باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1240 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەھمەت نىجاتنىڭ ئوباماغا ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 143
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 3130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-03-07 10:37

ئەھمەت نىجاتنىڭ ئوباماغا ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسى

 بۇ بولسا ئەينى چاغدائەھمەت نىجاتنىڭ ئوباماغا ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسى ..
ئامرىكىدىكى << ۋاشىنگتون ۋاقتى گـېزىتى >> ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى  ئەھمەدى نىجاتنىڭ ئامرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭى ئوباماغا يازغان تەبرىكنامىسىنى ئەينەن ئېلان قىلدى. تەبرىكنامىنىڭ تولۇق مەزمۇنى مۇنداق:

براك. A. ئوباما جاناپلىرى:

مەن سىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئامرىكىلىق سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. خۇددى سىزگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەڭرى ئاتا قىلغان پۇرسەت ئىنتايىن چەكلىك. ئۇ ئىنسانلارغا ھەم بەخت- ئامەت كېلىدۇ. ھەم بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئاللا ئۇنداق ئىشلار (بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان)نى چەكلەيدۇ. مەن سىزنىڭ بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئامرىكا خەلقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىڭىزنى، خەلقنىڭ ھەقىقى مەنپەئىتى، باراۋەرلىكى، ھەققانىيلىقىنى ئاشۇ بىر توپ شەخسىيەتچى ۋە ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن قويۇپ، دۇنيا خەلقىگە ئاكتىپ مىراس قالدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاۋام ھازىر بىردەك ھالدا ھۆكۈمىتىڭىزنى دەل ۋاقتىدا بارلىققا كەلدى، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە سىزنىڭ ئامرىكا ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ تەىلىپىنى تىزلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى -تاشقى سىياسىتىنى ھەقىقى يوسۇندا ئۆزگەرتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك ئامرىكا خەلقى ھۆكۆمىتىڭىزنىڭ ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئاكتىپ جارىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ روھىنى قايتا ئۇرغۇتۇشنى، قەدىر- قىممىتى ۋە ئۈمىدىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نامراتلىق ۋە كەمسىتىشنى يوقىتىشىڭىزنى، خەۋپسىزلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىپ، ئامرىكا ئاھالىلىرىنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىشىڭىزنى ھەمدە ئەجدادلار روھى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەرخىل ساۋاقلارنى ئاساس قىلغان ئورتاق قىممەتنى قوغدىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا خەلقى ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئىنسانىي ھەققانىيەت، مىللى قەدىر- قىممەت ۋە دۆلەتنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىپ، باشقا ئەللەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىزنى ھەمدە باشقا ئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىر ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، مەجبۇرلاش، ئالداش، تەھدىد سېلىش ئاساسىدىكى باراۋەر بولمىغان ھەمدە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتنى باشقىلارغا مەجبۇرى تاڭىدىغان سىياسەت ۋە قىلمىش دۇنيانىڭ بىردەك غەزىپىنى قوزغىدى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئامرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدۇ، بۇ ئامرىكا خەلقىنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ، ئەلۋەتتە!

كىشىلەرنىڭ جاناپلىرىدىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئۈمىدى شۇكى، ئامرىكا ئۆتكەن 60 يىلدا ئوتتۇرا شەرقتە يولغا قويغان ھەققانىيەتكە يات قىلمىشنى ئۆزگەرتىپ، بۇ سەزگۈر رايونغا ھەقىقى تىنچلىق ئاتا قىلىش، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش. بولۇپمۇ پەلەستىن، ئىراق ۋە ئافغانىستان، بۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئامرىكىغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى ئاللىقاچان پەلەككە يەتتى.

ئىران ھازىر زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان بۈيۈك مەدەنىيەتلىك دۆلەت. ھەققانىيەتنى ئىزدەش ئۇنىڭ بىردىنبىر نىشانى. بىز ئامرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنى ھەقىقى ۋە ئادىل ۋە تەلتۈكۈس ئۆزگەرتىشىنى قارشى ئالىمىز. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرققە قارىتىلغان سىياسەت ۋە قىلمىشقا تەلتۈكۈس ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى ئەڭ مۇھىم.

ئەگەر ئامرىكا توغرا يولغا ماڭالىسا، ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ پەندى- نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالسا، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاللاھتىن ئامرىكىغا ياردەم بېرىشنى تىلەش خاھىشى پەيدا بولىدۇ. ئامرىكا ئىلگىرى پەيدا قىلغان غايەت زور بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى مەلۇم دەرىجىدە كەچۈرۈشكە ئىگە بولالايدۇ.

تەڭرىدىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت ئاتا قىلىشىنى تىلەيلى. ئۇلارنىڭ سالامەتلىك، بەختىيار تۇرمۇش، قەدىر-قىممەت ۋە گۈللىنىشكە مۇيەسسەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلايلى. تەڭرىدىن رەھبەرلىرىگە ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ ساۋىقىنى قۇبۇل قىلىشقا پېتىنغۇدەك جۇرئەت ئاتا قىلىشنى، ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىرادە بىنا قىلىشنى، سەمىمىيەت ۋە قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئېكىسپالاتاتسىيە، ئاياغ ئاستى قىلىش قىلمىشلىرىنى يوقىتىدىغان جاسارەت بېرىشنى، ھېسداشلىق، كۆيۈنۈش ۋە ھەققانىيەتكە باي، مېھرىبان قەلب بېغىشلاشنى تىلەيلى!

- ئەھمەدى نىجات

شىنخۇا ئاگىنتلىقى ( ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى)
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 927
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە927دانە
ئۆسۈش: 3260 %
مۇنبەر پۇلى: 11632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-03-30

ياخشى يېزىپتىكەن . بىراق بۇ ئوبامامۇ ھازىر ئۇ چاغلاردىكى ھەيۋېتىنى يۇقاتتى. بۇ زوڭتۇڭمۇ يەنىلا كونا سەنەمگە دەسسەپ،باشقا ئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلىشىۋاتىدۇ . ئامېركا زۇمىگەرلىك ئورنىدىن چۈشمىگىچە بۇ خىل ھالەت ئۆزگەرمەيدىغان ئوخشايدۇ .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...