بىر ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئككى ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئككى خىل كەسىپتە ئوقۇيدىكەن،ئۇلار ئالىي مەكتەپكە ئوخشاش ۋاقىتتا كەلگەن بۇلۇپ شۇنداق ياقىن دوستلاردىن ئىكەن،مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسىرى رەھىملىك اللە نىڭ رەھمىتى بىلەن ئۇلاردىن بىرى ھىدايەتكە كىرىپ پۇتكۇل ئويۇنلارنى تاشلاپ ئسلامىي يولغا كىرىپتۇ،قالغان نامىزىنى ياتاقتا ئوقۇسىمۇ،جۇمە نامازنى يىراق كۇرمەي مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇشنى ئادەت قىلىپتۇ،ھەم ئۇزىنىڭ كۇندىن -كۇنگە يەڭگىللەپ قالغاندەك،ئەمدى تۇرمۇشىنىڭ مەناسىنى تاپقاندەك بولۇپتۇ.
بىر جۇمە ئۇ دوستىغا مەھچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇشنى ئېيتىپتۇ،ئەمما دوستى بارمىسا بولمايدىغان بىر ئوتۇرۇشنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلىپتۇ.يەنە بىر جۇمەدە زۇكام بولۇپ قالدىم دەپ رەت قىلىپتۇ،كىيىنكى جۇمەدە يېڭىدىن سېتىۋالغان كاستۇمىنىڭ تىزنىڭ كەپ بولۇپ كېتىشىنى دەپ رەت قىلىپتۇ،يەنە كېيىنكى قېتىمدا ئۇزى ئەڭ ئامراق يېشىل رەڭلىك كاستۇم سېتىۋالغانلىقى پۇرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يەنە رەت قىلىپتۇ.ئۇنىڭغا شۇنداق نەسىھەت قىلسىمۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ مەسچىتكە ئېلىپ چىقالماپتۇ.
بىر كۇنى كەچتە ناماششەمنى ئەمدى ئوقۇپ بولىشىغا تېلىفۇن كېلىپ ھېلىقى دوستىنىڭ مەسچىتتە ئىكەنلىكى دەرھال كېلىشى لازىملىقى ئېيتىلىپتۇ،ئۇ مەسچىتكە بېرىپتۇ،مەسچىتكە كوپ ئادەم يىغىلغانىدى....ئۇ دوستىغا دەپتۇ:"ئەجەپ مەسچىتكە بېرىشقا ئۇچ ئىدىڭغۇ،بۇگۇن ئەجەپ كېلىپسەنغۇ؟!!"......"گەپ قىلە،گەپ قىلمايسەنغۇ؟"....ئەپسۇس ئۇ يېشىل رەڭلىڭ يۇپۇق ئاستىدىكى تاۋۇتنىڭ ئچىدە ئىدى...........................................................