باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1236 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا(قاينامى)
http://kaynami.blogbus.com/
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 14
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 58 %
مۇنبەر پۇلى: 52 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2010-11-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-05-31 23:12

سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا(قاينامى)

سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا
ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى
 
                                         
ئېقىپ كېلەر تاغ-دالىلاردىن
شورلۇق يېشىم سۈرەنلەر سېلىپ
سايىلەردە يالقۇن ۋە لاۋا
ئوت ئىچىدە تولغىنار دالا
سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا
 
قىشنىڭ تاتلىق غەملىرى قالغان
ئۆچكەن ئوتلار كۈللىرىدە ئىز
قالدى ئۆيلەر ئانا روزىغار
مۇڭ چىرمىغان كەپىلەردە بىز...
 
تاڭلار يورۇق خىيالىمدا سىز
ئوخشىمايدۇ ئويلارغا تويلار
مەن قايتىمەن ئۆيگە پەرىشان
ھىدىم ئېلىپ مەرەيدۇ قويلار
 
سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا
تەرلەپ پىشىپ ئىشلەيمەن باغدا
سۈڭىكىمنى چانايدۇ كەتمەن
دىدارىمىز قالغۇسى داغدا
سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا...
 
روھ يۇلقۇنار بالاغىتىدە
ئەتراپىمدا ساماۋى تام بار
سۈڭەكلىرىم چىرىپ كەتسىمۇ
يۈرىكىمدە ئۆچمىگەن شام بار
 
سىز كۆرگىلى كەلگەن شۇ چاغدا
مېنى ئىزلەڭ قەبرىلەر ئارا
زۇمچەك-زۇمچەك يۈرەك ئىچىدە
پىلدىرلايدۇ ئۆچمىگەن يارا
ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئاققان
مېنىڭ قېنىم قىزىل ۋە قارا
 
تەنلىرىمنى سوراپ تۇپراقتىن
مەن ئىشلەيمەن ئېتىزدا،باغدا
ئۇچۇپ كېتەر بىر تال يۇپۇرماق
سىز كۆرگىلى بارغان شۇ چاغدا...
باھالاش خاتىرىسى:
  • 铜币:+1(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 702
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
    ئۆسۈش: 1870 %
    مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
    تۆھپىسى: 85 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-30
    ئاخىرقى: 2011-08-18

    ئىلھام ... ئىلھام!    قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.   قەلەملىرىڭىز كۈندىن كۈنگە ئىلھام تاپقاي.
    ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
    بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.
    ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 5
    ئومۇمىي يازما: 475
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
    ئۆسۈش: 228 %
    مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-28
    ئاخىرقى: 2012-01-16
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-05-31 23:46

    ئابدۇرەھىمجان شېئىرلىرىڭىز بىر بىرىدىن سەر خىل ........
    ھارمىغايسىز، مۇنبەر سىلەردەك تاللانتلىقلارغا  مۇھتاج
    http://kaynami.blogbus.com/
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 14
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    ئۆسۈش: 58 %
    مۇنبەر پۇلى: 52 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-28
    ئاخىرقى: 2010-11-13
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-01 23:46

    ھەممىڭلارنىڭ رىغبىتىڭلارغا رەھمەت...سىلەرنىڭكىنىمۇ كۆرۈپ تۇرايلى،ئايقۇت