سەرگەردان كىملىك
(بۇ شېئىر بولدىمۇ ياكى قۇرۇق گەپمۇ بىلمىدىم،ئەمما مۇنبەر گە يوللاپ قويدۇم)
تالا مۈشۈكى قوغلاپ چىقارغان
كەبى ئۆي مۈشۈكىنى.
مەدىنىيەت تونى كەيگەن ئىللەتلەر
قوغلاپ چىقاردى"كىملىك"ىمىزنى.
توسوشقا ئۇنى ئۇرۇنمىدۇققۇ؟
ئېچىپ قويدۇق چوڭ دەرۋازىمىزنى.
ياكى يېپىشقا ئۈلگۈرمىدۇقمۇ؟
ھاۋا ئالماشماي،روھ ئالمىشىۋاتقان،
قىيا ئوچۇقلۇق دېرىزىمىزنى،
ھەمكارلاشتۇق ناچار ئىللەتكە،
ياق!!
بىزلەر ئۇنىڭ مەھكۇمى بولدۇق.
مەھكۇملۇقتا تۈگەشتى روھلار،
نەدە قالدى ئىتىقاد-ئىمان؟؟!!
قوغلىۋەتتۇق"كىملىك"ىمىزنى.
لېكىن،يىراقلاپ كەتمىدى بىزدىن،
ماراپ يۈرۈيدۇ تۈڭلۈكىمىزنى.
كوچىدا ئاڭا ئۇچراپ تۇرىدۇ،
تۇنۇش ئىسكىلىت،ناتۇنۇش بىر روھ
ھەممە كىشىلا پارۋاسىز ئاڭا
شۇڭا
ئۆز يۇرتتا سەرگەردان"كىملىك".
مەنبە:تاش