مەن يېقىندا 3- دىۋزىيە دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ، بالنىستا يېتىش رەسمىيىتىنى ئۈتەپ ، تاشقى كىسەللىكلەر بۈلىمىنىڭ 10-قەۋىتىگە چىقىپ، رەسمىيەتنى بىر سېستىرا قىزغا كورسەتتىم. 25 ياشلاردىكى سېستىرا قىز ماڭا قارىماستىن بىر جەدىۋەلنى توشقىزاشقا باشلىدى.
ئىسمىڭىز نىمە ؟ دەپ سورىدى مەندىن. مەن: جاپپار دەپ جاۋاپ بەردىم . سېستىرا قىز: ئاتىڭىزنىڭكىنى قېتىپ دەڭ. دىدى. مەن: جاپپار ئابدىكىرىم دەپ جاۋاپ بەردىم. سېستىرا قىز: نەچچە ياش ؟ دەپ سورىدى مەندىن. مەن . ئويلانغۇچە يەنە سورىدى. ئۈنلۇك قىلىپ، نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟ مەن 118 ياشقا كىردىم دەپ جاۋاپ بەردىم. سېستىرا قىز بېشىنى كوتىرىپ ماڭا قارىغان ئىدى، مەن ھودۇقۇپ، خاتا ھېساپلىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ، دادام 70 ياشقا كىرگەن، مەن 48 ياشقا كىردىم . دەپ تەكىتلىدىم. سېستىرا قىز ھە دەپ قويۇپ: بوي ئىگىزلىكىڭىز قانچە؟ دەپ سورىدى مەندىن. مەن : يەنە ئاتامنىڭكىنى قېتىپ دەمدىم ؟ دەپ سۇالىغا سۇاللىق جاۋاپ بەردىم.
شۇ كۇنى ئاغرىق ئازاۋىغا چىدىماي تۈۋەندىكى شىېرنى قەلبىمگە يېزىپ چىقتىم.
ھەجەپ ئاتمىدى تاڭ ئۇزارىپ كىچە
زەپ ئاغرىدى ئاغرىق ئۇخلاتماي مىنى
راس ئەمەسكەن ئاغرىق، مىنى ئەسلەتتى
ماڭغىنىمدا توككەن ئۈنسىز يېشىڭنى
2011-يىل 2-ئايىڭ 6-كۈنى