ياخشى كۆرۇش-سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇزۇن ئالاقىلاشماي،بىركۇنى توساتتىن ئۇنىڭ تىلفۇنىنى ئالغان چاغدا كۇلۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىمالال پاراڭلىشالايسىز.
سۆيۇش-قارشى تەرەپ بىلەن بىر قانچە كۇن ئالاقىلاشمىسىڭىز،تاقەتسىزلىك بىلەن تىلفۇن ئۇرىسىز،ئۇنىڭ ئاۋازى ئاۋۋال ئۆپكىڭىزگە ئۇرلىدۇ،ئاندىن سىز كۇلىسىز.
ياخشى كۆرۇش-ئۇنىڭ بىلەن يۇز كۆرۇشكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ سىزنىڭ يىقىن ئادىمىڭىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
سۆيۇش-ئۇ ھەرمىنۇت،ھەر سىكىنۇت يادىڭىزدىن چىقمايدۇ،كۆزئالدىڭىزدىن كەتمەيدۇ.
ياخشى كۆرۇش-تىخىمۇ شىرىن بولىدۇ.
سۆيۇش-قىرتاقلىقى بىلەن جاننى ئالىدۇ،لىكىن چىندىلىڭىزدىن رازى بولىسىز.
ياخشى كۆرۇش-سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا ۋاقتىڭىزدا سىز ئوزىڭىزنى ناھايىتى خۇشال ھىسقىلىسىز.
سۆيۇش-قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا سىز ئاجايىپ تۇيغۇلار ئىچىدە قالىسىز.
ياخسى كۆرۇش-ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن زوقلىنىسىز.
سۆيۇش-ئۇنىڭ كەمچىلىكىگە چاپان ياپىسىز.
ياخشى كۆرۇش-قارشى تەرەپ بىلەن ئىككىڭلار ئۇتتۇرسىدا داۋاملىق تۈنۈگۇن ۋە بۈگۈننىڭ پارىڭى بولىدۇ.
سۆيۇش-ئۇنىڭ بىلەن ئەتەڭلەر ھەققىدە گۇزەل تەسەۋۇرلارنى قىلىسىز.
ياخشى كۆرۇش-بەخىشئىتىدىغىنى مەڭگۇلۇك شاتلىق.
سۆيۇش-كۆپ ۋاقىتلاردا يىغىغا تولغان بولىدۇ.
ياخشى كۆرۇش-قارشى تەرەپ ئىسىڭىزگە كەلگەندە يىقىملىققىنە كۇلۇپ قويىسىز.
سۆيۇش-قارشى تەرەپ ئىسىڭىزگە كەلگەندە ئاسمانغا قاراپ خىيال سۈرىسىز.
ياخشى كۆرۇش-ئۇنىڭ بالىسى بولسا چوقۇم ياخشى كۆرۇپ قالىمەن دەپ ئويلايسىز.
سۆيۇش-بىر كۇنلەر بالىمىز بولۇپ قالسا بالىمىز كىمگە ئۇخشار دەپ باش قاتۇرىسىز.
مەنبە؛ئىقىن ژۇرنىلىدىن ئىلىندى.