باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1759 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەرھۇم ئەرباقان-ب د ت نى بايقۇت قىلىش كېرەك
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 20:30

مەرھۇم ئەرباقان-ب د ت نى بايقۇت قىلىش كېرەك




مەرھۇم پروفىسسور دوكتۇر نەجمىددىن ئەرباقان توغرىسدا كونا خەۋەرلەر


ئاپرېل 16,2010
 2010
ئەرباقان: One Minute بىزنىڭ ئەسىرىمىزدۇر
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلگىرى باش مىنىستىرلىرىدىن نەجمىددىن ئەرباقان، گىرمانىيەدە ”مىللىي كۆرۈش ھەرىكىتى“ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە ئەيىبلەش ئوقلىرىنى غەرب دۇنياسىغا قارىتىش بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئالاقىدارمۇ مۇھىم نوقتىلارنى تىلغا ئالدى.
ئەرباقان، ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي كۆرۈش (IGMG) جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىن تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىر توي سالونىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا، مىللىي كۆرۈش ھەرىكىتىنىڭ، مىللەتنىڭ ئۆز ئەسلىگە قايتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ”مىللىي كۆرۈش ھەرىكتى يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغۇچىدۇر“ دېدى.
پەقەت تۈركىيەگە ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ سائادىتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن ئەرباقان؛ ئىسلامىيەتنىڭ ۋە مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ياخشى چۈشىنىلىشى كېرەكلىكىنى، جىھادنىڭ سۆز مەنىسىنىڭ توختىماستىن تىرىشىش، ئىشلەش ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئىنسانلارنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
غەربلىكلەرنىڭ ئىلىمنى، پاكىزلىقنى ۋە ياخشى ئەخلاقنى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگەنگەنلىكىنى، ئەمما بۇنى ھەر زامان ئىنكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرباقان، ”غەربلىكلەرگە خىتاب قىلىمەن: ئۆزەڭلارغا كېلىڭلار، بىلمەستىن سۆزلەۋاتىسىلەر. مەقسەتلىك ھالدا ئالداندىڭلار، پالاكەتكە قاراپ كېتىۋاتىسىلەر“ دەپ سۆزلىدى.
تۈركىيەنىڭ يوق قىلىنىشىنى ئۆزلىرىنىڭ توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرباقان، ”بىز ئىسرائىليەنى تېلىن نامايىشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن داۋۇستا ۋان مىنۇت One Minute سۆزى سۆزلەنگەن. تۈركىيەدە بۈگۈن بېشى روماللىق بىر جۇمھۇر رەئىسى ئايالى بولسا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، مىللىي كۆرۈشنىڭ ئەسىرىدۇر“ دېدى.
ئەرباقان، مىللى كۆرۈش سايىسىدە تۈركىيەدە كۆپلىگەن پىلانلارغا ئىمزا ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ”ئەمدى بۈيۈك تۈركىيە ۋە يېڭى بىر دۇنيانىڭ قۇرۇلىشى پىلانلىرىمىز بار“ دېدى.
ئەرباقانغا، ئىلگىرىكى ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى ئوغۇزخان ئاسىل تۈرك بىلەن ئىلگىرىكى ئادالەت مىنىستىرى شەۋكەت قازان ھەمراھ بولدى.
ئىيۇن 15, 2010
ئەرباقاندىن D-8 (تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت) ئەزالىرىغا: ئەمدى قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئىش قىلىش زامانى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى باش مىنستىرى نەجمىددىن ئەربەقان D-8 قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن توپلانغان ئەزا دۆلەتلەرگە ”ئەمدى قۇرۇق گەپ ئەمەس، ھەقىقىي ئىش قىلىش زامانى“ دەپ چاقىرىق قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىلگىرىكى باش مىنىستىر نەجمىددىن ئەربەقان؛ 13 يىلدا 6 قېتىم ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچقانلىقىنى، 12 قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى، 27 قېتىم ئەزا ھەيئەت ۋە 112 قېتىم تېخنىكىلىق يىغىن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ”بۇ يىغىنلارنى ئاچمىساقمۇ ھەرھالدا دۇنيادا يەنە بۈگۈنكى ۋەقەلەر بولاتتى“ دېدى.
بۇ يىغىنغا ئىلگىرىكى باش مىنىستىر نەجمىددىن ئەربەقان، سائادەت پارتىيىسى باش رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر نۇمان كۇرتۇلمۇش، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى ۋە ئىلگىرىكى سائادەت پارتىيىسى رەئىسى رەجەئى قۇتان، ئىلگىرىكى ئادالەت مىنىستىرى شەۋكەت قازان ۋە D-8 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى، كونسۇللار ۋە تەمسىلچىلەر قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن ئەربەقان D-8 ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ مەنىسىنى ۋە تارىخىي ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
D-8 يىغىنىدىن 15 كۈن بۇرۇن ”يېڭى بىر دۇنيا“ پىلانى ھەققىدە بىر يىغىن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەربەقان، ئۇ يىغىندا كۆرسىتىلگەن بىر فىلىمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى بىر ئەسىردە ياشىغان قىيىنچىلىقلىرى ناھايىتى ئوچوق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئاچلىق، يوقسۇزلۇق، كېسەللىك قاتارلىق مەسىلىلەردە يۈز كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئەربەقان، 2 مىليار ئىنساننىڭ ئاچلىق، كېسەللىك ۋە ناچار غىزالىنىش ھاياتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى 40 مڭ كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 مىڭ ئىنساننىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىۋاتقانلىقىنى، 800 مىليون ئىنساننىڭ ھەر كۈنى ئاچ ھالدا يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسا 1.7 مىليار ئىنساننىڭ ئەڭ ئاز 15 كىلو ئورۇقلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەربەقان، 30 مىڭ ئۆسمۈرنىڭ تامامەن ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولغان كېسەللىكلەر سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت چەكتى.
نەجمىددىن ئەربەقان دۇنيانىڭ يېڭى بىر دۇنيا سېستىمىسىغا قاراپ مېڭىشىنىڭ مەجبۇرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاساسىدا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ھەقىقەت چۈشەنچىسى ياتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئەربەقان، D-8 نىڭ دۇنيادىكى 5 مىليار ئېزىلگەن ئىنساننى ئۆز قوينىغا يىغقان ئەڭ بۈيۈك خەلقئارالىق ئورگان ئىكەنلىكىگە دىققەت چەكتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەھۇدىي دۇنياسىنىڭ بىر ئويۇنچۇقى ھالىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەربەقان، ئىسرائىلىيە خالىمىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىسلام دۇنياسى دۆلەتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بايقۇت قىلىشقا ۋە يېڭى بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشقا چاقىردى.
تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك شەرت!
رايوندىكى ئەڭ بۈيۈك مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئەربەقان، بۇ كۈچلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تېخنىكا جەھەتتە يېتەرلىك بولۇشى كېرەك دېدى. ”ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلسىڭىز، ئامېرىكا پۈتۈن قىسىملىرى بىلەن كېلىپ ئۈستىڭىزگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. 40 كېمە بىلەن كەلسە بىز 80 كېمە بىلەن كېلەيلى“ قانداق قىلىسەن؟ پۇلنى نەدىن تاپىسەن؟ بۇنداق قوراللار بىلەن سۇھيۇنىلارغا ئۈستۈنلۈك تەسىس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تېخنىكا جەھەتتە ئۈستۈنلۈك تەمىن ئېتىلىشى كېرەك. ئۇلار ئاۋياماتكىدىن ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئارقىسىغا قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كېمىسىگە ئاتالىساق، ئاندىن ئۇلاردىن ئۈستۈن بولالايسىز“ دەپ سۆز قىلدى.
ئەربەقان بۇ رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى بىر پۇل بىرلىكى، يېڭى بىر دۇنيا بانكىسى، ئاخبارات تەشكىلاتى ۋە ئاياللار ۋە ئائىلىنى قوغداش تەشكىلاتى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە قوشتى.

