[upload=1]
ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش قىلمىشى، دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقان كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىدىن بىرى....
ئىرق، كۈلتۈر، بايلىق ۋە ياش پەرقى ئايرىمايدىغان كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق جەمئىيەتلەردە ئۇچرايدۇ.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ.
دۇنيادا ھەر 10 ئايالدىن 6 سى، قاتتىق قوللۇق قىلمىشى ۋە جىنسىي زورلۇققا دۇچ كېلىدىكەن.
ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش قىلمىشىنىڭ ماكان ۋە زامان پاسىلى بولمايدۇ.
ئۆيدە، كوچىدا، ئىش ئورنىدا، ئېتىزدا، پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا، ھەتتا مەكتەپتىمۇ ئاياللار قاتتىق قوللۇق قىلمىشىغا ئۇچرايدىكەن.
ئۆزىنى قوغداشتىن ئاجىز كېلىدىغان ئاياللار توقۇنۇش، ئىختىلاپ ۋە قالايمىقانچىلىق ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان رايونلاردىمۇ بۇ خىل مۇئامىلىنىڭ قۇربانى ئىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش يالغۇز جىسمانىي تەرەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.
جىنسى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن قاتتىق قوللۇق ۋە قوپاللىققا دۇچ كېلىدىغان ئاياللار ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئىكىسپولاتاسىيە قىلىنماقتا.
بەزى جەمئىيەتلەردە ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلمىشى كۆرمەسلىككە سېلىنىدۇ، شۇڭا بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلار يېنىكلا جازاغا تارتىلىدۇ.
قاتتىق قوللۇققا ئۇچرىماي تۇرۇپمۇ ھايات كەچۈرۈش ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 10 دۆلەتتە 20 مىڭ ئايال ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەر كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ.
ياپونىيەدە شەھەرلەردە ئاياللارنىڭ يولدىشىنىڭ قاتتىق قوللۇق قىلىشىغا ئۇچراش نىسبىتى 15% ئەتراپىدا بولغان بولسا، ئېفوفىيەدە بۇ 70%تىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى 30%بىلەن 60% ئەتراپىدا ئىكەن.
16ياش بىلەن 44 ياش ئارىسىدىكى ياش قىزلار ۋە ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش، مېيىپ بولۇش ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
دۇنيا بانكىسى 17 يىل ئىلگىرى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ياش كاتىگورىيەسىدىكى قىزلار ۋە ئاياللارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشنىڭ قاتناش ۋەقەسى، ئۇرۇش، راك ۋە بەزگەك كېسىلىگە قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ت ر ت خەۋىرى