بىز گە چەكسىز رەھىم ئەيلىگەن،
تۆۋبە قىلساق بىزنى كەچۈرگەن.
قەلىبلەرنىڭ سىرىنى بىلگەن،
مەڭگۈ ھايات ئاللاھ بۈيۈكتۇر.
قىيامەتتە قايتا جان بىرىپ ،
مەھشىر گاھقا ھەممىنى يىغىپ.
تارازىغا بىر-بىرلەپ سېلىپ،
ھىساپ ئالغان ئاللاھ بۈيۈكتۇر.
نام ئەمەلنى قولغا بەرگەندە،
گۇناھىمىز ئېغىر كەلگەندە.
چەكسىز مېھرى شەپقىتى بىلەن،
رەھىم قىلغان ئاللاھ بۈيۈكتۇر.
ئىخلاس بىلەن باشنى ئىگىشكە،
چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرىشكە.
جان تەسسەددۇق قىلىپ ئۆلىشكە،
لايىق ئىگەم ئاللاھ بۈيۇكتۇر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ماڭا بۇ شئېرىنى بىر تورداش قېرىندىشىم يوللاپتىكەن ،بۇ شئېرىنى بەك ياختۇرۇپ قالدىم.شۇڭا مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم ،ئەگەر بۇندىن -بۇرۇن مۇنبەرگە يوللۇنۇپ بولغان بولسا ياكى باشقا مۇنبەردە كۆرگەن بولساڭلار ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر،