|  |
 | ھازىى بۇنداق ناھەق ئىشلار بەك كۆپ ، مەن مۇنداق بىر ئىشنى كۆرگەن يەنى سوت ھۆكىمىنىڭ بىر ئاخشامدىلا ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقىنى . يەنى بىر دېھقانىڭ يېزلىق ھەكۆمەت بىلەن بىر ئىش توغۇرلۇق سوتلۇشۇپ ، دەۋادا يېزلىق ھۆكۆمەتنى يەڭگەن ، ھۆكۆمدىمۇ دېھقان يەڭدى دەپ ھۆكۆم چىقارغان ،بىراق ئەتىسى دېھقان ھۆكۆمنى ئالغىلى سوتقا بارسا ھۆكۆم بىر ئاخشامدىلا ئۆزگىرىپ دېھقان يىڭلىگەن دىگەن ھۆكۆمنى دېھقانغا بەرگەن ،بۇنۇڭغا ئەمدى نېمە ددېگۈلۈك  |  |
 |
ۋاي سىز نىمىشقا خەقتىن ئاڭلىۋالغان ئاساسى يوق گەپلەرنى بۇ يەردە يىزىپ يۇرۇسىز؟يۇقارقى يازمىڭىزدىن دېلۇنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ قۇياي دىدىم،شۇ دىھقان بىرىنچى كۈنى يەڭگەن ھۆكۈمنى نىمىشقا ئالماپتىكەن؟ ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى بىسىلىپ بولغان ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ئادەم يوق ماۋۇ جاھاندا. پەقەت يۇقۇرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى تەرتىپ بويىچە دېلۇنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەپ بولغاندىن كىين ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنىڭ پاكىتى بىكىتىلىشى توغرا بولمىغان بولسا، قانۇن ماددىلارنى تەدبىق قىلىشى ، بىر تەرەپ قىلىشى مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قارىغان بولسا قانۇن بويىچە ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىدۇ.
مىنىڭچە بىرىنچى كۈنى سوت ئۈستىدە دىھقان ئۆزىنى دەۋادا ئۇتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان بولۇشى كىيىن قارىسا ھۆكۈم ئكزى ئويلىغاندەك چىقمىغان بولۇشى مۈمكىن.بىزمۇ ئۇنداق ئىشلارنى جىق كۆردۈق. ئادەملەرنىڭ ساپاسى ، مىجەزى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر لى چۈشۈنىدۇ. بەزىلەر ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ مەڭگۇ جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالىدۇ. جاھىللىق قىلىپ مەركەزگە بارسىمۇ دەلىل- ئىسپات يوق بولسا دەۋاسى پۈتمەيدۇ . شۇ
سىزگەقىرىنداشلارچە تەكلىۋىم. بۇ دىگەن خەلقارالىق مۇنبەر. بۇ يەردە كوچا پاراڭلىرىنى تارقىتىپ يۈرسىڭىز ياخشى بولمايدۇ. ھىچ بولمىغاندا مۇشۇنداق <خوتۇنلار نىمە دەيدۇ > دىگەندەك ئىنكاسلارنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈزى چۈشىدۇ خالاس.
[ بۇ يازمىنىsawirqan 2011-03-11 15:15قايتا تەھرىرلىد ]