مەنبە-ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تورى
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1210
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1210دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14087 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-30

ب د ت بىر قۇنچاق خالاس....قېنى ئىنسانى ھۇقۇق قېنى ئىگىلىك ھۇقۇق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 69
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە69دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 841 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 23:31

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئۈممەت ئۈچۈن كۈيگەن كىشىلەرگە!
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1367
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1367دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 00:04

مىنىڭچە ئۇ دىگەن گەپلەرنى ئۇ ئاتالمىش مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئورۇندىيالمايدۇ
ئايرىم بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ئايرىم دۇنيا بانكىسى  ئۇلار نە بىرلىك نە ئۆملۈك بولمىسا ئۇ ئىشلارنى قانداق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ           .         ئۇ ئەرەپ دۆلەتلىرىگە قاراپ باقايلى : تىلى بىر  دىنى بىر  مىللىتى بىر تۇرۇپ 25 مۇستەقىل دۆلەتكەبۆلۈپ باشقۇرىدىغان تۇرسا        غەرپكە قاراپ باقايلى : تىلى ئايرىم مىللىتى ئايرىم تۇرۇپ پۇلىنى چىگرىسىنى بىر باشقۇرىۋاتمامدۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 70
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 437 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2012-02-17
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 02:25

3-قەۋەت (natsist) نىڭ يازمىسىغا

گېپىڭىز ئورۇنلۇق ئۇلاردا ئۆملۇك يوق
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 927
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە927دانە
ئۆسۈش: 3260 %
مۇنبەر پۇلى: 11632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 15:17

شۇنچە كۆپ ئەرەپ دۆلەتلىرى ، قاچانكى << ياۋرۇپا ئىتتىپاقى>> غا ئوخشاش بىر مۇكەممەل ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشالىسا ئاندىن ئۇلار، ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ !!! ۋە دۇنياغا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ .
ئۇنداق بولمايدىكەن ،ھەرقانچە قىلسىمۇ دۇنيا ئۇلارنى تاشلاپ كېتىۋېرىدۇ ...ئسرائىلىيە داۋاملىق بۇزەك قىلىۋېرىدۇ .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
قالدى، نى-نى ئارىسلانلار دەشتى چۆلدە قەۋرىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1210
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1210دانە
ئۆسۈش: 2520 %
مۇنبەر پۇلى: 14087 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-03-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-08 15:54

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ئۆركەش نىڭ 2011-03-08 15:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
شۇنچە كۆپ ئەرەپ دۆلەتلىرى ، قاچانكى << ياۋرۇپا ئىتتىپاقى>> غا ئوخشاش بىر مۇكەممەل ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشالىسا ئاندىن ئۇلار، ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ !!! ۋە دۇنياغا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ .
ئۇنداق بولمايدىكەن ،ھەرقانچە قىلسىمۇ دۇنيا ئۇلارنى تاشلاپ كېتىۋېرىدۇ ...ئسرائىلىيە داۋاملىق بۇزەك قىلىۋېرىدۇ .

مەنچە بولغاندا قاچانكى پۈتۈن ئىسلام ئۈممەتلىرى،بىرلەشسە