باخشى،داخان، رەمچىگە،
ئايانماستىن بارنى تۆكتۇق يۈزسىز قېرى دەللىگە،
ئاچچىق ساۋاق بەردى ھايات يەتمەك بولساق پەللىگە،
كىسەل تارتساق سەۋەپ قىلماي،گۇناھ ئارتتۇق تەڭرىگە،
ئەجەپ موھتاج بولۇپ قالدۇق"قوتورلۇق"تىن رەندىگە.

نېمە بولدى بىلمىدىم،تۇققان تۇرۇپ ياتلاشتۇق،
بىرىمىزنى بىرىمىز چاقتۇق ياكى دادلاشتۇق،
يېنىپ ھەسەت ئوتلىرى كۆرەلمىدۇق،قەستلەشتۇق،
شۇ سەۋەپتىن ئۆزگىلەر ئالدىدا ھەم پەستلەشتۇق،
ئادىمىيلىك،غۇرۇرنى قويىۋەتتۇق رەنىگە.

قان-قېرىنداش مىراس دەپ ،خوراز كەبى چوقۇشتۇق،
كۆكلەپ قالسا بىراۋلار ئۈستىدىن گەپ توقۇشتۇق،
چوڭ ئىشلارغا كۆز يۇمۇپ ،كىچىك ئىشقا سوقۇشتۇق،
قالدى مىللىي ئەنئەنە،"غەرب"بىلەن تۇنۇشتۇق،
شەرمىي-ھايا ئەخلەقنى تۇتىۋەتتۇق رەندىگە.

ئۆگەندۇق بىز تاماكۇ،خىروئىنغا ھەم ئاققا،
چىلىشىپمۇ قالدۇق ھەم چىۋىن كەبى ھاراققا،
مەستلىك بىلەن تۇتۇلدۇق نەچچە قېتىم تاياققا،
ھەم بەزىدە كىرىمىز نامۇۋاپىق ياتاققا،
شۇڭا نۇرغۇن كىسەلنىڭ قۇلى بولدۇق مەيلىگە.

بىللە بولساق تۆت خوتۇن رېستۇراندا ئولتۇردۇق،
قايسى كىيىملەر مودا بولدى ،قايسى قالدى ئۇقتۇردۇق،
"باش كۆتۈرمەي"چاچلارنى بۈدرە قىلدۇق،كەستۈردۇق،
پېتىپ قالماي يولغا دەپ چىنە پىش خىش ياتقۇزدۇق،
ئايلىنالماي قالدۇق بىز ئەۋلات ئۈچۈن ئۈلگىگە.

باشلىق بولساق شۇ ھامان ،ئاشتى خورەك -خۇيىمىز،
بىرى كېلىپ يالۋۇرسا،بولۇپ كېتەر "توي"ىمىز،
"غوجام"كەلسە تەكشۈرۈپ،قوزا- پاقلان سويىمىز،
خىزمەتنى كۆپ "پەردازلاپ" ھەم ئۇلارغا سۇنىمىز،
شۇ سەۋەپتىن"غوجام"لار يەتمەس خەلق دەردىگە.

ئەمەلدىنمۇ ئايرىلدىڭ ئۆتكۈزگەچكە جىنايەت،
يوقاپ كەتتى ئارىدىن ئادىللىق ھەم دىيانەت،
كىرىپ قالدى زامانغا باشقىچە بىر قىياپەت،
بۇنداق ماڭساق تىز كېلەر بىزگە ئاپەت ،قىيامەت،
ئالدىغىلا ماڭغانلار باقماس بىر رەت كەينىگە.

تېخى قورقماي يۈرىمىز،بىزدە بارغۇ "مۇقام"دەپ،
"ئېشەك بولسا يوقمىدى ھەم ئۇنىڭغا توقام"دەپ،
خەقلەر ئۇچتى كۆكلەردە،ئاينى مېنىڭ "ئۇۋام"دەپ،
بىز يۈرىمىز لەغمەنگە تەييار مانا"چوكام"دەپ،
شۇ سەۋەپتىن يېتەلمەي قالدۇق ئېگىز پەللىگە.


مەنبە:تاش


1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1557
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1557دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 16345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-03-29

تىلى ئۆتكۈر ،مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ ، تالانتىڭىزغا ئاپىرىن !
اللا
INSAN HAYATIDIKI AJALLIK ILLAT TAKABBURLUK
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4096
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2012-03-18
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 11:24

bakmu pasahatlik ,qongkur manalik  muhammas ikan kirindixim   ozimizni yana bir kitim tonup yattim
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 232
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 13:05

ئېسىلكەن
توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
    ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 766
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە766دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8182 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-03-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 15:02

تاش .تاشتەكىلا  يۇرەكنى ئىزدىغان ئەسەركەن ھەممسى بىزدە بار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1201
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 3692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-06-15
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-10 21:52

ئىنتايىن ياخشى يىزىلىپتۇ. شىېئىرغىلا ئوخشاپتۇ دىسە (چاقچاق)
 مەن تىخى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان شىئېرمىكىن دىسەم مەنبەسى ئۆزىڭىزكەن ئەمەسمۇ؟ھارمىغايلا