نورۇز كەلدى
( مۇخەممەس )
باش باھارنىڭ كۈنىدە، نورۇز بوۋاي كۈلمەكتە ،
دىھقان ئاكام ئېتىزدا، كەتمەن يۇتۇپ يۈرمەكتە ،
تال-چىۋىقنى ئات ئېتىپ، نەۋرەم ئاتنى سۈرمەكتە ،
قىش-زىمىستان باش ئىگىپ، يىراقلارغا كەتمەكتە ،
نورۇز كەلدى خۇشاللىق، ئىللىق مېھرى سۆيمەكتە .
ئىللىق شامال ھىدلىرى، تەبىئەتنى سۆيگەندە ،
مۇمران مايسا بىخلىرى ، كۆزنى ئېچىپ كۈلگەندە ،
ئەگىز سۈيى تۇپراققا، قېنىپ-قېنىپ سىڭگەندە ،
مەۋجۇدادلار ئويغۇنۇپ، جان كىرگەنتى زىمىندە،
نورۇز كەلدى يالقۇنلۇق، مېھرى بىلەن دەسلەپتە .
بىدە كۆكى چۆچىرە، يىڭىلىققا تۇتۇلدى ،
بوت-بوت ياساپ ئوغۇللار، بەس-بەس بىلەن يىغىلدى ،
تال-چىۋىقتىن چاچ ياساپ، قىزلار گۈزەل تۇيۇلدى ،
نەۋ باھاردا قوشاقلار، كۈندە-كۈندە ئوقۇلدى ،
نورۇز كەلدى يىڭىلىق، باغلام-باغلام كۈلدەستە .
نورۇز كەلدى نەۋ باھار، بىز ئوينايمىز شاد -خورام ،
نورۇز ئېشى- بىر سەنئەت، چۆمدى ھەممە كۆپ قاينام ،
ئىناق-ئىجىل ياشايمىز، ئەلگە بىرىپ كۆپ سالام !
غايە بۈيۈك باھاردا، ۋەدە بېرىپ شوخ بالام...
نورۇز كەلدى بايراملىق، ئەلگە شۇنچە سەنئەتتە .
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق